ئۆڭۈك ئادالەت

90
ار ق ى لپ ۇ و. ر ئ. غ دالەت ا ئ ۈۈك و ئ ە ج ى دەر ئ ۇ م. ون ف ى ې تدى ېد ج ات ىئ چ3 ن ت ر ى ب10 . ات ىئ چ3 ن كپ ك ې: ت ۈۈ; رش; ش ك ە ب ى ك ئ د دائ@ مەئ ەخ ب17 ۈ» « . ۈۈ مان و گ ە ە ج ن ت ە ب ات ىئ چ3 ن ى چ: ئ25 . لاسە و خ ى ل ق ە: لب ې ج ىك ك ې: ت ات ىئ چ3 ن پ ئ و ئ33 . ات ىئ چ3 ن پ; ش ە ب ۈ; ش ى ې لپ; ش ا ەئ ش; ى; ش لى ر ى خ ا: ئ43 ۈۈ. ى س لەگ و ك ن ما و گ ات ىئ چ3 ن پ ې ل ا: ئ50 . ; ش و ئ رۇ ئ ى ق ر ى خ ا: ئ ات ىئ چ3 ن پ ېZ ت ە@ ب62 . دەت ر ى: ب ى ن ېپ ك ا ىئ ق ر ى خ ا: ئ ات ىئ چ3 ن ت ر كى ك سە70 . ات ىئ چ3 ن ت ر ى ق ق و ئ ۈ ېدا س ى ار: ىئ ن ك ې ت ر كى لەن ې ت; اش ق86 مە ى ت ا چ94

Transcript of ئۆڭۈك ئادالەت

Page 1: ئۆڭۈك ئادالەت

غ. ئو. زۇلپىقار

 

 

 

 

 

ئۆڭۈك ئادالەت

مۇندەرىجە

10                           بىرىنچى باب. جىددى تېلىفون

17                           نەخ مەيداندىكى تەكشۈرۈش   ئىككىنچى باب.

25                           ئۈچىنچى باب. »نەتىجە« ۋە گۇمان

33                           تۆتىنچى باب. ئىككى خىل ئەقلى خۇالسە

43                           ئاخىرلىشىش ۋە باشلىنىش   بەشىنچى باب.

50                           ئالتىنچى باب. گۇمان كۆلەڭگۈسى

62                           يەتتىنچى باب. ئاخىرقى ئۇرۇنۇش

70                           سەككىزىنچى باب. ئاخىرقى پاكىتنى ئىزدەپ

86                           قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا     توققىزىنچى باب.

94                           خاتىمە

.قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىن بىلىنەر

خەلق ماقالى—

.بۇ ئالەمدە ھېچ نەرسە بەختسىزلىكتەك مۇكەممەل بولمايدۇ

»بالزاك »ساغرا تېرە—

 

 

Page 2: ئۆڭۈك ئادالەت

ھېلىغا ـ ۋىاليەتتە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان »سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشخانىسى« ھېلىدىن يېڭى مېھمانالر بىلەن تولۇپ تۇراتتى. ئاندا – ساندا كىشىلەر رەڭگىەە كۈلگە يۈگۈرتكەن ھالدا قايتىپ .چىقسا، كۆپچىلىكى مەيۈس ۋە سۇلغۇن ھالدا قايتىپ چىقىشاتتى

!ئىش شۇنداق ئېنىق تۇرسىمۇ، »مۇزاكىرە، مۇزاكىرە« نېمانداق تۈگىمىگەن مۇزاكىرە بۇ؟ —

ئالتە يەردىن خەت، تونۇشتۇرۇش، ئىسپات ئېلىپ كەلسەم، يەنە تۆت يەرنىڭ چاال قاپتۇ دەيدۇ، — قانداق گەپ بۇ؟

ھېلىغا غۇدىرىغان ئاۋازالر، نارازىلىق سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. دېمىسىمۇ »مەدەنىيەت - ھېلىدىن ئاپەت ئاز بولمىغان ئادەملەرگە ۋابال قىلىپ، ناھەق دىلالر ئۆمۈچۈك -ئىنقىالبى« دەپ ئاتالغان بااليى

تورىدەك چېگىلىشىپ كەتكەنىدى. بۇالرنى يېشىپ ھەقنى — ھەق، ناھەقنى — ناھەق قىلىپ ـ تە ئايرىماق ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس !

يىراقالردىن -مەھىكىمىلەر جايالشقان يوغان قورانىڭ ئىچىدىكى زىننەت ئورمانلىرى تېگىدە يىراقكېلىپ، ئايالپ يېتىپ، دەۋا قىلىۋاتقانالر مىغىلىدىشاتتى، ئۇالر ۋەيران بولۇپ، نامراتچىلىق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان غېرىپ كەپىلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا، ئۇالرنىڭ مېھمانخانىالردا يېتىشقا پۇلى يوقىدى. بەزىلەرنىڭ قايتىپ كېتىشكىمۇ پۇلى قالماي، چىرايلىرىنى سارغايتىپ ماغدۇرسىز ھالدا .كۆلەڭگىدە يېتىشاتتى

ئىشخانىغا كىرىپ چىققانالر سوغۇق گەپ ئاڭالپ، يىلىمان داڭقان پۇتى مۇئامىلىلەردىن كۆڭلى قېلىپقايتىپ چىقسىمۇ، لېكىن »پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوچاققا سېلىپ« قېيداپ كېتەلمەيتتى. ئۇالر قايتا ـ قايتا ئىلتىماس قىلىشاتتى، يالۋۇراتتى، تەلەپ قىلىنغان ئىسپاتالرنى تېپىپ يەنە كېلىشەتتى، يەنە قانداق باھانىلەر كۆرسىتىلىشىگە قۇالق ساالتتى، جېنى قاشايدىغانلىرى ۋارقىرايتتى، تىلاليتتى، بولدى قىلىپ قايتىپمۇ چىقاتتى، بۇ ئىش دەسلەپ ئىنسانپەرۋەرلىك قىلىش نوقتىسىدىن باشلىنىپ، بېجىرگۈچىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانالرغا چوڭقۇر خەيرىخاھلىق، ئېچىنىش تۇيغۇسى بىلەن چىن

»جاھاننىڭ رەپتايى« نى چۈشىنىۋېلىپ، ئىشقا  ۋە قېتىرقىنىپ ئىشلىگەن بولسا، بارا ـ بارا ساختىپەزلىك ئارىالشتۇرۇلۇشقا باشلىغانىدى. ئەسلىدە ئىش بىجىرگۈچىلەردىغۇ ئەيىپ يوقىدى، بىراق،ھەمىشە پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىدىغان كاززاپالر بۇ ئىشتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەزى ئادەملىرىنى )يېزىدىكى تۇققانلىرى، خىزمەتسىز يېقىنلىرى، ۋاھاكازا( مۇشۇ پۇرسەتتە خىزمەتكە ئورۇنالشتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە ئاللىقانداق يالغان ئىسپاتالرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ھەقىقىي دەرتمەنلەردىن چاپسانراق »سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ« كېتىشەتتى. ئىسپات بەرگۈچىلەر، ئىش بىجىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىدە تېنىمسىز گال — قوشۇقالپ ئالسىمۇ توننىالپ ئاشلىقنى يەپ تۈگىتىدىغان گال بولغاچقا ئۇالر »سوغات« ئۈچۈن »قولىدىن كېلىدىغان ياردىمى« نى ئايىماي بىرەر پارچە ئىسپاتنى يېزىپ بېرەتتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي دەرتمەنلەرگە نىسبەتەنمۇ ئەنە شۇنداق »سوغات« تەلىپى پەيدا .بولۇپ، بۇ »يول«بىلمەيدىغان بىچارىلەر قىينىلىپ قېلىشقا باشلىغان كېيىنكى مەزگىللەر ئىدى

، سىلىنىڭ ئىشلىرىنى نېمە دەيدا؟ — دەپ سورىدى كۆلەڭگۈدە ياتقانالردىن بىرى كارىدۇر [ 0 ]قارى — ئىشىكىدىن چىقىپ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقان ئۇستىخانلىق، بۇلجۇڭ گۆشلىرى بۆرتۈپ چىققان، چىرايى ھېلىال خامانلىقتىن كەلگەندەك قىزغۇچ قارامتۇل، چاچلىرىغا مەزگىلسىز ئاق كىرگەن كىشىگە .قارىتىپ

ھېچ نۆۋەت تېگىدىغاندەك ئەمەس، ئاغىنە، تاماكىلىرى بارمۇ؟ يېنىمدا بىر تىيىنمۇ پۇل قالمىدى، —— بالىلىرىم سەھرادا يېرىم ئاچ، يېرىم يالىڭاچ قالغان، ئۇالر نېمە ئىش تۇتىۋاتقاندۇ، دېسىلە،...

— ھەرھالدا مېنىڭ بۇ يەردە ساۋاقداشلىرىم، ئۇسقانلىق كىشى تاماكا يۆگىگەچ سۆزلەيتتى،ئىلگىرىكى خىزمەتداشلىرىم كۆپ بولغاچقا، بىر ئاز قېلىنلىق قىلىپ بولسىمۇ نۆۋەت بىلەن

زە، ياندا پۇل بولمىغاندىكىن ئالغان -ئۇالرنىڭكىدە ئانچە ـ مۇنچە جان بېقىپ كېتىۋاتىمەن، لېكىن ...قەدەملىرىمۇ بوش، جانسىزدەك يۈرەك پوك ـ پوك بولىدىكەن

بولدى، تېخى ئەھۋاللىرىنى ئېيتمىدىلىمۇ؟ سىلى بۇ يەردە چۆرگىلەپ يۈرگىلى خېلى —

Page 3: ئۆڭۈك ئادالەت

ئىش بىجىرگۈچىلىرىگىغۇ ئېيتتىم، ئۇ خەق شۇ، ھېلىقىدەك يىلىمان گەپ بىلەن ئاغا تارتىپ تۇرىدۇ، —قلىشىۋاتسا كېرەك، مەندە نېمە بوالتتى؟ مېنىڭ ھازىر كۈتىۋاتقىنىم بۇالرنىڭ چامامدا بىر نېمە تاما

...باشلىقى بىلەن بىر كۆرۈشۈپ بېقىش

خۇدانىڭ بىر بۇيرىقى باردۇر، كەلسىلە، بۇ يەردە مۇڭدىشىپ ئولتۇرىمىز، ئىنشائالال، تاماكام بۇ — .گۈن كەچكىچە راۋىرۇس يېتىدۇ

ئۇالر شۇ يەردە كونا پاختىلىق چاپانالرغا يامپاشالپ پاراڭغا چۈشتى، يېزىغا پاالنغاندىن كېيىنكى كۆرگەن كۈنلىرى ھەققىدە، تارتقان رىيازەتلىرى ھەققىدە، دەسلەپ بارغاندا جىسمانى ئەمگەك ئېغىر كېلىپ ۋەزىپىنى پۈتتۈرەلمەي قىينالغانىدى،... ھەممە نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلىشىپ كۈننى .كەچ قىلدى

كەچكە يېقىن ئۇالرنىڭ ئەتراپىدا بىر گۇمانلىق ئادەم ئايلىنىپ قالدى، ئۆزى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، يېڭى بايالردەك راۋىرۇس كىيىنگەنىدى. ئۇ پات ـ پات دەرەخلىك ئىچىدە يامپاشالپ ياتقانالرغا قاراپ

يۇ، يەنە چۆرگىلەپ نېرى كېتىپ -قوياتتى. گىپى باردەك، ھېلىال ئۇالرنىڭ ئالدىغا بارىدىغاندەك قىالتتىقاالتتى. يامپاشالپ ياتقان دەرتمەنلەر ئۇنىڭ بىركىمنى ئىزدەپ يۈرگەنلىرىنى قىياس قىلغان .بولسىمۇ، بىرىنچى بولۇپ گەپ سوراپ بېقىشقا ئېغىرلىق قىلدى

.مەھكىمىلەر ئاللىقاچان ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەنىدى. يوغان گەۋدىلىك كىشى ئورنىدىن تۇردى

—دېدى ئۇ تەقدىردىشىغا قاراپ،— سىلىمۇ بۈگۈن بىر تونۇشۇم ئۆيگە كېلىپ كەتكىن دېۋىدى... —تونۇملىكىن، مەتتۇردى، ساقچى. ئىلگىرى بىزنىڭ ناھىيىدە ئىشلىگەن، خىزمەتدىشىم ئىدى، مەن ھېلىقى كۈنلەرنى كۆرۈپ سەھرادا يۈرگەن چاغالردا ۋىاليەتكە يۆتكىلىپ كەپتىكەن، شۇ ئاغىنىمىز كەچتە كېلەرسەن دېۋىدى،...ـ ئۇ سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ يامپاشالپ ياتقان ھەمراھىغا

دېدى — يۈرمەمال بولمىسا، بىللە بېرىپ كېلىلى،... ئادىمىگەرچىلىك يۈزىسىدىن،— .

خوش، سىلى بېرىىپ كەلسىلە، »ئۆزەم پاتمىغان كاماغا، غەلۋىر بايالي قوڭامغا« دېگەندەك — .ئىشنى قىلمايلى، رەخمەت، ياخشى كۆڭۈللىرىگە، پاتراق كەلسىلە پاراڭلىشىپ ياتىمىز

...خۇدا بۇيرىسا،... بىر بولسا قونۇپ قاالرمەنمىكىن —

ئۇ كەتتى، ئۇ كېتىشى بىلەنال ھېلىقى ئالىپتە كىيىنگەن، »ئااللمىغان سادەك« ئايلىنىپ يۈرگەن كىشى .ئالدىراپ يامپاشالپ ياتقان كىشىنىڭ قېشىغا كەلدى

رەنجىمىسىلە، ئاكا، بىر گەپ سوراي دىۋىدىم... —ئۇنىڭ تاۋۇشالرنى تەلەپپۇز قىلىشى تازا توغرا — .ئەمەس ئىدى

.سورىسىال، مەنمۇ سىلىنى ھەقىچان بىرنېمە سورىماقچى دەپ تۇرغانىدىم —

ھېلى بۇ يەردىن كەتكەن كىشى تونۇشلىرى بوالمدۇ؟ —

ئىلگىرى تونۇشمايتۇق، خۇدا تەقدىرىمىزنى ئوخشاش قىلغانىكەن، مۇشۇ يەردە سۆرىلىپ يۈرگەن — جەرياندا تونىشىپ قالدۇق، قانداق دەيال؟

ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئابلەي ئەمەستۇر؟ —

.شۇنداق، شۇنداق دېگەنىدى —

ئىلگىرى ساقچى بولغانمىكەن؟ —

...ھە، ھە، شۇنداق ! سىلى؟ —

Page 4: ئۆڭۈك ئادالەت

ئۇ قاياققا ماڭدى؟ بىلەمال؟ —

.ئۇ بىر دوستىنىڭكىگە... مەتتۇردى دېگەندەك قىلىدىغۇ دەيمەن —

يوچۇن كىشى ئالدىراپ كېتىپ شۇ، ئەمسە شۇ! مەتتۇردى! خەير، سىلىنى ماالل قىلدىم،— — .قالدى

 

**************

 

.ئەتىسى قاق سەھەردىال كارىدۇر ئىشكىدە تەقدىرداشالر ئۇچرىشىپ قالدى

بۈگۈن نەدىن بولسا باشلىق بىلەن —دېدى ئابلەي ئەيىپكاردەك،— ئاخشام كېلەلمەي قالدىم، — .كۆرىشىمەن دەپ، سەھەر كېلىۋاتىمەن

تاماكا چېكەمال؟ ئاخشام ھېلىقى ئەگىپ يۈرگەن بايۋەچچە سىلىنى سورىغانىدى ئۇچراشتىلىمۇ؟ —

ياق، ئىشى بولسا يەنە ئىزلەر، ماقۇل ئەمسە...ـ ئۇ ئىزلىگەن ئادەمنىڭ كىملىكىگە ئېرەن قىلمىغان —بولىۋالدى. تەقدىردىشىنىڭ سۆزى ئۇنىڭ خىيالىغا ئاخشام مەتتۇردى دېگەن گەپلەرنى كەلتۈرۈپ، كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىپ قويدى، مەتتۇردى ئۇنىڭغا »ئۆمەر ھازىر ئىدارە باشلىقى بولۇپ قالدى. سېنىڭ ئىشىڭنىڭ ئاقلىنىپ چىققىنى ئۇنىڭ ئىناۋىتى ئورنىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا ئۇ قارشى ھەرىكەت قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەمەس ئىشقىلىپ سېنىڭ ئىشىڭ كاشال، ئاغىنە، مېنىڭ ھېچ كۆزۈم يەتمەي تۇرىدۇ،... ھەرھالدا ئانچە بەك داۋراڭ قىلماي يول ماڭارسەن...« دېگەندەك گەپلەرنى .قىلغانىدى

ئۇالر شۇ تەقلىدتە خادىمالرنىڭ ئىشقا چۈشۈشىنى كۈتتى خادىمالر ئىشخانىلىرىنى ئېچىشى بىلەنال گۈلدۈرلىشىپ ئارقىدىنال كىرىشتى، ئابلەي باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا، ھەمراھى ئىش بىجىرگۈچىلەر ئالدىغا كىرىپ كەتتى. ئابلەينىڭ كۆڭلىگە بىر خىل دەرماننى سۇسالشتۇرغۇچى تۇيغۇ چاڭگال سېلىۋالغانىدى. نىھايەت باشلىق ئىشخانىسىغا بىرال ۋاقىتتا بىر توپ ئادەم كىرىۋالمايتتى. شۇڭالشقا .ئابلەي ئۈچۈن قوالي پۇرسەت كەلدى

باشلىق ساپانى كۆرسىتىپ قويۇپ، ئۆزى شىرەنى سۈرتۈش، ئالال نېمىنى ئولتۇرسىال،— —ئاختۇرۇش بىلەن بولۇپ، ئۇنى تازىمۇ تەقەززا قىلدى. ئاندىن بىر تال سۈزگۈچلۈك تاماكىنى ئاغزىغا قىستۇرۇپ تۇتاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئالدىرىماي جايىغا كېلىپ جايالشتى ۋە ئۆز دەۋاگىرىگە

سىلىنىڭ ئىسىملىرى نېمە ئىدى؟ بۇرۇلۇپ قارىدى،—

.ئىسمىم ئابلەي —

ھە،... ئابلەي، ئابلەي... خوش، نېمە ئىش بىلەن كەلدىلە؟ —

ئابلەي ھە دېگەندە ھېلىقى، شۇ، خەقنىڭكىدەك، مېنىڭمۇ شۇ، بىر داۋا ئىشىم بار ئىدى،— —مەڭدەپ كەتتى. نېمىال دېگەن بىلەن ئۇ ئاساسى جەھەتتىن سەھرالىققا ئايلىنىپ بولغان، ۋۇجۇدىدا

دە! شۇ ئىش -شۇ ناھەت دىلو ھۆكۈمەت مەھكىمىلىرىدە قورۇنىدىغان ئالەمەتلەر پەيدا بولغانىدى،— ...بىلەن

ھە، قانداق دەۋا دېدىلە؟ —

ناھەق دىلو... مەن ئىلگىرى ج خ ئىدارىسىنىڭ رازۋىتكا بۆلىمىدە ئىشلەيتتىم، ھە، ئەلۋەتتە ۋىاليەتتە — ئەمەس، ناھىيىدە، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ...ـ ئابلەي سەل ئۆزىگە كېلىپ، ئالدىرىماي سۆزلەشكە

Page 5: ئۆڭۈك ئادالەت

يامان ئەمەس رازۋىدچىك ئىدىم، كېيىن... شۇ »كەلمىگەن سودىگەرچىلىك« دېگەندەك باشلىدى،— ...ئاق يەردىن باالغا ئۇچراپ

خاتالىشىپ قالغانمىدىلە؟ نېمە بولغان؟ —

ھۇيت دېگۈچە ئۈچ يىللىق كەستى، -ئىشقىلىپ خاتاالشتۇرۇشتى، داۋايىم ئاقمىدى، ھايت —ئائىلەمنى يىراق بىر يېزىغا تارقاقالشتۇرىۋەتتى، تۈرمىدىن چىقىپ شۇ يېزىغا باردىم، يەتتە يىلدىن بېرى شۇ يەردە ئىشلەۋاتىمەن، ئىش دېسە ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان ئىش دەپ قالمىسىال، كەتمەن ...!چاپتىم، تۈگىمەس ھاشار

نېمە گۇناھىڭ بار دېگەنىدى؟ —

نېمە گۇناھىم بوالتتى، شۇ، خاتانى توغرىلىغان، ناھەقنى ھەق قىلغان، بىر ئادەمنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ —كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان جايىدىن قۇتقۇزۇۋالغان گۇناھىم بار! ئۇالرنىڭ ماڭا ئارتقىنى »خەلق سودىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى، قانۇنسىز ھالدا ماشىنا !بۇالپ،... جىنايەتچىنى ئېلىپ قاچتى... « دېگەندەك شۇ، ئىشقىلىپ تاغاردا بىر

باشلىق ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قىزىقىپ قالدى، چۈنكى بۇ سۆزلەر تولىمۇ قارىمۇ – قارشى، غەلىتىدەك .قىالتتى

نېمە؟ نېمە؟ نېمىلەرنى دەۋاتىال؟ تەپسىلىراق سۆزلەپ باقسىلىچۇ؟ نېمە گەپ بۇ؟ — باشلىق — .دەرھال يانچۇقىنى كوچىالپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئابلەيگە بىر تال سىگارت تۇتتى

: دە، گەپ باشلىدى-ئابلەي سىگارتنى تۇتاشتۇرۇۋېلىپ، ھۇزۇرۇلىنىپ بىر تارتىۋالدى

:بۇ مۇنداق گەپ —

بىرىنچى باب. جىددى تېلىفون

 

مەلۇم ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دىژۇرنى بۆلۈمىدە بىر مۇنچە ياش ساقچىالر قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرىشاتتى. ئۇالرنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا بۇ تەقلىدتە ئولتۇرۇشلىرى ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇالر ۋەزىپىلىرىنى ئالدىراپ ـ تىنەپ، قول ئۇچىدىال »تەپمە ھاالل« قىلىشاتتى ـ دە، پاراڭ .ئۈچۈن ۋاقىت ئاشۇراتتى

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگىنىگە بىر يېرىم يىلچە بولۇپ قالغان ئابلەي ئاللىقانداق روھى خۇمارلىق ئىچىدە ياشايتتى. ھاردۇقى چىقمايۋاتقاندەك ئېغىر ـ ئېغىر تىناتتى. ئۇنىڭ بەيگە مەيدانىدا راسا چېپىپ چەۋاندازلىق ماھارىتى كۆرسەتكۈسى بارىدى ـ يۇ، ئەمما ئۆزى تار قەپەزگە ئوخشاش مۇھىتتا سىقىلىش ئىچىدە تۇراتتى. شۇڭالشقىمۇ ئۇ پۇخادىن چىقماي كۆڭۈل خاھىشى چاال قىلىۋاتقان .ئادەمدەك ھامان كەڭلىكلەرگە تەلپۈنۈپ تۇراتتى

ئۇ شۇ تاپ بىكارچىالر توپىدا ئۇالرنىڭ ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ ئىچىدە قارت ئوينىشىغا قاراپ، بۇلۇڭدا ئولتۇراتتى. بەزىلەر ئورۇندۇق يېتىشمىگەنلىكتىن شىرەنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، قىستىلىشىپ ئولتۇرۇشقاچقا، ئابلەيگە ئوخشاش ھەم پەستە، ھەم بۇلۇڭدا ئولتۇرغانالرنى كۆرگىلىمۇ بولمايتتى. ئابلەي جەينىكىنى شىرەگە تايىنىۋېلىپ، ئالقىنىدا چېكىسىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، مەكتەپ ھاياتىنى ]ئويالپ كەتتى. ئۇ چاغالردا ئۇ ئەال ئوقۇغان، غايىسى ئۇلۇغ يىگىت ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرالرنىڭ ھولمېسى

بولۇپ چىقىشنى خىيال قىالتتى. بەزى ساۋاقداشلىرى ئۇنى »گەپنى بەك يوغان قىلىۋەتتىڭ، [ 1بۇنىسى پوچىلىق بوالرمىكىن« دېيىشكىنىدە، ئۇ ناپالىئوننىڭ »مارشال بولۇشىنى ئويلىمايدىغان ئەسكەر — ياخشى ئەسكەر ئەمەس« دېگەن سۆزى بىلەن رەددىيە بېرەتتى. بىر جەڭچىدە مارشال

Page 6: ئۆڭۈك ئادالەت

بولۇشتەك بۈيۈك نىشان بولغاندىال ئۇ جان جەھلى بىلەن تىرىشىپ جەڭ قىلىدۇ، نىشاننىڭ ....يۈكسەكلىكى كىشىدە تىرىشچانلىق، سەۋر ۋە چىدام پەيدا قىلىدۇ، ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ

ئۇ خىزمەتكە چىققان ھامانال ئۆزىنىڭ غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىمكانىيەت ئازلىقىنى ھىس قىلدى. قابىلىيەتسىز كىشىلەر شوئارنى كۆپ توۋالپ باشلىق بولىۋېلىشقان، قولىدىن ھەقىقىي ئىش كەلمەيدىغان بۇنداق كىشىلەر باشقىالرنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا يول قويۇشمايتتى. خۇددى ئەقلى ۋە كۈچى بىلەن شەھەر بىنا قىلغانالر شەھەر پۈتكەندە پۇخرا بولۇپ، ئاغزىدا شەھەر سالىدىغانالر شەھەرنىڭ تۆرىگە چىقىپ ) ھاكىم بولۇپ( لېنتا كەسكەندەك، بۇ يەردىمۇ ئەنە شۇنداق ئىدى. قانۇن ئىجرا قىلىدىغان بۇ ئورۇندا قانۇنسىزلىق جەمئىيەتتىكىدىنمۇ ئېغىرىدى. خۇددى كارىۋانالرنىڭ ئادىتىدىكىگە ئوخشاش بۇ يەردىمۇ يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىدىغان قاۋۇل تۆگىلەر پاكار ۋە نىمجان ئىشەكلەرنىڭ قۇيرىقىغا چېتىپ قويۇالتتى. بۇنداق مۇھىتتا ئۇ ئەگەر بىرەر يېڭىلىق ياراتسىمۇ .ـــ مۇرەككەپ دىلوالرنى يەشسىمۇ شەرەپ »يول باشلىغۇچى« نىمجان جانۋارغا مەنسۇپ بوالتتى

ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. ئۇ بىر قانچە دىلونى پاش قىلىشقا قاتناشتى لېكىن »پىشقەدەم« ياكى»تەجرىبىلىك« كونا رازۋىدچىكالرغا ياردەمچى بولۇپ ئىشلىدى. »تەجرىبىلىك« لەرنىڭ ئاڭسىز ۋە نادانلىقى، قوپال ۋە بولۇمسىزلىقى تۈپەيلى، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان... .ئاخىرىدا بۇنىڭ »ھەشقاللىسى« ئۇنىڭغا تەگمىدى

تېلىفوننىڭ قاتتىق جىرىڭلىشى ئابلەينىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى. قارت ئويناۋاتقانالر، پاراڭ .سېلىۋاتقانالرمۇ ئىتتىك تېلىفون ئاپپاراتى تەرەپكە قاراشتى

...ئاناڭنى!... ئەجەب چۆچۈپ كەتتىما، قۇالققا مۇشت ئۇرغاندەكال —

.دېسەم ـ دېمىسەم بىر يەردە بىر ئىش بولدى —

تېلىفونغا يېقىن ئولتۇرغان بىرى تىرۇپكىنى قۇلىقىغا تۇتۇپ »ھە، ھە« دەۋاتقاندا باشقىالر شاۋقۇن .بىلەن ئۆز پەرەزلىرىنى سۆزلىشىۋەردى

...خۇشياقمىغاندا بۇ نەدىن كەلگەن تېلىفون بولدى، دەڭال —

.نېمە دەيدۇ؟ دېمەمسەن —

توختا، ھە، ھە، ماقۇل، مەن بۆلۈم باشلىقىغا ئېيتاي،— تېلىفوننى ئالغۇچى تىرۇپكىنى قويۇپ —دەرھال ئورنىدىن تۇردى ۋە ئىشىك تەرەپكە كېتىۋىتىپ،— دىلو، قاتىللىق دىلوسى! تالتىرەك .يېزىسىدىن كەپتۇ، بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈپ چوڭ يولغا تاشالپ قويۇشۇپتۇ!... — ئۇ چىقىپ كەتتى

ئەمدى قارتمۇ، پاراڭمۇ توختىدى، ئۇالر بۆلۈم باشلىقى ھېلىال كىرىپ كېلىپ ئىشقا بۇيرۇيدۇ دەپ .ئويالپ، مۇشۇ ھەقتە غۇلغۇال قىلىشىپ، كۈتۈپ ئولتۇرىشاتتى

ئابلەي ھامان رومانتىك خىيالالرغا بېرىلىپ، ئۆزىنى شېرىن ئويلىرى بىلەن بەزلەشكە ئادەتلىنىپ .قالغاچقا، بۇ خەۋەر ئۇنىڭدا يەنە خىيالى كارتىنىالرنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى بولدى

ئەگەر بۇ دىلو ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، مەن ـ مەن دېگەنلەرمۇ پاش قىاللمىسا، ئاخىر ئۆزەم « پاش قىلىپ چىقسام... ئەنە شۇ چاغدا ئۆمەردەك نېمىلەرنىڭ ئىچى ئېچىشىپ كېتەرمىدى؟... باشلىقدېگەن پوق قوساقمۇ شۇنىڭدىن كېيىن »ۋاي ئابلەي« دەيدىغان بوالر ئىدى. ھە دېسە ئىنقىالبى پىشقەدەم يولداش، ياكى، تەركىۋى ساغالم، ئىدىيىسى قىزىل، پارتىيە ئۆزى تەربىيىلىگەن ئىنقىالبى يولداشالر باشالمچىلىق، ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرىشى،...« ۋاھاكازا دەپ، ھەممە ئىشتا ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغانالرنى ئىشنىڭ بېشىغا قويىدىغان ئادىتىنى تاشالرمىدى؟ ھەي، خۇدا كونىالر دەيدىكەن، بۇ دۇنيادا ئادالەت يوق، بار دېسەكمۇ سەن كۆرگەنچىلىكال، شۇڭالشقا خۇدا باقى دۇنيادا جەننەت بىلەن دوزاقنى تەييارالپ قويغان، چاغدا ئادىللىق بولسا ئۇنىڭ ھاجىتى بولماس ئىدى«... راست، دېگەندەك، قاچان ئادەمنىڭ مەنىۋى قىممىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش، كەسپىي ئىقتىدارىغا »...قاراپ ئىشقا قويۇش بولىدىغاندۇ؟

Page 7: ئۆڭۈك ئادالەت

ئابلەي ئۆزى ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلەر، باشلىقالرنىڭ خۇشامەت تاما قىلىشى، ئۇنى بىجا كەلتۈرمىگەنلەرنى بىر ئامال قىلىپ چېقىۋېلىشقا، پۇتالشقا تىرىشىشلىرى كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. شۇ چاغدا، تېلىفون خەۋىرىنى بۆلۈم باشلىقىغا يەتكۈزۈشكە چىقىپ كەتكەن ساقچى .قايتىپ كىردى

ئېيتتىڭمۇ؟ ئۇالر كىمنى ئەۋەتكۈدەك؟ —

كىمنى ئەۋەتىش تېخى ئەتتىگەنكى گەپ، ھازىر ئۇالر جىددى يىغىن چاقىرىش ئالدىدا تۇرىدۇ، —ئىدارە باشلىقى بۆلۈم باشلىقلىرىنى يىغىپ ئاۋال ياچايكا يىغىنى، ئاندىن دىلونى قانداق قىلىمىز .دېگەندەك ئىشالر ھەققىدە يەنە بىر نېمە يىغىنى ئاچقۇدەك

.قېنى ئەمسە، بىز قارنىمىزنى ئويناۋەرسەكمۇ بولغىدەك —

.راست، ئۇالر يىغىنىنى بىر كۈنسىز تۈگەتمەيدۇ، ئەمدى تامامەن خاتىرىجەم بولۇشقا بولىدۇ —

ئۇالر يىغىننى بىر باشلىۋالدىمۇ، بولدى، ئادەتكە راست، دەپ ئويلىدى ئابلەي يەنە خىيالغا پېتىپ،— — ئايلىنىپ كەتكەن، گېزىتلەرنىڭ بىرىنچى بەتلىرىگە بېرىلىدىغان »مۇھىم ماقالە« الردىكى سۆزلەرگە »...ئوخشاش، بىر تەرتىپتە تىزىۋېلىنغان سىياسى گەپلەرنى بىلجىرلىشىدۇ

مېنىڭچە، بۇ سىنىپى كۆرەشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن...ـ دەيتتى بىرى گويا بىر —پەيالسوپتەك، يېڭى بىر نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقاندەك ياكى ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە بىر كەشپىيات يارىتىپ ئىالن قىلىۋاتقاندەك كىبىرلىنىپ، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ سۆزلەر ئاللىقاچان كۈچىنى .يوقاتقان، توال تەكرارالش نەتىجىسىدە تەسرىمۇ قالمىغان كونا موقام ئىدى

...توغرا، پىكرىڭىز ئورۇنلۇق! بۇ سىنىپى كۈرەشنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى —

تاشقى ئاغدۇرمىچىالرنىڭ، سىنىپى يات -بىز ئاممىنى دادىل ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىچكى — يېڭى بۇرژۇئازىيە داشقاللىرىنىڭ ... بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى -ئۇنسۇرالرنىڭ، كونا

...ئېلىپ

...قەتئى نىيەتكە كېلىپ قۇربان بېرىشتىن قورقماي—

ھە، قېنى يولداشالر، ئىپادە بىلدۈرەيلى،— دەيتتى. باشلىق گويا ئىنتايىن مۇھىم بىر يىغىن ئۈستىدە —ھەربىر يولداش ئىپادە بىلدۈرۈپ باقسۇن، قانداق قىلىمىز؟ تۇرغاندەك،—

بۇ ئىپادىلەرمۇ ھەرقاچان تەكرارلىنىپ تۇرغان، سىلىقدىنىپ كەتكەن كىتابى سۆزلەرىدى، ئەلۋەتتە نىھايەت بۇ رەسمىيەتلەر تولۇق ئادا قىلىنمىغىچە گويا ئىشقا كىرىشكىلى بولمايدىغاندەك قىلىشاتتى. بۇ قۇرۇق گەپلەر تولۇق بىر كۈننى ئىگىلىگەندىن كېيىنال سەل ئەمەلىيرەك مەسىلىگە،— »كىمنى ئەۋەتىش كېرەك؟« كە — كېلىشەتتى. ئەمما بۇ »ئەمەلىي ماددا« مۇ نۇرغۇن »ئىنقىالبى نەزەرىيە« .لەر بىلەن بېيىتىلىپ، يەتكۈچە الۋزىالشتۇرۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا قارار چىقىرىالتتى

...،ئابلەي بېرىپ كەلسۇنمىكىن —

مېنىڭچە، ئابلەينىڭ كەسپى بىلىمى مول بولغىنى بىلەن سىنىپى كۈرەش ئاڭلىقلىقى يوقۇرى — ...ئەمەس، ئۇنىڭ تېنىدىن ئاق ئىقتىساسلىقالرنىڭ بىر خىل پۇرىقى كېلەمدۇ قانداق؟

توغرا، مەن بۇ پىكرىگە قوشۇلىمەن، مېنىڭچە ئۆمەرنىڭ بارغىنى ياخشىراق، نېمىشقا دېگەندە —ئۇنىڭ مەيدانى ئېنىق، كۆزى روشەن، تەركىۋى ساغالم،...ـ ئۇنىڭ بىر مۇنچە ئارتۇقچىلىقلىرى

شۇڭالشقىمۇ مۇشۇنداق بىر يولداش مەسئۇل بولسا بۇ ئىش تېخىمۇ ياخشى بىر كۆرسىتىلەتتى،— ...تەرەپ بولمامدۇ، بولمىسا ئابلەي ئۇنىڭغا ياردەملەشسۇن

Page 8: ئۆڭۈك ئادالەت

ئابلەي يىغىنالرنىڭ ئەنە شۇنداق تەرتىپال ئېچىلىپ، ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.ئۇ بۇنداق يىغىنالردىن شۇنچىلىك بىزار ئىدىكى، كۈن بويى ھەجىۋى قىلىپ، خەلقى ئالەم ئالدىدا شاڭخوغا قالدۇرغۇسى، مەسخىرىگە كۆمۈۋەتكۈسى كېلەتتى. بىراق، چىدىماي نېمە ئامال؟

ئۇ خىيالدا باشقىالرنىڭ مۇزاكىرىسىگە ئۆزىمۇ قاتنىشىۋاتقاندەك ھەممىنى كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ قاچان تۈگەپ، نەق مەيدانغا قاچان يولغا چىقىش مۇمكىنلىكىنىمۇ تەخمىن قىلدى. چۈنكى بۇنداق تەخمىن قىلىش، ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش بىر رازۋىدچىكىنىڭ تەبىئى خۇسۇسىيىتى، كەسپى .ئادىتى ئىدى، ئەلۋەتتە

كەچقۇرۇن باشلىقالر يىغىندىن چىقىپ، نۆۋەتچىلەر ئىشخانىسىغا رازۋىد بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىرىپ .كەلدى

ئۆمەر! سەن ھېلىقى قاتىللىق دىلوسىنى پاش قىلىشقا مەسئۇل قىلىندىڭ، ئابلەي ساڭا — .ياردەملىشىدۇ

قاچان ماڭىمىز؟ —

!ئىشقىلىپ ئەتىگىچە يېتىپ بارساڭال بولىدۇ، بۇنى ئۆزەڭ بەلگىلە —

ئابلەي يەنە »تۆگىنى ئىشەكنىڭ قۇيرىقىغا چېتىپ قويۇپتۇ« دەپ ئاغرىنغان بولسىمۇ، قۇرۇق پاراڭ سالىدىغان ئىشخانىدىن كائىناتنىڭ قوينى — ئۇنىڭ ھەقىقى خىزمەت ئورنى بولغان جەمىيەت .ياخشىراق بولغاچقا، بىر تەرىپىدە خۇشالمۇ بولدى

ئۇنىڭ قېشىدا تۇرغان تېخنىكا بۆلۈمدىكى دوستى ۋە ساۋاقدىشى مەتتۇردى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەندەك ئۇنى ئاستا نوقىدى ۋە ئۆمەرنى زاڭلىق قىلغاندەك ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى. .ئىككىسى ھامان غۇملىرىنى ئورتاقلىشىپ تۇرغاچقا بىر ـ بىرىنى ئوبدان چۈشىنەتتى

:ئابلەينىڭ شۇ تاپتىال مېڭىپ كەتكۈسى بار ئىدى، بىراق ئۆمەر سائىتىگە قاراپ قويۇپ

بۇ چاغ بولغاندا ئىش ياقمايدۇ، ئەمدى بىراقال ئەتە ماڭغىنىمىز ياخشىراق، ئەتە سەھەردىرەك —دېدى كۆرەڭلىك بىلەن كېلەرسەن،— .

ئۆمەر ئابلەي بىلەن تەڭتۈش كېلەتتى. بىراق ئۇياخشى ئوقۇمىغاچقا تولۇقسىزدىنال چىقىپ كېتىپ جەمئىيەتتە يۈرگەن ۋە كېيىن دادىسىنىڭ يۈز خاتىرىسى بىلەن خىزمەتكە ئورۇنالشقانىدى. شۇڭالشقىمۇ ئۇنىڭ خىزمەت سىتاژى ئابلەينىڭكىدىن ئۇزۇنراق، »تەجرىبىسى مولراق«، ئىككىنچى .ئەۋالد »پىشقەدەم« لەردىن، مىجەزى بولسا ئالدىراڭغۇراق ئىدى

ئابلەي ئەتىسى سەھەردىال ئىدارىغا كەلگەنىدى، بىراق ئۇنى سەھەر كېلىشكە تاپىلىغان ئۆمەر ئۆزى ساق بىر سائەت كېيىن كەلدى. ئابلەي بارلىق جىمخۇر، ئىچى كۈچلۈك ئادەملەرگە خاس ئېغىرلىق .بىلەن ئۇنىڭ بۇ قېلىقىنى يۈزىگە سالماي، ئىچىگە سىڭىرىۋەتتى

مانا دېدى ئۆمەر ئۆزىنى ئاقالپ،— دەپ ئەمدى كېلىشىم،— بەرىبىر شوپۇرنى ساقاليدىغان گەپ، —دە- تېخى كەلمەپتۇ، ئەتتىگەندە كەلگەننىڭ پايدىسى يوق ئىدى !

ھوي، سىلەر نېمە بۇ يەردە لەلەڭلەپ يۈرىسىلەر؟— دېدى ئۇالرنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن بىرى،— — تېخى نەق مەيدانغا ماڭمىدىڭالرمۇ؟

دېدى ئۆمەر باشلىقالردەك ماشىنىنىڭ شوپۇرى كۆرۈنمەيدىغۇ؟ شۇنى ساقالپ تۇرۇپ قالدۇق،— — .يوغانچىلىق بىلەن

ئۇ دېگەن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئايالىنى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىلى كەتمىدىمۇ؟ ساقلىغىنىڭالر — .بىكار، كەچكىگە ئاران كېلىدۇ، كىرا ماشىنىسىدا بېرىڭالر

Page 9: ئۆڭۈك ئادالەت

ئابلەينىڭ زەردىسىنى قاينىتىدىغان ئىشالرنىڭ بىرى مۇشۇ ئىدى. بىراق ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، چىشىنى چىڭ چىشلەپ قويدىيۇ، قايناپ كەتمىدى. بىراق، ماشىنا بىلەن بېرىپ ئىناۋەت

شەنىگە تەگكەن ئۆمەر، شوپۇرنى بىر مۇنچە سۆكۈپ، بىزگە دەپ  قازىنالماسلىق« باشلىقلىق .قويماپتۇ دېگەندەك ئاغرىندى، ئەمما ئىدارە باشلىقىغا ئىۋەن قويمىدى

قانداق قىلدۇق ئەمدى؟ تازا نەس باستىغۇ بىزنى، ئەتتىگەندىال كېلىشمىدى بۇ ئىش، ئاخىرى نېمە  — .بوالركىن... — دېدى ئۆمەر

تۇرغاننىڭ پايدىسى يوق، ئەمدى كىرا ماشىنىسى بىلەن بارايلى ياكى بىزمۇ قانداق قىلىش —توغرىسىدا يىغىن ئېچىۋاالمتۇق؟— دېدى ئابلەي تەلەتىنى سۈرلۈك قىلىپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئېغىز .سۆزى ئىدى

نەخ مەيداندىكى تەكشۈرۈش ئىككىنچى باب.

 

ئۇالر تالتېرەك يېزىسىغا يېتىپ كەلگەندە چۈش بولۇپ قالغانىدى، ئۇالرنى دادۈي رەھبەرلىرى قارشىئالدى، سېكرىتار ياشىنىپ قالغان، ئەللىكىنچى يىلالردىكى ھەرىكەتلەردە ئاكتىپ بولۇپ تونۇلۇپ شۇنىڭدىن بېرى كادىر بولۇپ كېلىۋاتقان، لېكىن ساۋاتسىز بولغىن ئۈچۈن ئۆسەلمەي تۇرۇپ قالغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئەينى زامانالردىكى »زالىمالر ئۈستىدىن دەرت تۆكۈش« يىغىنلىرىدا چاڭىلداپ سۆزلەپ تۇرىدىغان ئاغزى تالغاندەك، ئەمدى سەل جىمغۇر كۆرىنەتتى. دادۈيجاڭ بولسا ئۆزىنى ئەمدىال ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەن يىگىتلەردەك تۇتىدىغان، شۇ زاماننىڭ مودىسى بولغان ھەربىيچە

ياشالر چامىسىدىكى كىشى 35شىم ـ پەشمەت ۋە ھەربىيچە شەپكە كېيىۋالغان، كۆزلىرى ئويناق، .ئىدى

دېدى ئابلەي كەسپىي قىزغىنلىق بىلەن،— نەخ مەيداننى بىزنى نەخ مەيدانغا باشالپ بېرىڭالر،— — بۇزىۋەتمىگەنسىلەر؟

ياق شۇ پېتى، بىزنىڭ قىرغاۋۇلدەك يىگىتلىرىمىزدىن تۆتنى ساقالشقا قويغان، ھېلىقى شۇ، —ئەمدى چۈشمۇ بولۇپ قالدى، دېدى سېكرىتار ئالدىراپ، ھولۇقۇپ،— دە،—-ئۆزىمىزنىڭ مېڭبىڭلىرى

پاز ئەستەرلىۋېلىپ ئاندىن ئىشقا چۈشمەيلىمۇ؟ مەنغۇ سىلەرگە ھەمرا بواللمايمەن، -قوساقنى ئازساقلىقىم تازا ساز ئەمەس، ئەمما دادۈيدىن بىزلەرگە ۋاكالىتەن دادۈيجاڭ ئىنىمىز سىلى بىلەن بىللە .بولىدۇ

دېدى ئۆمەر قوللىرىنى ئىشقىالپ، تاماخورلۇق بىلەن كۆزلىرىنى دە،—-ھەئە، شۇنداق قىلىمىز — .پىلدىرلىتىپ، ئاندىن خىزمەتدىشىغا قاراپ قويۇپ،— كېچىكمەيدۇ،—دېدى ئىزاھالپ

دېدى دادۈيجاڭ تەستىقالپ،—ئىش دېگەن ئۆلگەندە تۈگەيدۇ،— ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن شۇ،— — .ئويۇنپەزلىك چىقىپ تۇراتتى

ئابلەي »ياردەمچى« بولغاچقا غىڭ قىاللمىدى. قارار چىقىرىش ھوقۇقى ئۆمەردە ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئابلەي ماھارەت كۆرسىتىشكە تەشنا بولۇپ كەتكەن چەۋاندازدەك، ماھارەت مەيدانىغا :ئالدىراپ تۇرغاچقا دادۈيجاڭ داستىخنىغا ئانچە قىزىقمىدى

دېدى مېنىڭ قورسۇقۇم توقتەك تۇرىدۇ، بولمىسا مەن نەخ مەيداندا سىلەرنى ساقالپ تۇراي،— —دېدى سەن بىر نېمە يىگۈڭ بولسا بېرىپ كەل،— ۋە ئۆمەرگە قاراپ،— .

دېدى دادۈيجاڭ گەپ يېمەك ـ ئىچمەكتىمۇ؟ يۈرسىلە، بىردەم ئولتۇرۇشۇپ بەرسىلىمۇ بولىدۇ،— — .قىزغىنلىق بىلەن ئابلەينى چىڭ تۇتۇپ

Page 10: ئۆڭۈك ئادالەت

ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىۋاتقان ئىلتىپاتقا تارلىقى كەلگەن ئۆمەر ئۆزىنىڭ بۇ يەردە »رەھبەر« ئىكەنلىكىنى :تەكىتلەپ قويۇشنى، دادۈيجاڭغا ئۆز ئورنىنى سەزدۈرۈپ قويۇشنى زۆرۈر تېپىپ

دېدى ئۆزىگە سۈر بېرىپ،— مەيلى، بارمىسا بارمىسۇن، بىزنى نەخ مەيداندا كۈتۈپ تۇرسۇن،— —دېدى خىزمەتدىشىغا قاراپ شۇنداق قىلىمەن دېسەڭ قارشى ئەمەسمەن،— .

دادۈيجاڭ بىللە كېلىۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرىدىن بىرىگە ئابلەينى نەخ مەيدانغا باشالپ بېرىشىنى .تاپلىدى

.ئابلەي ياش ھەمراھى بىلەن بىللە كېتىۋىتىپ، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك پاراڭ باشلىۋەتتى

ئۆلگۈچى ئېرى بار ئايالمۇ؟ —

.ھەئە، ئېرى بار، ئىككى بالىلىق بولۇشقان —

ئېرى قانداقراق ئادەم؟ —

.زاھىر »كۆكەمە« نى دەمال؟ سەل قاپىقىنىڭ بېزى بار، خۇيى يامانراق ئادەم، تەرسا —

ئايالىچۇ؟ ئۇنىڭ مىجەزى قانداقراق؟ —

شىرىننىسا يېزىمىزدىكى ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىنى قىزارتىدىغان چوكان ئىدى. مىجەزى ئوچۇق، — ئۆزى ئوڭلۇق، كاساپەتنىڭ، ھوي، ئاپال! رەھمەتلىكنىڭ ئۆزىمىغۇ توال كېلىشكەن ئايالىدى. دادۈيجاڭدىن

دېدى يىگىت بىر خىل سىرلىق كۈلۈمسىرەش سورىسىال ئۇ چوكاننىڭ تەرىپىنى ئوبدان دەپ بېرىدۇ،— بىلەن، ئەمما ئۇنىڭدىكى سىرنى ئابلەيال بايقىۋاالاليتى. ئۇ ئابلەينىڭ يالت ئېتىپ قارىشىدىن ھودۇقۇپ كېتىپ، ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولغاندەك،— دادۈيجاڭ دېگەن رەھبەرلىك ئەمەسمۇ، شۇڭا بىز بىلمىگەن .تەرەپلەرنى بىلىدۇـ دە،— دەپ قوشۇمچە قىلدى

:ئابلەي سەلدىن كېيىن سورىدى

ئېرى ئۇنى كۈنلەمتى؟ —

قوشنىلىرىنىڭ دېيىشىچە كۈنلەيدىغانمۇ ئوخشايدۇ. -مەنغۇ تازا بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ خۇلۇم —ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆيدۈم، پىشتىم دەپ يۈرگەن بىرسى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن گېپى چىقىپ كۈنلىدىغۇ دەيمەن، زاھىر كۆكەمىنى شۇنىڭ بىلەن قىزىرىشىپ قاپتۇ دېگەننى ئاڭلىغانتىم، ئۇ

دە، بولمىسا شۇنىڭ بىلەن قىزىرىشامدۇ، بوزەكنى بوزەك ئېتىپ، ياماندىن- كۆكەمىمۇ شۇ تۆمۈرچى ....قورقۇپ دېگەندەك

كۈنلىشى كېرەك، شۇنداق بولىشى كېرەك...« دەپ ئويلىدى ئابلەي، بىراق، ئۇ ھەمراھىنىڭ «چۈشىنىكسىز سۆزلىرىنى ئويلىنىپ قالدى، »ئۇ نېمە دېمەكچى؟ كۈنلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر »نوچى« مۇ بارمۇ؟« دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى، بىراق ئۇ بۇ ھەقتە كوچىالپ سورىمىدى. چۈنكى بۇ سۆزلەرنى دېگۈچىمۇ »نوچى« دىن قورقىدىغانلىقىنى سەزدۈرۈپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ بۇنى :قويۇپ باشقا سوئالنى سورىدى

جەسەت بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى يېقىنمۇ؟ —

.يېقىن دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئىشقىلىق يۈز ئەللىك مېتىرچە كېلەرمىكىن —

ئابلەي سەل ئويلىنىپ قالدى، ئاندىن يەنە،— ئۆلگۈچىنىڭ ئىرى تەمبەل، جېنى يىراق ئىكەن... — — .بار ئادەممۇ؟—دەپ سورىدى

:خەلق ئەسكىرى ھەيرانلىق بىلەن ساقچىغا قاراپ قويدە ۋە

Page 11: ئۆڭۈك ئادالەت

ھەئە، ئۆزى چېلىشچى، خېلى نامى بار چېلىشچىدى، ئەمما كېيىنكى چاغالردا چېلىش ـ پېلىش — .دېگەندەك ئىشالرغا ئارىالشماس بولۇپ كەتتى

ئابلەي ئەمدى شۈك ماڭدى، ئۇ خىيال سۈرۈپ، خىيالىدا ھالقىالرنى بىر ـ بېرىگە تۇتاشتۇرۇپ باقتى، بىراق، ھازىر زەنجىر تېخى تولۇق بولمىغاچقا، ھېچنەرسە ھاسىل قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ قىلغۇدەك :گېپىمۇ يوق ئىدى. سوئالمۇ تۈگەپ قالغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ھەمراھى جىملىقنى بۇزدى

پەل قان يۇقى چىقىپ تۇرىدۇ، باشقا بىر يېرىدە زېدە يوق، ئاغزىدا بىر -ئايالىنىڭ ئاغزىدىن سەل — ...نېمە باردەك

ئاغزىدا بىر نەرسە چىشلەكلىكمۇ؟

ھەئە، قان بىلەن بويىلىپ كەتكەچكە نېمىلىكىنى تازا ئاڭقىرىۋالغىلى بولمايدۇ، ئىشقىلىپ، — ...گۆش...تەك بىر نېمىغۇ

بارماقنىڭ ئۇچىمۇ يا؟!ـ ئابلەي جىددىيلىشىپ كەتتى، بۇنداق بولغاندا قاتىل ناھايىتى ئاسانال — .تېپىالتتى. بۇ دېمەك، قاتىلنىڭ بىر بارمىقى چوالق دېگەن سۆز ئىدى

.بارماقنىڭ ئۇچىمۇ ـ ئەمەسمۇ، بىز ئېلىپ كۆرۈپ باقمىدۇق، نەخ مەيداننى بۇزىۋەتمەيلى دېدۇق —

يەنە باشقا ئاالمەتلەر بارمۇ؟ —

.يوق، بىز بىلمىگەن بولساق ھەربىرلىرى بىلىپ بېقىشاال —

ئاياق ئىزلىرىدىن بىر نېمىنى بىلىشكە بوالمدۇ قانداق؟ —

ئاياق ئىزى جىق، قايسى بىرسىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئۇ يەرمۇ تازا تۆت كوچىدەك بىر يەر، —سازلىقتىكى تۈگمەنگە قايرىلىدىغان يەر بولغاچمىكىن، يەنە كېلىپ شۇ تەرەپكىمۇ شۇنداق ماڭىدۇ،

ـ تە شۇڭا ئۇ يەردە ئىز دېگەن توال گەپ .

بۇ گەپلەرگە قاراپ ئابلەي ئىزدىن ئۈمىد ئۈزدى، قاتىلنىڭ جەسەت كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېلىپ شۇ —يەرگە تاشلىغانلىقىنى قىياس قىلدى، بولمىسا بۇنداق جايدا ئادەم ئۆلتۈرگىلى بولمايتتى. »ئۇنى خالى جايدا ئۆلتۈرۈپ، مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ تاشالپتۇ...‹ دېمەك، ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئاشۇ ›خالى .يەر‹ نى تېپىش« دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ

ئۇالر نەق مەيدانغا يىتىپ كەلدى، جەسەت ساقالۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرى يول بويىدىكى دەرەخ سايىسىدا ئولتۇرىشاتتى. جەسەت بولسا كىچىك ھارۋا يولى بىلەن چوڭ يول كېسىشكەن جايدا توپىغامىلىنىپ ياتاتتى. ئۇنىڭ بېشى ئاسمانغا قارىغان، قورساق قىسمى سەل يانتۇ ھالەتتە، پۇتلىرى بولسا

پۇتىدەك ئېچىلىپ تۇراتتى. جەسەتنىڭ چىرايلىق ئاق يۈزى تېخىمۇ [ 2 ]تېخىمۇ يېنىچە بولۇپ، پەركانىڭ تاتىرىپ سۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، قوشۇمىسىنىڭ تۈرۈلگەن ھالىتى، كۆزلىرىنىڭ قورقۇنۇچلۇق پارقىراپ تۇرۇشىدىن قاتتىق غەزەپ ئاالمىتى چىقىپ تۇراتتى. بۇ كۆزلەردە ھاياتىنىڭ دۈشمەنلىرىگە بولغان غەزەپ بىلەن بىللە ياشاش قىزغىنلىقىمۇ بىلىنەتتى. سۈزۈك لەۋلىرى سەل ئېچىلغان بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدا قارىداپ كەتكەن قان ئۇيۇمىسى بار ئىدى. مۇشۇ قان سوۋۇمىغان ۋاقتىدا جاۋغىيىدىن ئازراق ئېقىپ چىقىپ، كېيىن قېتىشىپ قالغانىدى. ئېچىلىپ تۇرغان ئاغزى ۋە سەدەپتەك چىشلىرىنىڭ ئارىسىدا كىچىككىنە بىر نەرسە چىشلەكلىك تۇراتتى. بۇ نەرسىمۇ قانغا بويالغان ھالەتتە .بولغاچقا نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولمايتتى

ئابلەي جەسەتنىڭ يېتىش ھالەتلىرىنى ئانچە مۇھىم ھېسابلىمىدى، چۈنكى بۇ قاتىللىق يۈز بەرگەن مەيدان ئەمەس ئىدى. ئۇ دەرھال جەسەتنىڭ قولىنى تارتىپ، ئىككى ئالقىنىنى ئاچتى... ئەگەر ئۇ مەجبۇرى ئۆلتۈرۈلگەن بولسا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا قاتىلدىن قالغان بىر نەرسىلەر .بولۇشى مۇمكىن... دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ

Page 12: ئۆڭۈك ئادالەت

جەسەتنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدا چىمداپ يۇلىۋېلىنغان بىر توپ قىسقا چاچ تۇراتتى. ئابلەي بۇ چاچالرنى قىسقۇچ بىلەن ئېلىپ خاتىرىسى ئارىسىغا سالدى. ئۇ يەنە ئىنساننىڭ ئەڭ ئاداققى قارشىلىق قورالى بولغان تىرناقالرنىڭ بىرنەرسە سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇ لوپا ئەينەك بىلەن ھەربىر تىرناققا سەپ سېلىپ قاراشقا باشلىدى. دەرۋەقە ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنىڭ تىرنىقىدا ئاقۇش بىر نەرسە تۇراتتى. بۇ تېرىنىڭ پارقىراق قەۋىتىگە ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇ قۇرۇپ قالغاچقا ئۇۋۇلۇپ كېتىشى مۇكىن ئىدى. شۇڭا ئابلەي ناھايىتى ئاۋايالپ ئېلىپ، ئەينەك قۇتا ئىچىگە سالدى. ئۇ جەسەتنىڭ كۆزىگە سەپ سېلىپ قارىغانىدى، ئۇنىڭدا سۈرەتلەر ئۆچكەن بولغاچقاھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىدى، ئەمدى ئۇ جەسەتنىڭ ئاغزىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ بۇنىڭ پاش قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى. شۇڭا ئېغىزدىكى نەرسىنى چىقىرىۋېلىشقا ئالدىرىمىدى. ئاۋال لوپا بىلەن بۇ نەرسىنىڭ ئېغىزغا قىستۇرۇلۇش )ياكى چىشلىنىشى( ھالىتىنى تەپسىلى كۈزەتتى. ئېغىزدىكى نەرسىنىڭ ئازراق بىر قىسمى چىش ئارىسىدا، كۆپرەكى كالپۇك .ئارىلىقىدا قىسىلىپ تۇراتتى

بۇ نېمىدۇر؟ بارماقنىڭ ئۇچىمىدۇ؟ ياكى...؟ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، ئەگەر ئۆلگۈچى ئۆزى «چىشلەپ ئۈزىۋالغان نەرسە بولىدىغان بولسا ئۇ ئېغىز بوشلۇقى ئىچىدە بولىشى كېرەكقۇ؟ ئۇ نېمىشكە چىشنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ؟ ئەجەبا بۇنى باشقىالر قىستۇرۇپ قويغانمۇ؟ ياكى چىشلەپ ئۈزىۋالغاندىن كېيىن تىلى بىلەن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغان، ئەمما تولۇق چىقىرىۋېتىشكە »...ئۈلگۈرمەي نەپەستىن توختىغانمۇ؟

ئۇ ئۆمەرنى كۈتۈپ تۇرماقچى بولدى. ئۆمەر كەلگەندىن كېيىن جەسەتنىڭ ئېغىزىدىكى نەرسىنى دە! مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇ ئازراق خاتىرە -چىقىرىۋېىشنى زۆرۈر تاپتى. چۈنكى ئۇ بۇ دىلونىڭ مەسئۇلى

يازدى ۋە گۇمانلىق نوقتىالرنى ئەسكەرتتى. ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، بىردىنال »ئەگەر جەسەتنىڭ ئاغزىدىكى نەرسە باشقىالر تەرىپىدىن قىستۇرۇپ قويۇلغان بولسا جەزمەن ئۇنىڭدا بارماق ئىزى بولىدۇ. بارماق ئىزى بولمىسا، دېمەك، ئىككىنچى خىل ئېھتىمال مۇقىملىشىدۇ... « دېگەنلەرنى ئويالپ .قالدى. ھەمدە بۇ ئويلىغانلىرىنى خاتىرىسىگە يېزىپ قويدى

دادۈيجاڭ ۋە باشقا بىر نەچچەيلەننىڭ ھەمرالىقىدا ئۆمەرمۇ يېتىپ كەلدى. سىكرىتار ئۆزى ئېيتقاندەكھەمرا بواللمىغانىدى. ئۆمەر بىلەن دادۈيجاڭنىڭ مۇناسىۋىتى ئاالھىدە ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، ئۇزۇن .يىللىق قەدىناسالردەك چاقچاقلىشىپ كېلەتتى

خوش، تەكشۈرۈپ كۆردۈڭمۇ؟ بىر قاتارلىق؟— دېدى ئۆمەر، دېھقانالر ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھوقۇقلۇق — .ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە ئالدىراپ

دېدى ئابلەي ئانچە ئوچۇق چىراي ئاچماي، ئۇ ئادەتتىمۇ ھە، ئازراق بىر نېمىلەرنى قىلدىم،— —ئۆمەرنى كۆزگە ئىلمايتتى، دادىسىنىڭ ئابرويىغا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىۋالغان بۇ يىگىت كەسپىي بىلىمى يوق، ئۆزى تەنتەك بولغاننىڭ ئۈستىگە ئەمەلدار مىجەزى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەمدى ئۆزىگە .»باشلىق« لىق قىلىش ئۇنىڭغا تازىمۇ ھار كېلىپ تۇراتتى

 دېدى ئۆمەر ھېچبىر خىجىل ئەمسە ئۆزەڭنىڭ ئېنىقلىغانلىرىنى دوكالپ قىلىپ باقمامسەن،— — .بولمايال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ

ئالدى بىلەن ئۆزەڭمۇ بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ باقمامسەن، ئاندىن قاراشىلىرىمىزنى —سېلىشتۇرۇپ باقمامدۇق،...ـ دېدى ئابلەي. ئۇ ھەم رازۋېدكىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقالش، ھەم .ئۆمەرنىڭ تەييار نەتىجىگە ئېگە بولىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق پوزىتسىيە تۇتقانىدى

چۆرۈشكە باشلىدى. ئاخىرىدا جەسەنتنىڭ -ئۆمەر تەرىنى سوغۇق تۈرۈپ، جەسەتنى ئۆرۈپئاغزىدىكى نەرسىنى )چىشلىنىش ھالىتىگە قارىمايال( چىقىرىۋالدى. ئاندىن كۆزىگە يېقىنراق ئەپكېلىپ .سەپ سېلىشقا باشلىدى بارماقلىرى بىلەن مىجىپ باقتى

.قاراپ باقە، نېمە بۇ؟ — دېدى ئاخىرىدا ئابلەيگە ئۇزىتىپ —

Page 13: ئۆڭۈك ئادالەت

ئابلەي قانغا مىلىنىپ قېتىپ قالغان بۇ نەرسىنى قولىغا ئالدى ئۇ بۇ نەرسىنىڭ نېمىلىكىدىنمۇ كۆرە ئۇنىڭدا بارماق ئىزى بار، يوقلىقىغا دىققەت قىلدى، ئۇنىڭ ئويلىغىدەك ئۇنىڭدا رۇشەن بارماق ئىزى :باركەن! ئابلەي شۇندىال ئۆمەرنىڭ سوئالىنى ئېسىگە ئېلىپ جاۋاب بەردى

....بۇ ئادەمنىڭ تىلىكەن، تىلىنىڭ ئۇچى —

راست، تىل ئىكەن! — ھە!؟ — ئۆمەر قولىغا ئېلىپ يېڭىۋاشتىن...»تەكشۈرۈپ« كۆردە ۋە — — .دەپ ۋارقىرىۋەتتى

.دېھقانالر ھەيران بولغىنىدىن ياقىلىرىنى تۇتۇشتى

ئۈچىنچى باب. »نەتىجە« ۋە گۇمان

 

.توۋا، ئادەمنىڭ تىلى؟— دېدى دادۈيجاڭ ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ —

سىنىپىي كۆرەشنى تۇتۇشۇڭالر تازا دېگەندەك بولماپتۇ، دادۈيجاڭ، سىنىپى كۈرەشنى چىڭ —تۇتۇش سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنى ئېچىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قاپتۇ،— دېدى ئۆمەر كۆرەڭلىك .بىلەن،— ئۆزەم تۆت ئېغىز بىر نېمە دېمىسەم بولمىغۇدەك

ئەجرىلىرىنى يەردە دېدى دادۈيجاڭ دوستانىلىق بىلەن،— شۇنداق قىلسىلىرىغۇ، دەمدىغان،— — .قويمايتتۇق

بۇنى كېيىن قاراپ بېقىپ بىر نېمە دەي، ھە، بۇ دىلوغا كەلسەك، بۇنى پاش قىلىش ئاسانال گەپ! — .— ئۆمەر كۆرەڭلىك بىلەن ئەتراپتىكىلەرگە پو ئېتىشقا باشلىدى

بۇ چاغدا ئابلەي يەنە بىر گۇمانلىق نوقتىنى ئايدىڭالشتۇرۇۋېلىش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ جەسەت بىلەن ھەپىلەشمەكتە ئىدى. چۈنكى جەسەتنىڭ ئاغزىغا قىستۇرۇلغان نەرسە تىل بولغانىكەن بۇ

تۇغۇالتتى. ھەمدە ئۇنىڭ  جەسەتنىڭ ئۆزىنىڭ تىلىمۇ؟ ياكى ئىككىنچى شەخسنىڭمۇ؟ دېگەن سوئالمۇشۇ ئايالنىڭ چىشىدا چىشلەنگەن ياكى باشقىالرنىڭ چىشىدا چىشلەنگەنلىكىنى ئېنىقالشمۇ كېرەك .ئىدى

.ھە، سەن يەنە نېمە قىلىپ يۈرۈيسەن؟—دەپ سورىدى ئۆمەر —

بۇ تىل كىمنىڭ تىلى، شۇنى ئېنىقالش كېرەككقۇ؟ شۇڭا مەن جەسەتنىڭ ئۆزىنىڭ تىلىمۇ قانداق — .دەپ قاراپ باقتىم. ئۇنىڭ تىلى ساق ئىكەن

مەن ئۇنىڭسىزمۇ بىلەتتىم، بۇ چوقۇم قاتىلنىڭ تىلى!ـ ئۆمەر شۇنداق دېدى ۋە خەلق —دېدى ئاندىن ئەمدى جەسەتنىڭ ئىشى تۈگىدى، يەرلىكىدە قويسا بولىدۇ،— ئەسكەرلىرىگە،—

بىز ئىشخانلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرساق قانداق؟ دىلو ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىۋااليلى دادۈيجاڭغا،— .

.بولىدۇ، بولمامدىغان قولىمىز كۆكسىمىزدە —

.ئۇالر دادۈيگە قاراپ كەتتى

دادۈي ئىشخانىسىدا ئىككى رازۋىدچىكنىڭ مۇزاكىرىسى باشالندى. ئەمما ئۇالرنىڭ چىققان قۇتۇپلىرى . قارىشى بولغاچقا ھە دېگەندىال تالىشىپ قېلىشتى-قارىمۇ

Page 14: ئۆڭۈك ئادالەت

مېنىڭچە، جەسەتنى تەكشۈرۈشتە بىزگە كېرەكلىك يىپ ئۇچى كۆپ بولمىدى، يەنى پەقەت ئۇنى — بىر يىپ ئۇچى لېكىن بۇ ناھايىتى مۇھىم يىپ ئۇچى-ئاغزىدىن چىققان تىلنىڭ ئۇچىال بىز ئۈچۈن بىردىن

بولغاچقا باشقىسىنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. سېنىڭچە قانداق؟

.بەلكىم شۇنداقتۇر، بىراق باشلىقلىرىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى بار —

!نېمە زۈۆرۈرىيىتى بار؟ بىز تىلنىڭ ئۇچىغا ئاساسەن قاتىلنى ئاسانال تېپىۋالىمىز، ۋەسساالم —

!مېنىڭچە ئۇنچە ئاسان ئەمەس —

 نېمىشكە ئاسان ئەمەس؟ دادۈيجاڭغا »دەيمىز بارلىق ئەزاالرنى دادۈيجاڭنىڭ ھويلىسىغا — .توپاليمىز. كىمنىڭ تىلىنىڭ ئۇچى ئۈزۈۋېلىنغان بولسا شۇنى قولغا ئالىمىز

شۇنداق، بىزنىڭ تىلى ئۈزۈۋېلىنغان ئادەمنى تېپىۋېلىشىمىز ئانچە تەسكە چۈشمەس، بىراق ئۇنىڭ — !قاتىل بولۇشى ناتايىن

نېمىشكە ئۇنداق بولمايدىكەن؟ ئەگەر قاتىل ئۇ ئەمەس بولسا ئۇنىڭ تىلى خەقنىڭ ئاغزىدا نېمە — قىلىدۇ؟

بىراق، ئەگەر ئۇ قاتىل بولسا خەقنى ئۆلتۈرۈۋاتقىچە »تىلىمنى چىشلىۋالغىن« دەپ تىلىنى خەقنىڭ —ئاغزىغا سېلىپ بېرەمدۇ؟ ئەگەر ئۇ بارماقنىڭ ئۇچى بولغان بولسا بۇنى چۈشەندۈرۈش ئاسانراق بولغان بوالتتى. بىراق، تىل دېگەن ئېغىزنىڭ ئىچىدە، ئۇنى ئىختىيار قىلىپ چىقىرىپ بەرمىسە

ـ دە چىشلىۋالغىلى بولمايدۇ !

ئۆمەر داناالرچە ئەلپازدا سەل توختىۋېلىپ، ھېكايە ئەگەر مۇنداق ئەھۋال بولغان بولسىچۇ،— —قىلىشقا باشلىدى،- ئۇالر ئىزچىل تۈردە غەيرى ئەخالقى مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، ئاخىرقى قېتىمدا ئۇالر يەنە خالىدا ئۇچراشقان، ئامراقلىقىنى ئىپادە قىلىدىغان جىمى قىلىقنى قىلىشقان، شۇ چاغدا ئايال ئەرنىڭ تىلىنى شورىغان ۋە چەكتىن ئاشقان چاقچاق بىلەن »ئامرىقى« نى تېرىكتۈرۈشكە نىيەت قىلىپ قاتتىق چىشلىۋالغان. ئەر جان ئاچچىقىدا ئىختىيارسىزال ئۇنىڭ گېلىنى

دە، رەسمى چىشلەشكە ئۆتكەن،- بوغقان ئايال نەپەس ئااللماي قېلىپ چاخچىقى ئاچچىققا ئايالنغانئەرمۇ ئۇنىڭ گېلىنى تېخىمۇ بوغقان. بۇنداق يامان ئادەملەر ئەسلىدىمۇ گۇمانخۇر، بىر – بىرىگە ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيىسىدە بولغاچقا ئەر »ئۇ مېنى ئەيىپناق قىلىپ قويماقچى بولسا كېرەك، ئۇنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ« دەپ ئويالپ، تىلىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىش ئۈچۈن قاتتىقراق كۈچەپ ئايالنىڭ گېلىنى سىقسا ؛ ئايال :» ئۇ مەندىن زېرىكىپ مېنى يالتايتىش ئۈچۈن شۇنداق ئەسكىلىك قىلىۋاتسا كېرەك« دەپ ئويالپ تېخىمۇ قاتتىقراق چىشلىگەن... ئاخىرىدا ئايال ئۆلۈپ قالغان، بۇ قەستەنلىك بولماي، ئىختىيارسىز قاتىللىق بولۇپ، ھايت ـ ھۇيت دېگۈچىال بولۇپ ئۆتكەن، ...ئەر قورقۇپ كېتىپ، جەسەتنى كوچا دوقمۇشىغا ئەپكېلىپ تاشلىغان

.ئابلەي ئويلىنىپ قالدى، بۇنداق ئېھتىمالنى يوققا چىقارغىلى بولمايتتى

...بەلكىم —

بەلكىم« دەيدىكەنسەن! شۇنداق، دەل شۇنداق! يەنە نېمە؟ بىز دەرھال دادۈيجاڭغا دەپ جىمى« —ئايال، قېرى ـ ياش ئەزاالرنى مۇشۇ يەرگە يىغدۇرايلى، تىلى چىشلىۋېلىنغان ئادەمنى تاپساقال -ئەر

.بولدى

بولىدۇ، شۇنى تاپايلى، بىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كەنتنى قوزغاشنىڭ، بۇ يەرگە توپالشنىڭ نېمە — ھاجىتى؟ خەلق ئەسكەرلىرىگە تاپشۇرساقال تېپىپ كەلمەمدۇ؟

بىراق، بىز خەلق ساقچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دېھقان قېرىنداشلىرىمىزغا بىر قېتىم  —سىنىپى كۈرەش دەرسى بەرسەك تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟— دېدى ئۆمەر ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ .كەم تېپىلىدىغان پۇرسىتىنى قولدىن بەرگۈسى كەلمەي

Page 15: ئۆڭۈك ئادالەت

ئابلەي ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىپ »بىلگىنىڭنى قىل« دېگەندەك قول سىلكىپ قويدى. ئۆمەر دادۈيجاڭغا ئۇقتۇرغىلى چىقىپ كەتكەندە ئۇ جىددى تۇتۇش قىلىپ، ھېلىقى تىل ئۇچىدىكى بارماقنىڭ .ئىزىنى سۈرەتكە ئالدى

دادۈيجاڭ بارلىق ئەزاالرنى دادۈي ھويلىسىغا يىغىش ھەققىدە ئەترەت باشلىقىغا يوليۇرۇق بېرىپ، ئۆمەر بىلەن ئىشخانىغا كىرگەندە ئابلەي ئىشلىرىنى تۈگەتكەنىدى. ئۇ ئۆزى ئىگىلىگەن يىپ ئۇچلىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزىۋاتقان ئارىلقتا ئۆمەر بىلەن دادۈيجاڭ ئىككىسى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى.

يېقىندىن ياڭراشقا باشلىغانىدى. كاناينىڭ ئاۋازىنى -سىرتتا ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ كانايلىرى يىراقئاڭلىغان ھامان مىسلىسىز ئېغىر يۈك ئۈستىگە ئارتىلىۋاتقاندەك سەلبى تەسىرگە ئۇچرايدىغان دېھقانالرنىڭ بەدەنلىرى تىكەنلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇالر كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامانال .بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ بېرىشىقا ئادەتلەنگەچكە بۇ ئىشمۇ كۆپ كېچىكمىدى

ئەزاالرنىڭ يىغىلىپ بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئۆمەر خۇددى يوقۇرىدىنكەلگەن باشلىقتەك كىرىلىپ ئىشخانىدىن چىقىپ، سۇپىنىڭ لىۋىگە كەلدى. ئۇنىڭ خىيالى

ياسىداق سەھنىدە مىكرافون ئالدىدا تۇرغاندەك ئىدى. ئۇ ئۆز -تەسەۋۋۇرىدا مەشھۇر يىغىن زاللىرىدا :نۇتىقىنى ئەنە شۇندا ئۇلۇغلۇق ئىچىدە باشلىدى

ئەكسىلئىنقىالپچىالر، سىنىپى يات ئۇنسۇرالر پىرۇلتاريات   يېڭى-سىنىپى دۈشمەنلەر، كونا — دىكتارتۇرسىنىڭ پوالت مۇشتىدىن مەڭگۈ قېچىپ قۇتۇاللمايدۇ! بىز ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، سىنىپى ...كۈرەشنى چىڭ تۇتۇپ

ئابلەينىڭ سەپرايى ئۆرلەشكە باشلىدى، ئەمما ئاچچىقىغا ھاي بېرىپ، »نۇتۇق« نىڭ تاماملىنىشى .كۈتتى

سىنىپى كۆرەش ھەرۋاقىت، ھەرسائەت بولۇپ تۇرىدۇ، دۈشمەن بىزنىڭ ئىچىمىزدە. شۇڭا بىز —ھەممىمىز پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەرخىل قىيىنچىلىقالرنى يېڭىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك!... ئاممىنى دادىل ھەرىكەتلەندۈرۈپ... ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىپ،... ئاممىغا تايانساقال، ...!بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان توسالغۇ يوق

ئابلەي ئىختىيارسىزال مىيىقىدا كۈلۈپ سالدى، بۇ گەپلەرنى ئەترەت باشلىقى يىغىن ئاچسىمۇ، ھاكىم يىغىن ئاچسىمۇ، ۋالى دوكالت بەرسىمۇ دەيدىغان گەپلەر بولۇپ، گېزىتلەرنىڭ بەتلىرىدىكى »مۇھىم« .سەھىپىلەرمۇ مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن تولغانىدى

دۈشمەن بىزنىڭ ئىچىمىزدە! سۇ ئۇخلىسا ئۇخاليدۇ، دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ! بىز ھازىر — ...تەكشۈرۈشنى باشاليمىز

ئۆمەر ئابلەينى چاقىردى ۋە بىر نەچچە قوراللىق خەلق ئەسكىرىنىڭ ھەمرالىقىدا دېھقانالر توپىنى بۇرنىنى چۈمكىۋالغان كىشىلەرنىڭ ماسكا، -تەكشۈرۈشكە باشلىدى چىشى ئاغرىپ قېلىپ ئاغزى

...! دە-ياغلىقلىرى تارتىپ ئېچىۋېتىلدى. ئۇالرنىڭ ئىزدەۋاتقان دۈشمىنى ئاغزى ئاغرىق كىشى ئىدى

.نىھايەت بۇالرنىڭ ئىچىدىن ئۇالر ئىزدىگەن ئادەم تېپىلمىدى

:ئۆمەر ئىنتايىن جىددىيلەشكەن ھالدا دادۈيجاڭنىڭ ئالدىغا كەلدى

دادۈيجاڭ، بۇ قانداق بولغىنى؟ يا جىنايەتچى قاچقان! يا بولمىسا كەلمىگەن! كەلمەي قالغان — ! يوق، ئەترەتلەر بويىچە يوقلىما قىلىڭالر-ئادەملەر بارمۇ

دادۈيجاڭ دەرھال ئەزاالرغا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان كاناينى ئاغزىغا تۇتۇپ، ئەترەت باشلىقلىرىغا يېڭى مالالرغىچە بەش -بۇيرۇقنى جاكالىدى. ئەترەت باشلىقلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى ئادەملەر تۈگۈل چارۋا

:قولدەك بىلىدىغان بولغاچقا يوقلىما قىىشقا ھاجەت بولمايال بىرى دادۈيجاڭنىڭ ئالدىغا كەلدى

.بىزنىڭ ئەزاالردىن بىرسى كەلمىگەن —

Page 16: ئۆڭۈك ئادالەت

نېمىشقا؟ —

كۆزىنى تېڭىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپتىكەن، كېلەلمەيدىغاندەك تۇردى. -ئېغىر كېسەلكەن، باش — ...شۇڭا

دەپ ۋارقىرىدى ئۆمەر،— ھەي، سىلەرنىڭ سىنىپى ھۇشيارلىقىڭالر نېمە دېگەن تۆۋەن!،— — دۈشمەننىڭ مىكرىسى توال بولىدۇ، بىزگە كىرگىمۇ دەل ئاشۇنداق كېسەل كىشى! دادۈيجاڭ، دەرھال .ئادەم بۇيرىسىال، ئاشۇ ئادەمنى پۇتىنى يەرگە تەككۈزمەي ئېلىپ كەلسۇن

.كىم ئىدى ئۇ؟— دادۈيجاڭ ئەترەت باشلىقىدىن سورىدى —

.»تاھىر »شوخ —

ھە!؟—دادۈيجاڭنىڭ چىرايىدا ھەم ھەيرانلىق، ھەم خۇشاللىق ئىپادىلەندى، بۇ شۇنداق خۇشاللىق —ئىدىكى، مەخسەدكە يەتكەن ئاداۋەتچىلەر ئەنە شۇنداق خۇشاللىق تۇيغۇسىدا بوالتتى. شۇڭا ئۇ

ئارقىدىن تاپىلىدى، الۋزىلىق بىلەن -دەرھال شۇ ياققا خەلق ئەسكەرلىرىدىن تۆتنى بۇيرىدى. ئارقا .بۇيرۇقنى تەكرارالپ، تاكى ئۇالرنىڭ قارىسى كۆزدىن يوقالغىچە ۋارقىراپ، ئۈگىتىال تۇردى

بېلىنمەس - كۆزلىرى تېڭىلغان »كېسەل« سورۇنغا ئېلىپ كېلىندى. دادۈيجاڭ بىلىنەر-باشكۈلۈمسىرىۋىدى، ئابلەي كۆرۈپ قالدى، ئارقىدىن دادۈيجاڭ ئۆمەرنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلىدى. ئۆمەر خەلق ئەسكەرلىرىگە تاھىر »شوخ« نىڭ باش كۆزىدىكى تېڭىقالرنى يېشىشنى بۇيردىكى، تاھىرنىڭ بېشى، بولۇپمۇ يۈزى ئادەتتىن تاشقىرى ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، ئاغزىنىڭ .چۆرىسىدە قېتىشىپ قالغان قان داغلىرى مانا مەن دەپ كۆرىنىپ تۇراتتى

.ھە، نېمە بولدۇڭ؟— قەھرى بىلەن سورىدى ئۆمەر —

تاھىر جاۋاب بېرەلمىدى. ئۇ جاۋاب بېرىشكە قادىر ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئىششىپ كەتكەن قوۋزى شۇ تاپ ئۇنىڭ تىلى ئىششىپ ئېغىز بوشلىقىغا لىق كەپلىشىپ قالغانلىقىنى مانا مەن دەپال .بىلىندۈرۈپ تۇراتتى

تەكرارلىدى ئۆمەر نېمە بولدۇڭ دەۋاتىمەن! — — .

دېدى ئابلەي نارازىلىق بىلەن ئۇ سۆزلىيەلمەيدۇ، نېمىشكە بىھۇدە ۋارقىرايسەن،— — .

بۇنى ھازىرچە دادۈيدە بىر يەرگە سوالپ دېدى ئۆمەر جاكارالپ،— سەن قولغا ئېلىندىڭ! — —ئۇ خەلق ئەسكەرلىرىگە شۇ بۇيرۇقنى بېرىپ، ئارقىدىن خااليىققا سىنىپى قويۇپ تۇرۇڭالر،—

ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ۋەز ئېيتىشقا باشلىغاندا تاھىر »شوخ«نىڭ ئايالى ئۈن سېلىپ .يىغالپ ئۇنىڭغا ھاالقەت بەردى

شۇ پۇرسەتتە ئابلەي تاھىر »شوخ«نىڭ يۈزىگە ئىنچىكىلىك بىلەن سەپ سېلىپ نېمىدۇر بىر نەرسىنى .ئىزدىدى

ئابلەي ئۆمەر بىلەن بىللە دادۈيجاڭنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆمەر خۇشاللىق بىلەن :قوللىرىنى ئىشقىالپ، تەنتەنە بىلەن

ئەمدى دىلونى نەتىجىلەندى دەپ قارىساق بولىدۇ، قاتىلنى سوراق قىلغاندىن كېيىن دوكالتنى — .يازساقال بولىدۇ، ئىش تامام

دېدى ئابلەي خاتىرىجەم ھالدا تېخى ئۇنى قاتىل دېيىشكە تولۇق ئاساس يوق،— — .

Page 17: ئۆڭۈك ئادالەت

نېمىشكە؟ تىلى چىشلىۋېلىنغان شەخس دەل تاھىرنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلماقچىمۇ —سەن؟ مەن باشتىال بۇ سىنىپى كۈرەشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىۋى .ساغالم ئەمەس دەپ پەرەز قىلغانىدىم

.بۇنىڭدىن گۇماناليمانمەن، بىراق، بۇ ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ —

مېنىڭچە قەتئى شۇ! مەن بۇنى ئىسپاتالپ بېرەلەيمەن. شۇڭالشقا دەرھال خۇالسە ماتىرىيال — !يېزىش كېرەك. مەن بۇ ئىشنى ساڭا تاپشۇرىمەن

.مەن تېخى بۇ خۇالسەڭگە قۇشۇلغىنىم يوق، شۇڭا ماتىرىيال يازمايمەن —

نېمە ؟ سەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمدىن باش تارتماقچىمۇ؟ —

ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئىلمى پاكىت تەلەپ قىلىدۇ. بىز تاھىرنىڭ ئايالى بىلەن سۆزلىشىشىمىز —كېرەك. ئاندىن شىرىننىسانىڭ قوشنىلىرى بىلەنمۇ سۆزلىشىشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە بۇ دىلودا !ئۈچىنچى شەخسنىڭ قولى بار. دەل شۇ ئۈچىنچى شەخس قاتىل

مەن تاھىرنىڭ ئايالى بىلەن سۆزلىشىشكە قارشى ئەمەس، بىز قاتىللىق يۈز بەرگەن كېچىسى —تاھىرنىڭ ئۆيىدە بولغان بولمىانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقساق يامىنى يوق، باشقىالر بىلەن .سۆزلىشىشكىمۇ بولىدۇ، مېنىڭچە بۇالرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قاراشلىرىمنى ئىسپاتاليدۇ

نېمىنى ئىسپاتلىسا مەيلى، بىراق، خۇالسە ئالدىراپ چىقىرىلسا بولمايدۇ، ماتىرىيالالر تولۇق — .بولغاندىن كېيىن خۇالسە قىلساقمۇ كېچىكمەيمىز

.بولىدۇ، ئەمسە ئاۋال تاھىرنىڭ ئايالىنى بۇ يەرگە چاقىرىتايلى —

بۇنىسى ئانچە ياخشى بولماسمىكىن، ئۇ بۇ يەردە قورۇنۇپ ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن — .چەكلىنىپ قېلىپ سۆھبەت ياخشى ماڭمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بارايلى

.ئۆمەر ئابلەينىڭ كۆزىگە نارازىلىق بىلەن بىر قارىۋالغاندىن كېيىن بېرىشقا قۇشۇلدى

تۆتىنچى باب. ئىككى خىل ئەقلى خۇالسە

 

ئۇالرنى يىغىدىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن، ياش جۇۋان كۈتىۋالدى. ئۇنىڭ قورقۇۋاتقانلىقىنى قىياس .قىلىش تەس ئەمەس ئىدى

بىز سىلىگە مېھمان بولغىلى كەلمىدۇق، گەپ سورىغىلى كەلدۇق!ـ دېدى ئۆمەر داستىخان —سېلىش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتقان ئايالغا توڭلۇق بىلەن دوق قىلىپ ئايالنىڭ كۆزلىرى بىچارىلىك بىلەن .مۆلدۈرلەپ كەتتى

: ئابلەي خىزمەتدىشىغا نارازىلىق بىلەن قاراپ قويدى ۋە

دېدى مۇاليىم ئاھاڭدا، ئېىپ كېلىۋەرسىلە، بۇ ئاغىنىمىز چاي ئىچمىسە مەن ئىچىمەن،— — . دوستانىلىق بىلەن

بولىشى ھەرقاچانقىدەك ئۆز رولىنى كۆرسىتىپ، ئايالغا جۈرئەت ۋە ئۆز ئىززەت بىر قوللىغۇچىنىڭ :نەپسىنى قوغداش تۇيغۇسىنى بەخش ئەتتى

Page 18: ئۆڭۈك ئادالەت

گەپ سورامال، سورىمامال ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى، ئۆيگە كىرگەن ئىكەنال، داستىخان سېلىش — !مۇسۇلمانچىلىق، ئادىمىگەرچىلىك قەرزىمىز، ئىچمىسىلە زورلىمايمەن، ۋىيەي

چېگرىسى تازا ئېنىق -ئۆمەرنىڭ تېنى سەل تىكەنلەشكەندەك بولۇپ كەتتى، شۇنداق بولسىمۇ چەكبولمايۋاتقان خىزمەتدىشىغا نارازى بولدى، بىراق گەپ قىلمىدى. ئۇ مۇشۇ جەھەتلەردە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز شەنىگە توغرا كەلمەيدىغان ئىش دەپ قارىدى. شۇڭا پېتىدىن چۈشمەي ئولتۇرۇپ، لەۋزىگە ئەمەل قىلىپ داستىخانغا نەزەرمۇ سالمىدى. ھەقىقەتەنمۇ داستىخان كىشىنى جەلىپ قىلغۇدەك ئەمەس ئىدى. بۇ

كۈنگە يۈكسەلمەكتە...« -كۈنلەردە »مال باھاسى مۇقىم، بازارالر ئاۋات، خەلق تۇرمۇشى كۈندىنالپ ئېتىلىپ تۇرۇلغىنى بىلەن، داستىخاندا ئات چىشى شەكىلدىكى ژۇرنال، رادىئوالردا-دەپ گېزىت

سېرىق كۆممە زاغرىسىدىن باشقا نەرسە بولمايتتى. ئابلەي زاغرىنىڭ نېپىز تەرىپىدىن ئۇشتىۋېلىپ، :ئىشتىھا بىلەن نان يېگەچ

ماالل كۆرمىسىلە، سىلىدىن بىر نەچچە ئېغىز گەپ سورىماقچىمىز، بۇنىڭغا توغرا جاۋاب بەرسىلە — .تاھىرنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن پايدىسى بار، — دېدى

ئايال يەنە يىغالمسىراشقا باشلىدى سورىسىال، بىلگىنىمنى دەپ بېرىمەن،— — .

شىرىننىسانى بىرسى ئۆلتۈرۈپ كوچا دوقمۇشىغا تاشلىۋەتكەن كېچىسى تاھىر ئۆيدە بارمىدى؟ —

...ھە، ئۆيدە بار... مىجەزى يوق يېتىپ قالغان —

مىجەزى نەگە كەتكىنىنى بىز بىلىمىز، يېتىپ قېلىشتىن ئىلگىرىكىنى دېسىلە! راستىنى دېسىلە، —دېدى ئۆمەر گەپ قىستۇرۇپ راستىنى،— .

ئايالنىڭ سەل تۈكى تەتۈر ئۆرلىدى راستى شۇ، مانى! بىلگەن ئادەم سورىمىسىمۇ بولىدىغۇ...،— — .

ئەمگەكتىن  دېدى ئابلەي تېخىمۇ مۇاليىم بولۇشقا تىرىشىپ،— ئۇ ياخشىراق ئەسلەپ باقسىال،— — قايتىپ ئۆيگە كەلگەن، شۇنداقمۇ؟

ئابلەينىڭ ئاۋازى ئايالنىڭ كۆڭلىنى سەل يۇمشاتتى ۋە ھەئە، ئاندىن كەچتە دولقۇنغا چىقتۇق...،— — سىر ساقالش توساقلىرى بىر ـ بىرلەپ يىمىرىلىپ، كارغا كەلمەيۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ئۆزىنىمۇ ھەيران .قالدۇردى

كەچلىك تاماقنى ئۆيدە يىگەنمۇ ياكى شۇ چاغدا چىقىپ كەتكەنمۇ؟ —

.تاماقتا ئۆيدە بار ئىدى، مەن ئاشنى پىشۇرغىچە قوتاننىڭ قىغىنى چىقارغان —

تاماقتىن كېيىن...؟ —

-تاماقنى يەپ بولىشىمىزغىال كاناي تولىدى، دولقۇنغا ماڭدۇق. بىزنىڭ بۇ يەردە شۇ، تاۋاق — ... . قۇمۇشنى يۇيۇشقا ئۈلگۈرمەيال، دولقۇنغا توۋاليدۇ-قوشۇقنى جايىغا تاشالپ، قازان

دولقۇندىن كىرىپ ئۇ...؟ — ئابلەي ناھايىتى ئىھتىيات بىلەن سوراۋاتقاچقا سوئالنى تولۇق — .سوراشنىمۇ بىر خىل قوپاللىقتەك ھېس قىلىپ، ئاھاڭ بىلەنال مەقسەدنى ئىپادە قىلىدىغان بولدى

دولقۇندىن كىرىپ مەن قازان قۇمۇشنى يىغىشتۇرغىلى تۇردۇم ئۇ... ئۇ شۇ چاغدا ئۇ ...ـ ئايال — بۇياققا قارىدى، ئابلەيگە، -مەڭدەپ قالدى ئۇ نېمە دېسەم پايدىلىقراق بولىدىكىن دەپ ئۇياق

.ئۆمەرگە نۆۋەت بىلەن قارىدى

Page 19: ئۆڭۈك ئادالەت

راستىنى ئېيتىسىال، بۇنىڭ تاھىر ئۈچۈن پايدىسى بار، تاھىرغا ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، قورقمىسىال، — .ماڭا ئىشەنسىلە

:ئۆمەر ئابلەينىڭ بۇ خىل سوئال سوراش پۇزىتسىيىسىدىن يەنە ئاچچىقى كېلىپ قالدى، شۇڭا

راستىنى ئېيتقانلىرى ياخشى، بىز بەرىبىر ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرىمىز، ئۇ چاغدا... دېدى پوپوزا — .قىلىپ

 ئايال مەدەت تىلىگەندەك ئابلەيگە قارىدى، نېمىشكىدۇر ئۇنىڭ سەزگۈلىرى ئابلەينى ئۆزىگە ياردەم .بېرىدىغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ تۇراتتى

دېدى ئابلەي ئۇنىڭ روھى ھالىتىنى چۈشىنىپ خاتىرىجەم بولۇپ راستىنى دەۋەرسىلە،— — .

..ئۇ ... ئۇ چاغدا بىر ياققا چىقىپ كەتكەن —

قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانمۇ؟ —

.ياق،...ھە، بىر ئاغىنەمنىڭكىدە ئولتۇرۇپ كېلىمەن دېگەندەك قىلغان —

ئۇ يەردىن خېلى كەچ قايتتىغۇ دەيمەن؟ —

.ھە،... ئانچىمۇ كەچ ئەمەس، مەن بالىالرنى ئۇخلىتىپ، تېخى ئۆزۈم ياتمىغان —

بىراق، شۇ چاغ ئېغىر ياتقۇ مەزگىلىمۇ قانداق؟ —

...ياق، خۇپتەن بىلەن،.. خەق خۇپتەندىن يانمىغان چاغمىدىكىن —

شۇ چاغدا ئۇ ئاغزىنى چاڭگالالپ، ئالال توۋا بىلەن كىرگەندۇ؟ـــ ئۆمەر سوغۇق پۇزتسىيە بىلەن — .مەسخىرىلىك سورىدى

— ...

.راست شۇنداقمۇ؟— ئابلەي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سورىدى —

ئايال ئىلتىجا قىلغاندەك، كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ ئابلەيگە بىردەم تىكىلدى، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا :ياش لىغىرالپ تۇراتتى. ئۇ ئابلەينىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىدىن ئىشەنچكە ئېرىشكەندەك

دېدى بوش ئاۋازدا ھەئە...،— — .

سورىدى ئۆمەر تاھىر نېمە بولغانىكەن؟— — .

ئاغزىنى مەھكەم تۇتۇۋاپتىكەن، گەپ قىلمىدى، باش كۆزۈمنى تېڭىپ قوي دەپ شەرەت قىلدى، — ....ئاغزىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى

دېدى ئۆمەر كۆرەڭلەپ، ئابلەيگە سەل ئىڭىشىپ مېنىڭ ئويغلىغىنىمدەك چىقتى،— — .

ئۇ كېيىنمۇ نەگە بېرىپ، نەدە شۇنداق بولغانلىقىنى ئېيتمىدىمۇ؟ —

ياق، تىلى ئىششىپ ئاغزىغا پاتماي قاپتۇ،... ئەتىسى مەن تېڭىقنى يېشىپ ئېغىز باشلىرىنى —كۆزىمۇ ئىششىپ كېتىپتۇ يۇيۇپ، باشقىدىن تېڭىپ قوياي دەپ قارىسام شۇنداق... يۈز ـ ...

سىلىنىڭچە تاھىر قەيەرگە بېرىشى مۇمكىن؟ بىرەر گۇمانلىرى بارمۇ؟ —

Page 20: ئۆڭۈك ئادالەت

... ـــ

تاھىرنىڭ شىرىننىسا بىلەن مۇناسىۋىتى بارمىدى؟ ئىلگىرى سىلى گۇمانالنمىغانمۇ؟ —

!ياق، ئۇ ئۇنداق ئادەم ئەمەس، تاالغا قارايدىغان قىلىقى يوق —

.تاھىر »شوخ« دېگەن لەقەم نېمىشكە قويۇلغان ئەمىسە؟!ـ ئۆمەر يەنە ھۆرپەيدى —

سازغا ئامراق، ئۆزى چىقىشقاق، مىجەزى ئوچۇق بولغاچقا شۇنداق دەۋالغان -ئۇ دېگەن ناخشا —تاھىردەك تېز نەپەس ئالغاندىن كېيىن قوشۇپ قويدى،—-گەپ!... ئۇ بىردەم چاناقلىرىنى كېرىپ، تېز

ياالڭتۆشكە كىم قارايدۇ، شىرىننىسا دېگەن ئوقۇرى ئىگىز، ھالى ئۈستۈن ئايال ئىدى، رەھمەتلىكنىڭ غەيۋىتى بولمىسۇن، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ باشقا ئادەملەر بىلەن، ھېلىقىدەك نام ـ ئەمەلى بار ئادەملەر ...بىلەن گىپى چىققان

.كىم بىلەن؟ كىم بىلەن!؟— ھولۇقۇپ سورىدى ئۆمەر —

ـ دە ئىشقىلىپ، كادىرالر بىلەن — ...

ئابلەي كۆڭلىدە پەيدا بولىۋاتقان ئاللىقانداق گۇمان كۈلەڭگۈسىنىڭ بارغانسېرى .روشەنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى روشەنلىشىپ قالدى

ئۇالر سۆھبەتنى شۇ يەردە توختاتتى، سوراق خاتىرىسىگە ئايال ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئابلەي .ساھىپخانغا ئۆزرە ئېيتىپ ئورنىدىن تۇردى

بىز يەنە كېلىپ سىلىنى ماالل قىلىشىمىز مۇمكىن، كېيىنكى ئەھۋالالردا يەنە سورايدىغان بىر ئىش — .چىقىپ قالسا

 

************

 

:ئۇالر يولدا كېلىۋاتقىچە ئۆمەر كۆرەڭلىك ۋە مەنسىتمەسلىك بىلەن ئابلەيگە

قانداق ؟ مېنىڭ دېگەنلىرىم راست چىققاندۇ؟ —

.ياق تېخى، بۇ خېلى كۆپ ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ —

سەن تازىمۇ سېسىق زىيالى ئىكەنسەنغۇ؟ ئۆزەڭنىڭكىنىال راست قىالمسەن؟ سەن يەنە نېمىگە — ئىسپات كېرەك دەيسەن؟

تاھىرنىڭ تىلى چىشلەنگىنى، بۇ تىلنىڭ شىرىننىسانىڭ ئاغزىدىن چىققان تىلنىڭ پارچىسى شۇ —ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەمما ئۇنى زادى كىم چىشلەپ ئۈزىۋالدى، بۇنىسى تېخى ئېنىق ئەمەس، توغرا، بۇنى تاھىرنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بىلگىلى بولىدۇ، بىراق، بۇنىڭ قاتىللىق بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ ـ .يوق، بولسا قانچىلىك؟ بۇالر تېخى نامەلۇم

تاھىرنىڭ ئۆلگۈچى بىلەن غەيرى ئەخالقى مۇناسىۋىتى بارلىقى جەزمەن، بۇنىسى ئېنىقالنسىال — قاتىللىقنىڭ جەريانى مەن دېگەندەك بولغان بولىدۇ، بۇنى قاتىل ئېتىراپ قىلمىسىمۇ بەرىبىر، ھەقىچانئۇ جىنايەتنى بوينىغا ئالمايدۇ، ئۇالرنىڭ ئىستىلى مۇناسىۋىتىنى ئېنىقالش تەس ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن

ئۆزىدىن يېشىلىدۇ، دادۈيجاڭغا دەيمىز ـ دە، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن -ئاممىغا تايانساقال ھەممە ئىش ئۆز .يىپ ئۇچىغا ئېرىشىمىز

Page 21: ئۆڭۈك ئادالەت

.مەن ئۆلگۈچىنىڭ قوشنىلىرى بىلەن كۆرۈش زۆرۈر دەپ قارايمەن —

مەن ئۆز پىكرىمدە قالىمەن، بارىمەن دېسەڭ بېرىۋە، مەن دادۈي رەھبەرلىرى بىلەن — يوشۇرۇن ئىشالرنىڭ ھەممىسىنى بىلىشى -كۆرىشىمەن، دادۈيجاڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاشكارا

.چوقۇم

شۇنداق قىلىپ ئۇالر ئۆز يوللىرىغا مېڭىشتى. ئابلەي بۇ ئىشتا ئۆمەرنىڭ جەزمەن مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزى ئېرىشكەن مۇھىم يىپ ئۇچى، نازۇك ھالقىالر ھەققىدە سۆز ئاچماي، ئۇنىڭ شەرمەندە بولۇشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇالر .ئاللىقاچان ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرئىككىسى ئۆز ئالدىغا ئۇتۇق قازانماقچى ئىدى

ئابلەي شىرىننىسانىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدى. ئۇالرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قانىتى ئوچۇق بولۇپ، ئېغىلنىڭ يېنىدىكى تونۇر كۆرىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئەتراپنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاياقتىكى قوشنا ھويلىغا كىرىپ كەلدى. ئۇ زاھىرنىڭ قوشنلىرى ھەققىدە يولدىال بىر نەچچە دېھقاندىن سۈرۈشتۈرۈپ، .بەزىبىر مەلۇماتالرنى بىلىۋالغان ھەم مۇشۇ ھويلىغا كىرىشنى قارار قىلغانىدى

ھويلىدا بىر موماي تونۇر بېشىغا تېزرەك يېيىۋاتاتتى. ئابلەي ئۇنىڭ زەينەپخان موماي ئىكەنلىكىنى .پەرەز قىلىپ بىلىۋالدى

.ئەسساالمۇ ئەلەيكۇم، چوڭ ئانا،— دېدى ئابلەي ساالم بېرىپ —

كەلسىلە، كەلسىلە باالم،— دېدى موماي سىۋەتنى يەردە قويۇپ، قوللىرىنى قولتۇقىغا ئېرىتقاچ — .بۇ تەرەپكە كېلىپ،— ئۆيگە چىسىلە

موماي كونا زاماندىن قالغان قوش قاناتلىق ئىشىكنى ئېچىپ، مەڭدىگەن ھالدا مېھماننى تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ ئۆي بىر ئاشخانا، بىر داالندىن تەركىپ تاپقان، ھەممە يېرىدىن غېرىپچىلىق يىغىپ .تۇرغان ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭ تۇل خوتۇن ئىكەنلىكىنى بىلىندۈرۈپ تۇراتتى

ھويلىدىال ئولتۇرايلى،— دېدى ئابلەي ھويلىدىكى سۇپىدا بىر پارچە ئۆچكە تېرىسى ئۈستىگە —ئولتۇرۇپ،— سىلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ئازراق ۋاقىتلىرىنى ئېلىپ، سورايدىغان گەپ بار .ئىدى

بولىدۇ، غۇجام، بولىدۇ، ئۆيگە چىسىلە بوالتتى، مەيلى، ئىختىيارلىرى، توختىسىال، كۆرپە ساالي، بىر — .قوشۇق چاي ئىچسىلە

بولدى، بولدى، چوڭ ئانا، ئاۋارە بولمىسىال، مەن بەك ئالدىرايمەن، چاينى ئىچىشكە ئۈلگۈرىمىز، — .مەن تېخى يەنە كېلىمەن، ماقۇل دېسىلە

.ئابلەي موماينىڭ مېھماندوستلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنى قېشىدا ئولتۇرۇشقا ئۈندىدى

مەن سىلىدىن قوشنىلىرى ھەققىدە بىر نەرسە سورىماقچىدىم، بىلگەنلىرىنى ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتىپ — .بەرسىلە بولدى

،ماقۇل، بىلسەم دەپ بېرىەن، ھۆكۈمەت دېگەنننڭ گېپىگە ياق دېسە بولمايدۇ ـ دە —

سېلى شىرىننىسانىڭ ئۆلۈمىگە نېمە دەپ قارايدىال؟ سىلىنىڭچە ئۇنىڭ دۈشمىنى كىمدۇ؟ —

دە، - دېگەن بىلەن ئۆلگەن كەتتى، بۇ دۇنيانىڭ مۇشەققىتىدىن قۇتۇلدى، بالىلىرىغا ئۇۋال بولدى —ئۇنىڭغا قەست قىلغاننى خۇدايىم پەست قىالر، ئۆزى ئوچۇق، لىۋەن چوكان ئىدى. شۇڭىمۇ زاھىر ...»كۆكەمە« دەرت ـ ئەلەمدە يۈزلىرىنى تاتىالپ، تازا يىغلىغان ئوخشايدۇ، يۈزلىرىدە تىرناق ئىزى

Page 22: ئۆڭۈك ئادالەت

يۈزلىرىنى تاتىلىۋاپتۇ دېدىلىمۇ؟— دېدى ئابلەي چۆچۈپ، ئۇ بايا بۇ ئاالمەتنى تاھىرنىڭ يۈزلىرىدىن —ئۆزى تاتىلىۋالغاندىمۇ، يا...؟ ئىزلىگەنىدى،—

ئۆزى تاتىلىۋالمىسا مۈشۈك تاتىلىۋاالمتى ئەمسە، قىزىقكەنال، ئادەم دېگەن دەرت كەلگەندە نېمە — .قىلمايدۇ دەيال

:ئابلەي مۇماينى گومانغا كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن نىشاننى بۇرىدى

-دە؟ ئىككىسى تازا ئامراق ئەر ـ خوتۇنالر ئىكەندۇق -دېمەك، زاھىر بىچارە ئەلەمگە چىدىماپتۇ — ھە؟

ھەي، نېمىسىنى ئېيتىال، »سەتنىڭ ھالى چوڭ، چىرايلىقنىڭ دەردى« دېگەندەك، دەردى بار ئىدى، —ئۇ چوكاننىڭ . بۇالرنىڭ ئۆيىدە جىدەل قۇرىمايتتى. قاچاندا قارىسا تالىشىپال يۈرگەن... ئەمدى شۇ .»تىرىكلىكىدە ئەيلىمىدىڭ ياد، ئۆلگەندە ئاھۇ – پەرياد« دېگەندەك گەپ بولمامدۇ

نېمە تالىشىپ ئۇرىشاتتى؟ سىلىگە ئەھۋال ئېيتىدىغان بولغىدى؟ —

نېمە تالىشاتتى، كۈندەشلىك بولمامدۇ! نېمىسىنى ئېيتىال، ئۇ چوكانمۇ ئۆزى ئۇز بولغاچمىكىن، — .ئااللمىغان سادەك ئايلىنىپ يۈرىدىغانالرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى

قارىسىغىال كۈنلەپ ئۇرىشامتى، ياكى بىرەر گۇمانى بارمىدى؟ —

ئىشقىلىپ، قارىسىغا ئەمەس،... بىرسىگە ئاغىنىسىدىن كۈنلەيتىغۇ، دەيمەن، ئىككىسى دەسلەپ — جىگەر ئاغىنە بولۇشتى، ھەي، مۇشۇنىڭ ئاخىرىسى ياخشى چىقمايدىغۇ، دەيتتىم، نېمىشقا -جان

دېگەندە پەھلى شەيتان، كۆڭۈل دېگەن ساراڭ نېمە، خوتۇن جىنى خىزىرنىمۇ ئازدۇرىدۇ دەپ، بىر ...باالسى تاشىدىغۇ دەيتتىم

ئۇنىڭ قايسى ئاغىنىسىنى دەيال؟ —

تاھىر »شوخ« دېگەن بىر ئالىقاپ بار، جىمى سازنى چالىدۇ، چاقچاقنى بولىشىغا قىلىپ، ناخشا —توۋالپ ئاغزى بېسىقمايدىغان بىر نېمە، شىرىننىساغۇ تازا شۇنىڭ خىلىدى. نېمىسىنى ئېيتىال، .خۇدايىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بار، بەندىنىڭ دېگىنىدەك بولسىغۇ، ئىككىسىنى قوشۇپ قويغۇدەك

:ئابلەي چېكىپ بېقىش مەقسىتىدە ئەتەي سورىدى

ئۇالرنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى ھەممە خەلق بىلگەن يەردە دادۈي رەھبەرلىرى بىلمەمدۇ؟ —ھە؟ بىلگەن بولسا دادۈيجاڭ ئەجەب ئۇالرغا تەربىيە بەرمەپتىكەن ـ

كىم؟ كىمگە تەربىيە بېرىدۇ، دېدىلە؟ دادۈيجاڭمۇ؟ ھە، ئۇ كىشى... ئۇ كىشىمۇ شىرىننىساغا تەربىيە — ...بەرگىلى كېلىپ يۈرەتتىغۇ دەيمەن

.ئابلەي بۇ جاۋاپتىن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى

شىرىننىسانىڭ ئۆلۈكى تېپىلغاننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى سىلى ئۆيدىمىدىلە؟ —

.ھەئە، ئۆيدىدىم، تۇل خۇتۇننىڭ بارىدىغان نەرى بار، دەيال —

شۇ ئاخشامدا زاھىر ئۆيدە بارمىدى؟ —

...بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ، خۇدا ئۆزى بىلەر، ئۆيدە بار بولغاي —

شۇ كېچىسى بىرەر شەپە ئاڭلىغانمىدىلە؟ —

Page 23: ئۆڭۈك ئادالەت

شۇ كېچىسى دەمال؟ نېمىسىنى ئيېتىال، قېرىغاندا شۇ، ئادەم جاھاننى سورۇپ، ئوي ئويالپ يېتىپ — ...ھېچنىمىگە زەڭ ئەتمەيدىكەن ئىشىك تۈۋىدە مىلتىق ئاتسىمۇ تۇيماي ياتىدىغان بولۇپ قالىدىكەن

زاھىرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ شۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى شەگە كەتكەن ئىكەن، خەۋەرلىرى بارمۇ؟ —

...كەتسىمۇ كەتكەندۇ، ياش بالال —

شۇ ئىككى كۈن ئىچىدىكى ئىشالرنى ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرسىلە مەن يەنە كېلىمەن، ئاۋارە —ئابلەي ئورنىدىن تۇردى قىلدىم،— .

.موماي ئۇنى چاي ئىچىپ كېتىشكە كۆپ زورلىغان بولسىمۇ، ئابلەي رەھمەت ئېيتىپ خوشالشتى

:ئۇ دادۈيگە كەلگەندە ئۆمەر ئۇنى مۇشۇ سۆزلەر بىلەن قارشى ئالدى

ئەھۋال دەل مېنىڭ قىياسىمدىكىدەك ئىكەن، ئۇالرنىڭ غەيرى ئەخالقى مۇناسىۋىتى بارلىقى بۇ —يەردىكىلەرگە سىر ئەمەسكەن، دادۈيجاڭ ئۆز قولى بىلەن ئىسپات يېزىپ بەردى قانداقال بولمىسۇن پارتىيىنىڭ كادىرى، ئۇنىڭ دېگىنى پوالتتەك پاكىت! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەركىۋىنىڭ پاك ...ئەمەسلىكى

دە!... ئۇالرنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىمۇ راست بولۇشى-شۇنداق، دادۈيجاڭ ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىدۇ — .مۇمكىن

مۇمكىن« دەيسەنغۇ؟ دادۈيجاڭنىڭ ئىسپاتى ساڭا يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟« —

....ياق،... مەنمۇ ئۇالرنىڭ ئارىسىدا شۇنداقراق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ قېلىۋاتىمەن —

دە؟ ئەمدى تاھىرنى ئېلىپ قايتايلى، - دېمەك، سەن ئاخىرى ئاتتىنمۇ، ئۆزەڭگىدىنمۇ چۈشۈپسەن — .ئۇنى سوراق قىلغاندىن كېيىن قالغان ئىش ئايدىڭلىشىدۇ

.قايتساق قايتايلى، بىراق، بىز تېخى بۇ يەرگە كۆپ كېلىمىز، ئالدىراپ خۇالسە چىقارغىلى بولمايدۇ —

.قېنى كۆرەرمىز —

ئابلەينىڭ كۆڭلىدە باشقا بىر قاتىل ھەققىدىكى ئىسپاتالر تۇتۇق ھالدا كىنو – لىنتىسىدەك ئالدىن ئۆتۈۋاتاتتى. بۇالرنىڭ ئېنىقلىنىپ كېتىشىگە ئالال نېمە كاشىال بولىۋاتاتتى. قاتىلنىڭ سايىسى قاراڭغۇالشقان كۆزگە كۆرۈنگەندەك جۈپ كۆرىنەتتى. شۇڭا ئۇنى جۈپتىدىن ئاجرىتىپ بىرگە .مۇقىمالشتۇرۇش تەس بولىۋاتاتتى

ئاخىرلىشىش ۋە باشلىنىش بەشىنچى باب.

 

ساقچىالر »قاتىل« دەپ گۇمان قىلىنىۋاتقان تاھىرنى ئېلىپ يېزا يولىدا شەھەرگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇالرنىڭ ئارقىسىدىن دادۈيجاڭ قوشۇپ قويغان خەلق ئەسكىرىدىن بىرى ئۆمەرنىڭ ئىككى چارەك .بۇغدىيىنى بازارغىچە ئاپىرىشىپ بېرىش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى

:ئۆمەر بۇ ئىككى چارەك بۇغداي ھەققىدە نېمىشكىدۇر ئابلەيگە چۈشەنچە بېرىشنى اليىق تېپىپ

نۇرمىمىز يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇناق ئۇنى كۆپرەك، دېگىنە، شۇڭا ئازراق  ئۆيدە ھەمىشە —بۇغداي سېتىۋېلىپ قوشۇمچە قىاليلى دەپ ئويالپ كەلگەنىدىم، دادۈيجاڭ ئاغىنىمىز ئۆزى ئىككى

دېدى چارەك سېتىپ بەردى،— .

Page 24: ئۆڭۈك ئادالەت

بۇ گەپ، ئەسلىدە بۇ بۇغدايغا ھېچقانداق ئىنكاستا بولمىغان، ئەكسىچە بۇنى نۇرمال ئىش دەپ ئويالپ ئۆزىمۇ ئازراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ باقمىغىنىغا ئۆكۈنۈپ، ئۆمەرنىڭ تۇرمۇشقاپىشقان ئادەملىكىگە قول قويۇپ كېلىۋاتقان ئابلەيگە ئەكس تەسىر بېرىپ، ئۇنىڭدا گۇمان ئۇچقۇنلىرىنى پەيدا قىلدى ھەم ئىلگىرىكى گۇڭگا كۆرىنىۋاتقان جۈپ كۆلەڭگۈنىڭ بىرى .روشەنلەشكەندەك بولدى

.تاھىر ئەتىسىال سوراق قىلىندى

ئۆمەر خۇددى ئىدار باشلىقىدەك كىبىر بىلەن سۈر كۆرسىتىپ سوراقنى باشلىدى، سوراق .خاتىرىسىنى ئابلەي يازدى

ئىقرار قىلغانالرغا كەڭچىلىك قىلىش، جاھىللىق قىلغانالرغا قاتتىق بولۇش« مانا بۇ بىزنىڭ — پىرىنسىپىمىز، ئۇقتۇڭمۇ؟

.تاھىر قورقۇنۇچتىن جاالقالپ تىترىگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى

ئۇنداق بولسا راستلىق بىلەن جاۋاپ بەر، بىز سېنىڭ ئىقرارىڭغا مۇھتاج ئەمەس، ھەممىنى — ر قىلمايدىغان بولساڭfئېنىقالپ بولدۇق، پەقەت سېنىڭ پوزىتسىيەڭنى كۆرۈپ باقماقچى، ئەگەر ئىقرپۇرولتارىيات دىكتاتۇرسىنىڭ پۇالت مۇشىتىنى تېتىتىپ قويىمىز. ئۇ چاغدا بىزدىن كۆرمىسەڭ بولىدۇ،

خوش، ئەمسە ياخشى ئويلىنىۋېلىپ ئۆمەر ئالدىدىكى چايدىن بىر ئوتلىۋېلىپ داۋام قىلدى،— — جاۋاب بەر. شىرىننىسا بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بارىدى؟

تاھىر بېشىنى چايقىدى. ئۇ تېخىچە سۆزلىيەلمەيتتى. تىلىنىڭ ئاغرىقىمۇ توختىمىغانىدى. ئۆمەر قەھرى بىلەن شىرەنى مۇشتالپ ھەيۋە قىلدى. تىترەشتىن ئىستاكاندىكى چاي داۋالغۇپ شىرە ئۈستىگە .چېچىلىپ كەتتى. ئابلەي ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلەن قاراپ قويدى

!ئېيتە! راستىڭنى ئېيت —

تىت بولغاندەك تەشۋىشلىك چىراي بىلەن ئابلەيگە قاراپ، باش چايقىدى. -تاھىر تىت — ،... —ئابلەي ئۇنىڭ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىغا چۈشىنىپ، ئۇنى باشقا بىر شىرە قېشىغا يۆتكىدى ۋە قەغەز

بىز ئۇنىڭ ئېرى بىلەن دوستالردىن، كىرىپ ـ قەلەم بەردى، شۇندىال تاھىر تۆۋەندىكىلەرنى يازدى،— ...چىقىش قىلىپ قاالتتۇق، شۇڭا خەق گەپ تاپتى

ئەگەر ئىقرار قىلمايدىغان بولساڭ، پۇرولتارىيات دىكتاتۇرسىنى ئۇنتۇپ قالما!، — ئۆمەر ئەتەي — .بىر نەرسە ئاختۇرغاندەك قىلىپ، شىرەنىڭ تارتمىسىنى ئاچتى ۋە كويزىنى ئېلىپ شىرەگە تاشلىدى

:قاتتىق قورقۇپ كەتكەن تاھىر توختىماي باش لىڭشىتىپ تۆۋەندىكىلەرنى يازدى

بىز شىرىننىسا بىلەن بۇرۇندىن كۆيۈشۈپ يۈرگەن، بىراق ئۇنى ئەمرىمگە ئېلىش نىسىپ بولمىدى، « ئانىسى رازى بولمىدى، دادۈيدىنمۇ خەت -مەن پومىچىكنىڭ نەۋرىسى بولغىنىم ئۈچۈن، قىزنىڭ ئاتا

يېزىپ بەرمىدى، بۇنىڭغا ھەرئىككىمىز ئېچىندۇق، كۆڭلىمىز بولغاچقا كىيىنمۇ مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزمىدۇق، كۆپ قېتىم بىر يەردە بولدۇق، پۇرسەت تاپساقال ئۇچرىشىپ تۇردۇق، زاھىرنىڭ سەل گۇمانى بار ئىدى، بىراق، ئۇ مەندىنال گۇمانالنمايتتى، ئۇ بۇ ئىشنى كوچىلىسا جىق ئادەملەرگە دەز كېتىشىدىن، كېيىن ھېچقانداق ئاساس تاپالماي، تۆھمەتچى دەپ باالغا قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىچىدە .»ھەسرەتلىنىپ يۈردى، يۇرتتا بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ھەققىدە بولغان گەپ چۆچەكلەرنىڭ جىقى راست

زاھىر يەنە كىمدىن گۇمانلىناتتى؟ —

بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ بۇ شىرىننىسا ئىككىمىزنىڭ پەرىزى« ئابلەي كۈلۈمسىرەپ قويدى، ئۇنىڭ « .ئۈچۈن ئۆمەر سورىغان سوئالنى سوراشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى

Page 25: ئۆڭۈك ئادالەت

سەن شۇنداق ئامراق ئاشناڭنى قانداق ئەھۋالدا ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ؟ ئۇچرىشىشنىڭ جەريانىنى — !سۆزلە

بۇ گەپنى ئاڭالپ تاھىر چۆچۈپ كەتتى، ئۇ كۆرىنەرلىك ئازاپالندى، ئابلەي ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى دىققەت بىلەن كۈزىتىپ تۇردى، تاھىر ئۆزىنى »قاتىل« دېيىشىۋاتقىنى ئاڭلىغان، شىرىننسا ھەققىدە سورىغىنىغا قاراپ ھەرخىل خىيالالرغا كېلىپ باققان بولسىمۇ شىرىننىسانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، .ئۆزىنىڭ شۇ قاتىل ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئۇقمىغاندەك ئىپادىلەردە بولدى

ئاخىرقى قېتىم ئۇچراشقىنىمىزنى سۆزلىسەم سۆزلەي، ئەمما ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە مېنىڭ قانداق «قۇلۇم بارىدۇ؟ ئاخىرقى قېتىمدا مۇنداق بولدى، بىر كۈنى زاھىر شەگە )شەھەرگە( كىرىپ ئويناپ چىقماقچى بوپتىكەن، مېنى بىللە كىرىپ ئويناپ چىقايلى دېدى. مەن ئۇنىمىدىم، ئىشىمغۇ يوق ئىدى، شىرىننىسا بىلەن خاس قالىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بەرگىم كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى ئېشەك

كەتمىگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن پايالپ -بىلەن شەگە كەتتى، مەن ئۇنىڭ راست كەتكەن يۈردۈم، ئۇنىڭ سازلىق تەرەپ بىلەن ئارىالپ يۈرۈپ كەتكىنىنى ئېنىق كۆردۈم )بۇ يول شەگە يېقىنراق ئىدى( ئاندىن خاتىرىجەم بولدۇم، كەچتە مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم، شىرىننىسا مېنى كۆرۈپال خاپا بولۇپ قالدى، نېمىشكە كەلدىلە؟ ئەمدى كەلمىسىلە بوالتتى، تەقدىرگە تەن بەرمەي نېمە ئىالج..« دېدى . مەن ئۇنى مەندىن رەنجىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇرۇندۇم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش يۇقى، بالدۇرقىدەك ئامراقلىق قىلماي، قوالشمىغاندەك تۇرۇۋەردى... مەن ئاخىرى ئۇنى ئىرىتتىم، ئۇ بوينۇمغا ئېسىلدى. بىراق بىر قورقۇنچسى باردەك جاالقالپ تىترەپ تۇراتتى... »كىرىۋاتقۇچە بىر كىم كۆرمىگەندۇ؟«، ياق، كىم كۆرەتتى، خاتىرىجەم بول، »ۋاي، خۇدا! زاھىر كىرىپ قالىدىغان بولسا...!« دېدى ئۇ ئاھ تارتىپ، »ئۇنىڭ شەگە كەتكىنىنى ئېنىق كۆرگەن تۇرسام، ئۇ سازلىقتىن ئۆتۈپ كەتكۈچە قاراپ تۇرغان تۇرسام...« دېدىم ئۇنى خاتىرىجەم قىلىپ ›شۇنداق بولسىغۇ، ئىالھىم! ۋايەي، ئېيتىشقا تىلىم كۆيىدۇ، ئېيتسام دىلىم!‹ مەن ئۇ چاغدا ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئانچە زەڭ ئەتمەي، ئاسماقچىالپ سورىمىدىم. ئۇ مېنىڭ تەلىۋىمنى رەد قىلدى. پەقەت تىلىمنى قاتتىق شوراشقا باشلىدى. شورىدى، شورىدى، مەن ئۆزەمچە كۆڭلۈمنىڭ مەيلىگە بېرىلىپ گەپ قىلماپتىمەن، بىر كەمدە ئۇ تىلىمنى قاتتىق چىشلىدى. بېشىم پىررىدا قېيىپ،

جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم، ئاغزىم قانغا تولدى، -ئاغرىق جانئاغزىمدىن قان چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاغزىمنى مەھكەم تۇتقىنىچە تاالغا قاراپ چاپتىم. مەن »...چىقىپ كەتكەندە ئۇمۇ قاتتىق ۋارقىردى. پەمىمچە قورقۇپ كېتىپ يىقىلدى بولغاي

بۇالرنى كۆرگەن ئۆمەرنىڭ گۈلقەلەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ ئابلەيگە ئەتەي ئۇالرنىڭ تىل .شوراشقىنىنى ئەسكەرتىپ، شۇ قۇرالرنى قەلەمنىڭ ئۇچى بىلەن كۆرسەتتى

!دەل مېنىڭ دېگىنمدەك بولغان —

ئابلەي يەنىال قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بېشىنى چايقىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى »قوش كۆلەڭگۈنىڭ بىرىگە يېقىن -ئىككىنچى بىرى روشەنلەشكەندەك بولدى. بۇ بولسا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ھالقىالرنى بىر

كەلتۈرۈشنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرۈپ قويدى. ئەمما ئۇ دەرھال بىر مۇھىم نەرسىنى ھېس قىلىپ، :يانچۇق دەپتىرىنى ئېلىپ تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويدى

ئۇ   يوق؟ قايتىپ كېلىۋاتقىنىچۇ؟-زاھىرنىڭ سازلىق تەرەپكە كەتكىنىنى كۆرگەنلەر يەنە بارمۇ « .»ئېشىكىنى قەيەردە قويغان؟ ئۇنىڭ قوشنىسى زەينەپخان بىلەن يەنە كۆرۈشۈش كېرەك

سەن شۇ چاغدا جان ئاچچىقىڭدا چىدىماي ئۇنىڭ گېلىنى بوغدۇڭ، شۇنداقمۇ؟ —

.تاھىر بېشىنى چايقىدى

.!راست گەپ قىل! راست گەپ قىلساڭال قۇتۇلىسەن —

.تاھىر يەنە بېشىنى چايقىدى

:ئۆمەر غەزەپتىن چىشلىرىنى غۇچۇرالتتى ۋە تىترەپ تۇرغان ئەيىبكارغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ

Page 26: ئۆڭۈك ئادالەت

!ئەمسە، ياخشى بولىدۇ! پۇرولېتارىيات دىكتارتۇرسىنى تېتىپ باق —

ئۇ ئىككى نەپەر ساقچى چاقىرىپ، تاھىرنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، سوالپ قويۇشنى ئەگەر يەنە .يوۋاش بولمىسا، دىكتاتۇرا ئىشلىتىشنى بۇيرىدى

:ئۇالر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئابلەي

زورالپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياخشى چارە ئەمەس، بۇنداق ئىقرار ئىشەنچىلىك بولۇشى ناتايىن،— — .دېدى

نېمە؟ بۇزۇقالرغا يۇمشاق قوللۇق قىلساق بوالمتى؟ بۇ دېگەن دىكتاتۇرا ئورنى! بىزنىڭ —دېدى ئۆمەر مەنسىتمەسلىك بىلەن دىكتاتۇرىمىز سىنىپى دۈشمەنلەرگە، بۇزۇقالرغا قارىتىلىدۇ،— .

ئابلەي ئۆمەر بىلەن مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇشنى مۇناسىپ دەپ قارىمىدى. ئۇ ئاۋال سۈرەت لېنتىلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىپ، بارماق ئىزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقماقچى بولدى. بۇ ئېنىقالنسا، .تۈگۈننى يىشىشكە ياردىمى بوالتتى. ئۇ ئۆمەرنى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى

 

*****

 

مەتتۇردى ئابلەيگە ياردەملىشىپ سۈرەتلەرنى يۇيۇپ، بارماق ئىزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، تەھلىل قىلىشىپ بەردى. ئۇالر تىل ئۇچىدىكى بارماق ئىزى بىلەن تاھىرنىڭ بارماق ئىزىنى سېلىشتۇرۇپ، »ئوخشاش ئەمەس« دېگەن يەكۈننى چىقاردى. چاچالرمۇ ئوخشاش ئەمەس بولۇپ چىقتى. تېرە قاسرىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇۋاندىالرنى »تېرە قاسرىقى« دەپ بېكىتتى. ئەمما ئۇنىڭدىن قان تىپىنى تەھلىل قىلىپ چىقىش خېلى نازۇك تېخنىكا بولغاچقا ئۇالردىكى تېخنىكا بۆلۈمى بۇنىڭ .ھۆددىسىدىن چىقالمايتتى

يازما ئاساس بولمىسا كېيىن بەزى ئىشالردا رەت قىلىشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئابلەي يۇقارقى يەكۈنلەر ھەققىدە تېخنىكا بۆلۈمنىڭ يازما ئاساس بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن ئۆمەرنى :نېمە قىلىۋاتىدىكىن دەپ ئۇنىڭ قېشىغا كىرگەندە ئۆمەر ئۇنى خوشال ھالدا كۈتىۋالدى

سەن ئۆزەڭنىڭ گېپىنى يورغىلىتىسەن، مانا قارا، بىز ئاخىرى ئۇنى ئىقرار قىلدۇردۇق، ئەمدى —دېدى دىلونى ئاخىرالشتۇرۇپ خۇالسە يېزىش ئىشىال قالدى،— .

:ئىقرارنامىدا تۆۋەندىكىلەر يېزىلغانىدى

مەن تىلىم چىشلەنگەندىن كېيىن شېرىننىسانىڭ ۋارقىراپال يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇ «قورقۇپ كېتىپ ھۇشىدىن كەتتىمۇ، يا مەن جان ئاچچىقىمدا ئۆزەممۇ بىلمەي بوغۇپ قويدۇممۇ »...بىلمەيمەن

قانداق؟ —

بىراق، ئۇ قانداق بولۇپ كوچا دوقمۇشىغا بېرىپ قالدى؟ —

بۇنىڭدا ئىككى خىل ئېھتىمال بار، بىرى تاھىر كېيىن قايتىپ كىرگەن ھەم ئايالغا قارىسا ئۆلۈپ .... —قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كوچىغا ئېلىپ چىقىپ تاشلىغان، يەنە بىرى ئايال تېخى ئۆلمىگەن، ئۇ ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇپ ئاللىقانداق مەخسەت بىلەن كوچىغا چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ جايغا .كەلگەندە بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلىپ چۈشۈپ جان بەرگەن

Page 27: ئۆڭۈك ئادالەت

!ھەر »ئىككى ئېھتىمال« پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ —

بىراق، بۆلۈم باشلىقلىرى خۇالسە چىقىرىشقا قوشۇلدى. دىلونى ئېنىقالشنى ئاخىرالشتۇرۇشقا — .بولىدۇ

مېنىڭچە بۇ دىلونى ئېنىقالش ئىشى ئەمدىال باشالندى، سەن ئۆز قاراشلىرىڭدىن يانمىساڭ مەيلى، — .مەن بۇنى يېڭىباشتىن ئېنىقالش كېرەك دەپ قارايمەن

.ئۇ ئۆزەڭنىڭ ئىشى، بىراق سەن ئۆزەڭنىڭ گۇمانلىرىنى قويۇپ باق —

ئابلەي بارماق ئىزلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، چاچ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق ماددى پاكىتالرنى .ئوتتۇرىغا قويدى. باشقا گۇمان ۋە ئېنىقالش زۆرۈر بولغان نوقتىالر ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى

ئەيىپكار ئىقرار قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە نېمىنى كوچىالش كېرەك؟ —

.ئەمما، مەن كوچىاليمەن، نەق مەيدانغا يەنە بارىمەن —

يول بولسۇن، سەن قايتىپ كەلگۈچە بىز تاھىرنىڭ دىلوسىنى ئىشلەپ يوقۇرىغا سۇنۇپ بولىمىز، —سېنىڭ ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلىرىڭ، ئەقلى خۇالسىلىرىڭ ئىسپاتلىنىپ بولغىچە بەلكىم ئۇنىڭغا .بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپمۇ بوالر

ئابلەي جىددىيلەشكەن ھالدا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ خىيالىدىن »جىددى تۇتۇش قىلمىسام بىر ئادەمنىڭ .ناھەق جازالىنىشنى توسۇپ قالمايمەن، دەرھال يېزىغا مېڭىشىم كېرەك!« دېگەنلەر كەچتى

ئالتىنچى باب. گۇمان كۆلەڭگۈسى

 

ئابلەي ئەتىسىال تالتېرەككە يۈرۈپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ يوقۇلۇپ تۇرىۋاتقانگۇمان كۆلەڭگۈسى ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرمەيتى. ئۇ بەزىدە »دەل شۇ! شۇنىڭ ئۆزى!« دەپ ۋارقىراپ ساالتتى. بەزىدە يەنە ئىككىلىنىپ: »پاكىت كېرەك، پاكىت! مەن باشقىالردەك ھېسسىيات .بويىچە ھۆكۈم چىقارماسلىقىم كېرەك، مەن ئۇنداق چاال ساۋاتالرغا ئوخشىمايمەن!...« دەيتتى

ئۇ سېكتارغا يولۇقۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ھېسابلىدى. دادۈيجاڭنى كېيىنرەك ئىزدىمەكچى بولدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر ئۈچ ئىش بار ئىدى. بىرى زاھىر بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىۋېلىش، يەنە بىرى ئۇنىڭ قوشنىسى زەينەپخان بىلەن كۆرۈشۈپ قاتىللىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدىكى ئاخشامدا ئۇ قانداق ساداالرنى ئاڭلىدى. دېگەنلەرنى سۈرۈشتۈرۈش. ئاندىن سازلىقنى بويالپ مېڭىپ كۆڭلىدە پەيدا بولغان يېڭى تۈگۈننى يەشمەكچى ئىدى. بۇالرنى تۈگەتكەندىن كېيىن .دادۈيجاڭغا يولۇقسىمۇ كېچىكمەيتتى

ئۇ ئالدى بىلەن مۇماينى يوقلىدى. ئۇ زەينەپخانغا شەھەردىن بىر كىلو گۆش ئېلىۋالغانىدى، ئۇالر :تېچلىق سورۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ئابلەي ئۇنىڭغا

.ھامماچا، بۇنى قازانغا سېلىپ قويسىال، پىشقىچە بىردەم پاراڭلىشىمىز،— دېدى —

موماي ئوچاق بېشىدا ئاۋارە بولىۋاتقان پۇرسەتتە، ئۇ ھويلىدا بىرەم ئايلىنىپ يۈردى، باغقا كىردى. -ئاندىن ئۆگزىگە چىقىپ زاھىرنىڭ ھويلىسىغا قاراپ باقتى. ھويال تىرىك جان باردەك ئەمەس، جىم

جىتلىقىغا ئېرەن قىلماي، دەرۋازىنىڭ جايالشقان ئورنى، تونۇر، -جىت تۇراتتى. ئابلەي ھويلىنىڭ جىمئۆينىڭ ئىشىكى، باغنىڭ، ئېغىلنىڭ جايالشقان ئورنى ۋە ئارىلىقلىرىنى پۇختىالپ ئىسىگە ئېلىۋالدى. ھويال دەرۋازىسى زەينەپخاننىڭ ئۆيى بىلەن بىر تام ئارقىلىقال ئايرىلىپ تۇراتتى. دېمەك، كېچىسى

. يېپىلغان ئاۋازلىرى مومايغا ئاڭلىنىپ تۇرىشى جەزمەن ئىدى-دەرۋازىنىڭ ئېچىلىپ

Page 28: ئۆڭۈك ئادالەت

.ئۇ ئۆگزىدىن قايتىپ چۈشكەندە موماي تۆشۈكتىن بىكار بولغانىدى

ـ زېرىكىپ قالدىلىمۇ، باالم؟— دېدى موماي، ئوچاققا قاتتىق ئوتۇندىن بىر نەچچە تالنى سېلىپ .قويغاندىن كېيىن سۇپىغا ئابلەينىڭ قارشىسىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ

دېدى ئابلەي مومايغا يېقىش ئۈچۈن ياق، نېمىشكە زىرىكەتتىم، ئەمدى پاراڭالشساقمۇ بولدىغۇ،— — .تىرىشىپ

.شۇنداق بولسىمۇ، دەيمىنا... سەھرا يېرىدە، شۇ —

سىلىدىن يەنە شىرىننىسانىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق بىر نېمە سورىماقچىدىم، ماالل كۆرمىسىلە شۇ — توغرۇلۇق پاراڭالشساق بوالرمۇ؟

.سورىسىال، بىلسەمال ئىگەكىم، دەپ بېرىمەن —

شۇ كۈنى ئاخشىمى تاھىرنىڭ بۇ ئۆيگە كەلگەنلىكى راست ئىكەن، ئۇ ئۆزىمۇ بۇنىڭغا ئىقرار — قىلدى. سىلى ئۇنىڭ كىرىپ كەتكىنىنى، ئازراق شەپىسىنى بولسىمۇ سەزگەنال؟

-مەن ئۇ چاغدا ئۆچكەمگە يۇندىغا كېپەك سېلىپ، ئاداپ قىلىپ بېرىۋاتاتتىم، دەرۋازىنىڭ ئېچىلىپ — زە، ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا زەڭ ئەتمەپتىمەن، تايىنلىق زاھىر بىر ياقتىن -يېپىلغىنىنى ئاڭلىدىم، ئەمما

ـ دە كەلگەندۇر دەپال ئويلىدىم ...

شۇ چاغدا شىرىننىسانىڭ ئۆيىدىلىكىگە جەزىم قىالالمال؟ دېمەكچى بولغىنىم، دەرۋازىنى ئاچقىنى —راست تاھىرمۇ ياكى بىرسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كىرگەن شىرىننىسانىڭ ئۆزىمۇ؟ بۇنى ئارىالشتۇرىۋەتمىگەندۇق؟

ياق، شىرىننىسا ئەمەس، مەن شۇنىڭ ئالدىدا ئۆگزىدىن كۆتىچەك تاشلىغىلى چىققانىدىم، شۇ —چاغدا شىرىننىسا ئۆيدىدى، ئۇنىڭ ئۇالغ جايالۋاتقىنىنى كۆرگەنىدىم. كېيىن دەرۋازا ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا مەن ئۇنىڭ بالىلىرىغا ۋارقىرىغىنى ئاڭلىغانىدىم. زاھىر شەگە كىرىپ كەتكەن بولسا، دەرۋزىنى ئاچقان ... تاھىر بولماي كىم بوالتتى؟ ھە، راست، بىر بولسا

.دەۋەرسىلە —

...مۇنداقال بىر ئىش يادىمغا كەلگەنىدى، ھېچگەپ يوق —

.بىر بولسا دادۈيجاڭ دېمەكچىغۇ سىلى؟— دېدى ئابلەي پەس ئاۋازدا —

مۇماي جىددىيلىشىپ كەتتى تۇپراق! ھەرگىز ئۇنداق دېمىسىلە،—-ياق، ياق، ئاغزىمغا تاش — .

ئابلەي ئۇنى چۈشەنگەچكە بۇ ھەقتە كوچىلىمىدى ھەم بۇنى كوچىلىغان بىلەنمۇ زەينەپخان ھېچنەرسە .ئېيتىپ بەرمەيتتى

يوق؟ زەڭ قويغانمىدىلە؟-شۇ كۈنلەردە شىرىننىسانىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولغانمۇ —

ئالدىنقى كۈندىن تارتىپال خاپىغان كۆرۈنگەن، ياق خېلى بۇرۇن بىر نەچچە كۈن ئاۋالال شۇنداق —خاپىغان بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەمىشە غىڭشىپ ناخشا ئوقۇپال يۈرىدىغان، ۋاالقالپ كۈلۈپال تۇرىدىغان بولغاچمىكىن، ئۆزگىرىپ قالغىنى بەكال بىلىنىپ كەتتى، شۇڭا ھازىرقىدەكال ئىسىمدە قاپتۇ.

پاتال ئۇرۇشۇپ -مەن ئۇنى زاھىر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا كېرەك دەپ ئويالپ قالدىم. ئۇالر پاتتۇراتتى، شىرىننىسا بىرە كۈن شۈكلەپ قاالتتى، ئاندىن يەنە ئوخشاش قېلىپغا چۈشەتتى، ئەمما شۇ .قېتىم ئۇنداق بولماي، قاپىقى ئېچىلمايال قالغانىدى

ئۇ سىلىگە ئۆيدىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرى توغرۇلۇق كۆڭلىدىكىنى ئېيتامتى؟ —

Page 29: ئۆڭۈك ئادالەت

....ئۇ ماڭا جىق گەپ قىلىپ كەتمەيتتى —

ئۇنىڭ سىرىنى ئېيتىدىغان باشقا سىرداشلىرى بولسا كېرەك؟ —

.بولسا كېرەك... خۇدا بىلىدۇ —

دەرۋازا ئېچىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپال شۇ پېتى يۈتتىمۇ ياكى باشقا بىرە شەپىنىمۇ ئاڭلىدىلىمۇ؟ —

بايا سىلى ئۆيگە چىرىپ ئولتۇرغانچىلىك پۇرسەتتە، چېغىمدا شۇنچىلىك ۋاقىت ئۆتتىمىكىن، —بىرسىنىڭ ۋارقىرىغىنىنى ئالىغاندەك بولدۇم. ئىشقىلىپ بىرسىنىڭ ۋارقىرىغىنى راست، ماڭىغۇ !كېچىلىرى ھەرقىسما ئاۋاز ئاڭالنغاندەك بولىدۇ، خۇدا كۆرسەتمىسۇن، يالغۇزلۇقنى

ئاندىنچۇ؟ —

ئارقىدىنال ئۆينىڭ ئىشىكى تاراقالپ ئېچىلدى، بىرسىنىڭ ھويلىدا يۈگرىگەندەك شەپىسى ئاڭالندى. — دەرۋازا جاالقالپ ئېچىلدى، بىرسى تىپىك يىگەن كۈچۈكتەك غىڭشىپ، مېڭىپ كەتكەندەك بولدى، بىز

پات بۇالرنىڭ جىدىلىنى ئايرىيدىغان، ئۇالر كېچىلىرى ھەمىشە قاتتىق ئۇرىشاتتى. - ئىلگىرى پاتقوشنىالردىن بىر نەچچىمىز چىرىپ شىرىننىسانى ياندۇرۇپ ئاچىقاتتۇق. بولمىسا ھېلىقى تەلۋە ئۇنى ھەنىمە قىلسا قىلىۋېتەتتى. شۇ ئىشالر يادىمغا يىتىپ ئاستا كوچىغا چىقىپ باقتىم. ) ئۇنداق چاغدا مەن تېخى ياتمايتتىم، قېرىغاندا ئۇيقۇ كەم بولىدىكەن، تاڭنى ئاتقۇزماق تەس، شۇڭا بەك كەچ ياتىمەن(. كوچىدا ئادەم يوق. قوشنامنىڭ دەرۋازىسى داغداما ئوچۇق تۇرىدۇ. ئاستا بېرىپ

بىرىنى قوغلىشىپ سىرتقا چىقىپ - جىت، بىر–دەرۋازىدىن بېشىمنى تىقتىم، قارىسام ھويال جىم چىدىم كەتكەن بولسا ئۆيگە ياماننىڭ كۆزى چۈشمىسۇن دەپ، دەرۋازىنى يېپىپ قويۇپ قايتىپ .

ۋارقىرغىنى ئەركىشى ئەمەستۇر؟ ھەقىچان شىرىننىساغۇ دەيمەن؟ —

.ياق، ئەر كىشىنىڭ ئاۋازىدەك قىلدى. قالغىنىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ —

شىرىننىسانىڭ ۋارقىرىغىنى ئاڭالنمىدىمۇ؟ ئۇ ئەمەس، ئەر كىشى ئىكەنلىكىگە رەسمىي ئىشەنچ — قىالالمال؟

بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئالالھ... ياق راست مەن شۇ كىچىسى —تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم، كىچىككىنە شەپە بولسىال كۆزۈم ئېچىلىپ كېتىدىغان، نېمىشقا دېگەندە، ئەر كىشىنىڭ ۋارقىرغىنىنى ئاڭلىغاچقا زاھىر بىلەن تاھىر ئىككىسى تۇتۇشۇپ قالغانمىدۇ دېگەنلەرنى .ئويالپ، زىل ياتتىم

ئۇنداق بولسا يەنە بىر شەپە ئاڭالنغانمۇ؟ —

ئىشقىلىپ، ئاڭلىدىم دېسەممۇ بولىدۇ، بايا دېگىنىمدەك، ماڭا ھەمىشە بىر نەرسىلەرنىڭ ئاۋازى — ...ئاڭلغاندەك بولىدۇ، چۈشۈممۇ توال بۇزىلىدۇ

مەيلى، قۇالقلىرىغا كىرگەن ئاۋاز نېمە بولسا شۇنى دەپ باقسىال —

مەن ئۇالرنىڭ دەرۋازىسىنى يېپىپ قويۇپ كىرىشىمگىال ئۆينىڭ ئىشىكى تاراقلىغان ئاۋازنى — ئالەم -ئاڭلىدىم، ئارقىدىن يەنە جىمىپ كەتتى. بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قېلىپ، كېيىن خەلقى

»قوشنا تۇرۇپ، ھاي بېرىپ قويماي ئۇخالپسىلەر« دېمىسۇن دەپ، يەنە تاالغا چىقىپ دەرۋازىغا ...قاراپ باقتىم. دەرۋازا ئىچىدىن زەنجىرالپ قويۇلۇپتۇ

توختىسىال، بايا سىلى ئۇنى يېپىپ قويغان دېگەنمىدىلە؟ شۇنداققۇ؟ شۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلغان — ئاۋاز ئاڭالنمىدىمۇ؟

Page 30: ئۆڭۈك ئادالەت

ياق، يا مەن ئاڭلىماي قالدىممىكىن، ئەمما بۇالرنىڭ دەرۋازىسى ئاڭلىمىغۇدەك ئېچىلمايدۇ، — .شۇنداق سەت غىچىراليدۇ

.خوش ئاخىرىنى سۆزلىسىلە —

ئەينىكىدىن ئۆيدە چىراق [ 3 ]ئۆگزەمگە چىقىپ قاراپ باقتىم، ئىشىك ھىم يېپىقلىق، تاۋاداننىڭ — جىت »خۇداغا شۈكرى، تىنچىپ قالغان بولسا ئەجەب -يېنىقلىق تۇرغىنىنى كۆردۈم، ئەمما جىم

غاالپ بولغاندەك زايا -ئەمەس« دەپ ئويالپ، قايتىپ چۈشەي دەپ تۇراتتىم. ئۆينىڭ ئىچىدە گۈلدۈربولدى. تاۋاداننىڭ ئەينىكىدىن چۈشۈپ تۇرغان يورۇق بىرسىنىڭ گەۋدىسى بىلەن توسۇلۇپ،

چاپسان مىدىرلىدى ۋە جىم بولدى. مەن يەنە بىردەم تۇرۇپ قالدىم. بىر ھازا تۇرۇپ -چاپسانباقسام يەنە جىملىق، چۈشۈپ كېتەي دەپ تۇراتتىم، ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئىشىكتىن زاھىر چىقىپ كەلدى ئۇ ئالدىراپ كېلىپ دەرۋازىنىڭ زەنجىرىنى تۇتۇپ بېقىپ، كەينىگە ياندى، ئېھتىمال ئۇ دەرۋازا تاقالماي قالدىمىكىن دەپ قاراپ باققىلى چىقسا كېرەك. ئۇ كەينىگە قايتتى، لېكىن ئۆيگە .كىرىپ كەتمەي، پىشايۋاننىڭ سۇپىسىدا تاماكا چىكىپ ئولتۇردى

راستال زاھىر ئۆيدىمىكەن؟ سىلىنىڭ كۆرگەنلىرى تاھىر ئەمەسلىكىگە ئىشىنەمال؟ —

.شۇ، شۇنىڭ ئۆزى، نېمىشكە ئىشەنمەيتتىم —

.سۆزلەۋەرسىلە —

شۇنىڭ بىلەن ئۆگزىدىن قايتىپ چۈشۈپ، ئۇخالشقا ياتتىم، ئولتۇرسام زاھىر ئورنىدىن ھېلى — .تۇرىدىغاندەك ئەمەس

ھويلىدا ياتتىلىمۇ؟ —

ھە، مەن قىشنىڭ بېشىغىچە ھويلىدا ياتىمەن، ئۆيدە ئىچىم تىتىلدايدۇ، گۆرگە كىرىپ قالغاندەك —بولۇپ قالىمەن، ئۇنىڭدىن كۆك ئاسمانغا قاراپ يېتىپ، مېنىڭ يۇلتۇزۇم قايسىدۇ دېگەندەك خىيالالر .بىلەن ياتسام ئوبدانراق

چاپسانال ئۇخالپ قاللىمۇ؟ —

نەدىكىنى، قوشنام توغرۇلۇق كۆڭلۈمگە يەتمىگەن ئىشالر يېتىپ، كۆز يۇممۇدۇم، يەنە كۆزۈم — .ئىلىنسە بىر شەپە ئاڭالنغاندەك بولۇپ، ئويغىنىپ كېتىمەن، ئاشۇنداقال تاڭ ئاتقۇزىۋەتتىم

...ـ شۇنىڭدىن كېيىن بۇالرنىڭ دەرۋازىسى يەنە ئېچىلىدىغۇ دەيمەن؟ يېرىم كېچىلەر بىلەن

ھەئە، سىلىگە كىم دەپ بەردى؟ كۆرگەنلەر بارىكەنـــ دە؟ —

مەن سۈرۈشتۈرۈپ بىلدىم. يېرىم كېچە بىلەن دەرۋازا ئاۋايالپ ئېچىلدى، شۇنداقمۇ؟ —

ھەئە، تازا شۇنداق بولدى، پەم بىلەن ئاچسىمۇ يەنىال غىچىرلىدى. ئەمما ئۈزۈك ـ ئۈزۈك — .غىچىرلىدى

دەرۋازا ئېچىلغاندىن كېيىن بىرسى ئۆي تەرەپكە كەتتى، بىردەمدىن كېيىن يەنە كەلدى، ئېغىر بىر — نېمىنى كۆتەرگەندەك تاالغا چىقىپ كەتتى، شۇنداقمۇ؟

.توۋا، يەنە كىم بۇالرنى كۆرۈپ تۇرغاندۇ؟ مەن زاھىرنىڭ ھاسىرغىنىنى ئاڭلىغاندەك بولغانىدىم —

كېيىنچۇ؟ —

Page 31: ئۆڭۈك ئادالەت

كېيىن، سىلى دېگەندەك ئۇ بىر ياققا كەتتى، خېلى ئۇزۇندىن كېيىن يەنە كەلدى. دەرۋازا يېپىلدى، —ئەتىسى ئۇقساق، ھېلىقىدەك ئىش بوپتۇ، كۆڭلۈمگە گۈپپىدە كەلدى. ئەمما خەقلەر »زاھىر قەشقەرگە كېتىپتىكەن« دېيىشىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھە، ئەمسە مېنىڭ كۆرگىنىم شۇنىڭغا .ئوخشايدىغان بىر كىشى بولسا كېرەك دەپ ئويالپ قالدىم

سىز زاھىر بىلەن قانداق؟ كىرىپ ـ چىقىش قىالمسىلە؟ —

شىرىننىسا بار چاغدا زاھىر بىزنىڭكىگە كىرمەيتتى. شىرىننىسا بىلەن خېلى ئوبدان ئۆتەتتۇق، —رەھمەتلىك، ئورنى جەننەتتە بولسۇن، كېيىن ئۇنىڭ بالىلىرى قىينىلىپ قالمىسۇن، ئەر كىشى دېگەن

قېتىم ئاش ئەچىدىم، كېيىن تارتىنماي   پاماقنى تازائەپلەشتۈرەلمەيدۇ دەپ ئويالپ، بىر نەچچە-تاماق ...ئاش ئىچكىلى چىرىڭالر دەپ تەكلىپ قىلدىم، ئۇ بالىلىرىنى ئېلىپ بىر نەچچە قېتىم چىدى

بۈگۈن ئۇنى چاقىرىپ كىرسىلە ماقۇل بوالرمۇ؟ —

.بۈگۈن دەمال؟ ئاپال، ئۇ ئىككى كۈن ئاۋال كېتىپ قالدى —

كېتىپ قالدى؟ نەگە؟ —

ئىدى، بالىلىرىم بىلەن قىينىلىپ قالدىم، بالىالرنى ئاچامغا  تاغ ئارقىسىغا، ئۇ يەردە ئاچىسى بار —دەپ كەتتى بېرىپ كېلىمەن،— .

ئانىسى بېقىپ بەرسە بولمامتى؟ ياكى ئۇالرنىڭ ھەر ئىككىسى يىتىممىدى؟-شىرىننىسانىڭ ئاتا —

. ئانىسى بۇلتۇ ئالەمدىن ئۆتكەن، شىرىننىسانىڭ ئاتا ـ ئانىسى تېخى ياشال-ياق، زاھىرنىڭ ئاتا —

شۇنداقمۇ؟ — ئابلەينىڭ كۆڭلىدىكى گۇمانلىق كۆلەڭگە روشەن ئادەم سىماسى بىلەن ئالماشتى، —نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىر- بىرىدىن ئاجرالماي، گاھ بىرى ئېنىقراق بولۇپ، گاھ يەنە بىرى ئېنىقراق

ئىلگىرى تۇتۇقراق بولغىنى بىردىنال -بولۇپ ئۇنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىككى كۆلەڭگۈدىن بىرىروشەنلىشىپ، يەنە بىرىنىڭ ئىزىنى ئۆچەردى. تەسەۋۋۇر ئىكرانىدا يۈزى ۋە بويۇنلىرى تاتىالنغان، چاچلىرى يىرىك ھەمىشە قوشۇمىسىنى تۇرۇپال يۈرىدىغان سۆرۈن تەلەت پەيدا بولدى. ئۇ .شىرىننىسانىڭ ئاتا ـ ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكتى

.ئابلەي زەينەپخان بىلەن بىللە غىزاالنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشالشتى

ماڭا دېگەن گەپلىرىنى باشقىالرغا دەپ يۈرمىسىلە، بۇنى بىز بىر تەرەپ قىلغىچە گەپ ـ چۆچەك —دېدى ئۇ بولۇپ كەتسە تەسىرى ياخشى بولمايدۇ،— .

خاتىرىجەم بولسىال، قورسقىدا گەپ يانمايدىغان خوتۇن بولىدىغان بولسام نىۋاق داپ ئېتىپ —چالمامتىم، ئەسلىدە ھېچ كىشىگە دېمەسمەن دەپتىم، قارىسام تاھىر بىچارە قارىلىنىپ، گۇنا شۇنىڭغا

دە،... يەنە - ئارتىلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىمىغۇ قىلىقسىز نېمە، ئەمدى، ئۇ دېگەن ياشلىق ...كېلىپ سىلى كۆڭلۈمگە يېقىپ قالال، باالمدەكال بولۇپ قالال، شۇڭا بىلگىنىمنى يوشۇرمىدىم

ئانىسى قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى سورىۋېلىپ چىقىپ كەتتى. -ئابلەي مۇمايدىن شىرىننىسانىڭ ئاتاموماي ئۇنى كوچىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. بۇ چاغدا قۇياش غەرپ تەرەپتىكى مەھەللىلەرنىڭ

تارام بولۇپ - دەرەخلىرى ئۈستىدە ئېسىلىپ تۇراتتى. قىزغۇچ نۇرالر شاخالر ئارىسىدىن تارام .ئۆگزىلەرنىڭ گىرۋەكلىرىدە قىزغۇچ شولىالر جىمىرالپ تۇراتتى

 

**********

Page 32: ئۆڭۈك ئادالەت

 

ئەتىسى ئۇ سازلىق بويالپ شەھەر تەرەپكە ئارىالپ چىقىدىغان ھارۋا يولى بىلەن يۈرۈپ كەتتى، يولھەمىشە چىڭدىلىپ تۇرغاچقا ئىككى تەرىپىدىكى يەر يۈزىدىن پەسراق ئىدى. سىلىقدىلىپ كەتكەن .يول يۈزى قارا — قوغۇشۇن رەڭدە پارقىراپ تۇراتتى

ئابلەي كېتىۋېتىپ: زاھىرنىڭ بارماق ئىزىغا ئېرىشەلمىدىم، بۇ ناھايىتى چاتاق بولدى، شۇنداق بولسىمۇسازلىق يولى ماڭا بىر نەرسىنى ئېيتىپ بېرەر، دېگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇ سازلىقنىڭ شەھەر تەرىپىدىكى كەنتكە بېرىپ ئەڭ دەسلەپكى ئائىلىدىن يىپ ئۇچى ئىگىلەش ئۈچۈن توختىدى. دېھقان خۇجايىن بارلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئوخشاشال ئۇنى ياخشى مۇئامىلە بىلەن قارشى ئالدى ۋە كاۋا .باراڭلىرى ئاستىغا باشلىدى

بۇ ئىككى كەنتنى بىر پارچە سازلىق ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا بىر ـ بىرىنى بىلىشى .مۇمكىن ئىدى

. سىلى تالتىرەكلىك زاھىر دېگەن كىشىنى تونۇمال؟— دەپ سورىدى ئابلەي سۆھبەتدېشىدىن —

زاھىر؟ زاھىر كۆكەمە بولمىسۇن يەنە؟ يېقىندا خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمما؟ —

.ھەئە، بىرەر ئايچە بولۇپ قالدى —

تونۇمامدىغان ئۇ ئىلگىرى نامى بار چېلىشچى ئىدى، شۇڭا ئىككى يۇرت ئارىسىدا چېلىش بولۇپ — .تۇراتتى. بىز ئىككى يۇرت توال ئارىلىشىپ ئۆتىمىز. مەنغۇ ھەممىسىنى دېگىدەك بىلىمەن

ناھايىتى ياخشى بولدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يېقىندا خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكىنىمۇ بىلىدىكەنال،— دېدى — .ئابلەي چىن دىلىدىن خۇرسەن بولۇپ

دېدى دېھقان ماختانغاندەك دېدىمغۇ، ئىككى يۇرتنىڭ توي، نەزىرىمىز بىللە،— — .

زاھىرنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپتۇ دېگەن خەۋەر سېلىگە ئاڭالنغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۇ شەھەرگە — ماڭغانىكەن، ھەقىچان سىلىنىڭ ئىشىكلىرىدىن ئۆتكەندۇ، شۇنىڭغا كۆزلىرى چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟

پىشىملەر بىلەن شەگە ماڭدىم دەپ چىقىپتىكەن، مەن ئۇنى ئالدىراش ئىشى -دۇرۇس، ئۇ چۈش —بارمىكىن دېسەم، ئانچە ئالدىراشتەك ئەمەس، ئىشى يوقمىكىن دېسەم، كەچكە تەۋە بولغاندا شەگە :مېڭىپتۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا چاخچاق قىلىپ

.نىمانداق كەچ بولغاندا شەگە مېڭىپ قالال؟ بالال ھەيدەپ چىقامىغاندۇ؟ — دېگەنتىم —

قايتقانلىقىنىمۇ كۆرگەنمىدىلە؟ —

ـــ ھە، بىز ئاشقا ئولتۇرغانىدۇق. ئەنە دەرۋازا شۇنداق قىيا ئىكەن، يول شۇ يەردىن ئۆتىدۇ ئەمەسمۇ، .ئۇنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ كۆردۈم

شۇ كۈنىسىالم قايتتىغۇ دەيمەن؟ ئەتىسىمۇ يا؟

.ۋاي شۇ كۈنىسىالم، كەچتىرەك —

ئوچۇق كۆردىلىمۇ؟ —

مەن ئازغاشتۇرۋەتمەيمەن، ئۇزۇن يىل كۆرۈشۈپ يۈرگەن ئادەمنى ئاي قاراڭغۇسى بولسىمۇ — .تونۇمامدۇ، كىشى

Page 33: ئۆڭۈك ئادالەت

يەنە ئىشەكلىك، شۇنداقمۇ ياكى ئىشەكنى بىر يەردە تاشالپ يېنىپتىمۇ؟ —

ئىشىكى بار، ئەمما ئىشىكىنى ھەيدەپ پىيادە مېڭىپتۇ، مەن ئۇنى ئىشىكى مىتكوت بولۇپ كەتكەن —بولسا ئارقىسىغا ياندىمىكىن دېدىم، ئانچە ئېتىۋار قىلماي ئۇنتۇپ كەتتىم، ئەمدى سىلى ماگەپنى ئاچقاننىڭىزنى ئويالپ باقسام راست بۇ ئاجايىپ ئىش، ئۇ كەتكىلى خېلى بولغان، شۇنچە ئۇزۇن يولدىن كەينىگە يانغىنى قانداق؟

ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى!« دەپ ئويلىدى ئابلەي، »ئىشەكنى بۇ كەتتە قويمىغان بولسا قەيەردە «ئىشەك جەزمەن سازلىقتا تۇرمايدۇ، قويىشى مۇمكىن؟ سازلىققا تاشالپ قويغاندىمۇ؟ ياق، كەچتە

...ئۆيگە ئۆزىمۇ قايتىپ كېتەلەيدۇ

ئابلەي سۆھبەتدىشى بىلەن خوشلىشىپ يەنە سازلىق يولى بىلەن تالتېرەككە قايتتى. ئۇ يولدا كېلىۋېتىپ ئويال ـ ئويال، ئاخىرىدا كۆڭلى پاللىدا يورۇپ كەتتى، »تۈگمەن!« دەپ پىچىرلىدى ئۇ ۋە .ئىلدام مېڭىپ تۈگمەنگە كەلدى

:تۈگمەنچى مۇنۇالرنى ئېيتىپ بەردى

زاھىر شۇ كۈنى قاش قارايغاندا تۈگمەنگە كەلدى، ئۇ ياقتىكى يۇرتقا ئۆتمەكچى ئىكەنلىكىنى، —بىراق دەسلەپ ئىشەكلىك چىقىپ، ئەمدى ئىشەكلىك بېرىشنىڭ ئەپسىزلىكىنى ئويالپ قالغانلىقىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇشقا ئېرىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تۈگمەندە قويۇپ كېتىپ، كېيىن يانغاندا ئېلىپ ئۆتۈپ

يۇ، ئۇ چاغدا كىم بىلىدۇ -تۇققىدەكمۇ قىلىدۇ -كەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. گەپلىرى سەل تاققا ...دەيال، بوپتۇ، ئېغىلغا سۇالپ قوي، ماڭا نېمە ئېغىرى دەپتىمەن

ئەتىسى سەھەردە ئېلىپ كەتتىمۇ؟ —

دە، ياق خېلى كېچىدە، تەڭ كېچىدە دېسىمۇ بولىدۇ، ئەمدى ياندىڭمۇ دېسەم ئەمدى ياندىم، دېدى ـ — .كەتتى

قايسى تەرەپكە كەتكىنى كۆردىلىمۇ؟ —

ئۆيگە كەتكەندۇ، قاياققا ماڭماقچى ئىدى ؟ —

سىلى ئېنىق كۆردىلىمۇ قانداق؟ —

.ياق، مەن ئۇنىڭغا زەڭ قويۇپ يۈرەيمۇ، ئۇيقۇلۇقتا، كەتتىم دېدى، كەتتى دېدىم، شۇ —

ئاياق تىۋىشىدىن ئۇياققا ماڭغىنى ياكى بۇياققا ماڭغىنىنى بىلىنمىدىمۇ؟ —

...ھېچ —

.خەير، سىلىنى ماالل قىلدىم،— ئابلەي خوشالشتى —

قاتىل ئاساسەن  ئۇنىڭغا دادۈيجاڭ بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغاندەك تۇيۇلدى. ھازىر — .مۇقىملىشىپ قالغانىدى

ئۇنى قايتىش يولىدا تاھىرنىڭ ئايالى توستى، يىغىدىن كۆزلىرى قىزارغان، بىردەمدىال رەڭگى رۇخسارى سولۇپ، قېرى چىراي بولۇپ كەتكەن بۇ چوكان ئابلەينى كەتتىن چىقىدىغان بىر خىلۋەت .جايدا ساقالپ تۇرغانىكەن

سىلىنىڭ كەلگەنلىرىنى ئاڭلىدىم، كۆردۈم، ئۆيگە كېلەمدىكىن دېسەم كەلمەيدىغاندەك قىلدىال... — ...ئالدىلىرىنى توسۇپ ئەدەپسىزلىك قىلدىم

Page 34: ئۆڭۈك ئادالەت

گەپ ـ سۆزلىرى بارمىدى؟ —

...تاھىرنى ناھەق يەپ كېتىدىغان بولدى، ئۇمۇ زادى دۈشمەنلىك ئىدى —

قانداق دۈشمەنلىك؟ —

دادۈيجاڭ ئۇنى يامان كۆرەتتى... سىلىگە كۆڭلۈمدىكىنى دېدىم، ئىشەنگەچكە... نېمە دەپ ئويالپ —قالسىال مەيلى، ئەمدى راستىنى دەي، تاھىرنىڭ شىرىننىسا بىلەن گىپى چىققىنى راست، لېكىن،

پىدىڭ يوق، -دادۈيجاڭ ئىككىسى توغرۇلۇقمۇ گەپ ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇ كادىر بولغاچقا غىدىڭ !ھەممە گەپنى تاھىر كۆتىرەتتى... سىلى بىلمەيال، نېمىال دېگەن بىلەن نەچچە بالىنىڭ دادىسى ـ دە

...كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىال —

بۇزمىغىنىم بىلەن ھېلىقى غوجام مايەردىكى غۇجامنىڭ بىر نېمىسىنى يەپ گېلىنى پوق قىلىۋالسا، — .مۇشۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىۋىتەرمىكىن دەپ قورقىمەن

.خاتىرىجەم بولسىال، ئۇنداقال قىلىۋەتكىلى بوالمتى —

گەپلىرىنى قارىسىال، ئۆزەممۇ پەملەپ قالدىم، دادۈيجاڭ مۇناپىق ھېلىقى سوغۇق شورپا —ھۆركىرەپ يىغلىۋەتكۈدەك ھەمراھلىرىغا بىر نېمىلەر ئەۋەتىپ تۇرىۋاتقاندەك... سىلىدىن تىلەي... —

قىلىپ تۇرغاچقا ئىتتىك مېڭىپ كەتتى. ئابلەي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن .يولىنى داۋام قىلدى

يەتتىنچى باب. ئاخىرقى ئۇرۇنۇش

 

:ئابلەي ئىدارىگە كەلگەندە مەتتۇردى ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىز خەۋەر يەتكۈزدى

دىلو خۇالسە قىلىنىپ ئوتتۇرا سوتقا يوللىنىپ بولدى، تاھىر قاتىل دەپ بىكىتىلدى، تېخى يىغىنالردا — .باشلىق ئۆمەرنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى، چاققانلىقىنى كۆپ ماختىدى

.بىراق، مەندە قاتىلنىڭ تاھىر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتاليدىغان دەلىللەر بار —

ئەمدى ئۇنىڭ قانچىلىك پايدىسى بوالركىن؟ ئۆمەرنىڭ دادىسى باشلىقنى ئاالھىدە ماختاپ، ئۇنىڭ —ئۆمەرگە خىزمەت كۆرسىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى، ئۆمەرنى تەربىيىلەپ ياخشى رازۋىدچىك قىلىپ چىققانلىقىغا رەخمەت ئېيتىپ كىتىپتۇ. ئەمدى بىردىنال ئۆمەر ئىشلىگەن دىلونى .خاتاغا چىقىرىش تەس بوالرمىكىن دەيمەن

بىراق، مەن ۋىجدانغا مۇخالىپ ئىش قىلىشنى خالىمايمەن، گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلۈم كۈتۈپ — تۇرغاندا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ئىنساننىڭ تەبىئىتى كۆتۈرىدىغان ئىشمۇ؟

ئىنسان تەبىئىتى« دىگىنىڭنى ئۇالر ئاڭالپ قالمىسۇن، ھېزى بول، خوش، قانداق قىلماقچىسەن؟« —

بۆلۈم باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشىمەن، بولمىغاندا ئۆمەر بىلەن ئۆز — .قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ باقىمىز

ھەي، قانداق بوالركىن، ئىدارە باشلىقىمۇ، بۆلۈم باشلىقىمۇ ھوقۇق تارتىۋالغانالر، كەسىپ ئەھلى — شەيتان بولۇپ تۈرمىدە ياتقاندا راست گەپ قانچىلىك ئاقاركىن؟ -باشلىقالرنىڭ ھەممىسى جىن

ئەمما مەن سېنى توسىمايمەن، ئەكسىچە تېخنىكا بۆلۈمى ئىسپاتلىغان بارماق ئىزلىرى ھەققىدە

Page 35: ئۆڭۈك ئادالەت

گۇۋاھلىق بېرىمەن. ئەگەر يەنە ئانالىز قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر بولسا ماڭا بەرگىن، ياردەم .بېرىمەن

بۇ قېتىم مەن ئۆلگۈچىنىڭ ئىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بارماق ئىزىنى ئالماقچىدىم، بەختكە —قارشى بۇ ئادەم تاغ ئارقىسىغا چىقىپ كېتىپتۇ، بولمىغان يېرى كەلگەندە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىشقا .توغرا كېلىدۇ

.بۇمۇ سېنىڭ تەلىيىڭ كاج تۇرغانلىقىنىڭ بىشارىتى —

.ماقۇل، مەن بۆلۈم باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي —

.ئابلەي مەتتۇردى بىلەن خوشلىشىپ بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى

دېدى بۆلۈم باشلىقى سىزدە باش باشتاقلىقنىڭ ئامىللىرى بىخ سۈرۈپ قېلىۋاىتىدىغۇ دەيمەن،— — .

...بۇ ئىشتا —

!ئۆزىڭىزنى ئاقلىمايال قويۇڭ —

ياق، ئۆزەمنى ئاقلىماقچى ئەمەس، مەن بۇ دىلودا ئۆمەرنىڭ خۇالسىسىگە قوشۇلمايمەن، —شۇنداقال مەندە تاھىرنىڭ ھەقىقىي ئەيىپكار ئەمەسلىكىنى دەلىلەيدىغان پاكىتالر بار. مۇشۇنداق تۇرۇپ، بىر گۇناھسىز ئادەمنىڭ جازالىنىشىغا سۈكۈت قىلىش ئىنسان تەبىئىتىگە، ۋىجدانىغا مۇخالىپ ...دەپ قاراپ، قايتىدىن ئىزدىنىپ بېقىش ئۈچۈن تالتېرەككە كېتىپ قالغانىدىم

ئىنسان تەبىئىتى؟ بۇرژۇئازىيىنىڭ قارا ماللىرى! گۇناھسىز ؟! ئۇنىڭ ئىستىلى مەسىلىسى پاكىتقۇ؟ — دە، بۇمۇ گۇناھ ئەمەسمۇ؟-ھېچ بولمىسا

...ئۇغۇ گۇناھ، بىراق ئۇ باشقا ئىش، ھازىرقى گەپ قاتىللىق —

ئەمسە بىلگەنلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ. گەرچە مەن سىزنىڭ ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ —چىقالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلسەممۇ، ھەم بۇ دىلو ئاللىقاچان خۇالسىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، .سۆزلىرىڭىزنى ئاڭالپ باقاي

.ئابلەي سومكىسىنى ئاۋايالپ ئېچىپ ئۇنىڭدىن دىلو ھەققىدىكى خاتىرە ۋە سۈرەتلەرنى ئالدى

ئۆلگۈچىنىڭ ئاغزىدىكى تىلنىڭ ئۇچى چىشلىۋېلىنغاندىن كېيىن تۈكۈرىۋېتىلگەن، ئۇنىڭدا توپا —قېتىشمىسىنىڭ بولىشى ۋە روشەن بارماق ئىزىنىڭ بولۇشى بۇنىڭ دەلىلى. بۇنىڭدىن باشقا، تىلنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ ئاغزىدا تۇرۇش ھالىتىمۇ بۇ تىلنىڭ باشقا بىرسى تەرىپىدىن كېيىن قايتا قىستۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى ئىسپاتاليدۇ. بارماق ئىزلىرىنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدىن قارىغاندا تىلدىكى بارماق ئىزى تاھىرنىڭ ئەمەس ھەم ئۇنداق بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس! ئۆلگۈچىنىڭ بارماق ئىزى تېخىمۇ ئەمەس! بۇ ھال بىزگە بۇ يەردە ھەرىكەت قىلغان ئۈچىنچى شەخسنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىمكانىيىتى .بېرىدۇ

ئۇ تىل پارچىسىنى تۇتۇپ باققانالر خېلى كۆپقۇ، ئۇنىڭدا سىزنىڭمۇ بارماق ئىزلىرىڭىز قالغاندۇر، بۇ — نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟

توغرا، ئۇنى تۇتۇپ باققانالر ئاز ئەمەس، بىراق، مەن دەۋاتقان بارماق ئىزى قان تېخى — .قېتىشمىغان چاغدىكى بارماق ئىزى. ئۇنى دورا ئارقىلىق روشەنلەشتۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق

.خوش داۋامالشتۇرۇڭ، بىراق قىسقىراق سۆزلەشكە تىرىشىڭ —

Page 36: ئۆڭۈك ئادالەت

بۇنىڭدىن باشقا جەسەتنىڭ تىرنىقىدا تېرە قاسرىقىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقىغانىدۇق، بۇ ئۆلگۈچىنىڭ — كۆزىنى مورلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. -قاتىل بىلەن قارشىلىشىپ، ئاخىرقى مىنۇتالردا قاتىلنىڭ يۈز

ۋاھالەنكى، بىز بۇ تېرە قاسرىقىنىڭ ئەسلى ئورنىنى تاھىرنىڭ يۈزلىرىدىن تاپالمايمىز. باشقىالرنىڭ -ئېيتىشىچە شۇ كۈنلەردە زاھىرنىڭ يۈزىدە بۇنداق ئىزالر پەيدا بولغان، كىشىلەر بۇنى »دەرت

ئەلەمگە چىدىماي ئۆزىنى تاتىالپ يىغلىغانلىقىنىڭ مەھسۇلى« دەپ قاراشقانىكەن. بۇنىڭدىن باشقا جەسەتنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدا بىر نەچچە تال قىسقا چاچ بار. بۇنداق توم ۋە يىرىك چاچالرنىڭ جۈپتىنىمۇ تاھىرنىڭ بېشىدىن تاپالمايمىز، تاھىرنىڭ چاچلىرى روشەن يۇمران چاچ، رەڭگىمۇ سېرىق ...قۇڭۇر

ھەقىقەتەنمۇ چوڭ پاكىتالر ئىكەن! تىلدىكى بارماق ئىزىنىڭ جۈپتىمۇ بەختسىز ئەرنىڭ قولىدا — .بولمىسۇن تايىنلىق؟!ـ دېدى بۆلۈم باشلىقى تەئەددى قىلىپ

ئەپسۇسكى، بۇ ئاخىرقى پاكىتقا ئېرىشەلمىدۇق، ئەينى چاغدا بىز ئۇنى مۇسىبەت ئۈستىدە —بولغاچقا دەرھال زىيارەت قىلىشنى ئەپسىز كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ بارماق ئىزىنى كېيىنرەك ئېلىۋالساقمۇ بوالر دەپ ئويلىغان، ئەمما ئۇ ئاخىرقى پاكىت قولغا چۈشكەن ھامان ھەممە ئىش قىل سىغمايدىغاندەك دەرىجىدە روشەن بولىدۇ. مەن ھېلىمۇ بۇنى ئاساسەن مۇقىمالشتۇرۇشقا بولىدۇ ...دەپ قارايمەن... ۋىجدانەن ئېيتقاندا

ماڭا بۇرژۇئازىيىنىڭ ماللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى قويۇڭ، سۆزىڭىز تۈگىدىمۇ؟ —

ياق، بۇ قېتىم ئىگىلەپ كەلگەنلىرىمگە قۇالق سېلىڭ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم، بۇالر قاتىلنىڭ كىم —ئىكەنلىكىنى خېلى روشەن ئىسپاتلىيااليدۇ،— ئابلەي زەينەپخان موماي بىلەن قىلىنغان سۆھبىتىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى، ئەمما بۆلۈم باشلىقىنىڭ خىيالى قايسى بىر چوڭ پىپەن يىغىنىنىڭ .تەييارلىق ئىشلىرى ئۈستىگە كېتىپ، تازا كۆڭۈل قويمىدى

خوش، شۇنداق بولغان بولسا بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟— دېدى ئۇ ئېرەڭسىزلىك بىلەن،—بەلكىم —موماي قاراڭغۇدا خاتا كۆرۈپ قالغاندۇر، كېچىچە ھويلىدا تىمىسقىالپ يۈرگىنى دەل قاتىل — .تاھىرنىڭ ئۆزىدۇر

ئۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ تاھىر ئۇ چاغدا ئۆز جېنى بىلەن ھەلەك بولۇپ، ئۆيىگە ئاران —بېرىۋالغان تۇرسا... يەنە كېلىپ زاھىرنىڭ شەھەرگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى رەت قىلىدىغان بىر مۇنچە پاكىتالر بار. مەن پاكىتالرغا ئاساسەن شۇ كۈنى كېچىسى بولغان ۋەقەنى مۇنداق تىزىپ چىقتىم،— دېدى ئابلەي ھەقىقى رازۋىدچىكالرغا خاس چىچەنلىك بىلەن ئۆز تەسەۋۋۇرلىرىنى دادىل سۆزلەپ،—شۇ كۈنى زاھىرنىڭ تاھىرنى شەھەرگە بىللە كىرىشكە ئاالھىدە تەكلىپ قىلىشى ۋە كېيىن ئۆزى: »ئەمسە مەن كەتتىم، بىر بولسا ئەتە، بولمىسا ئۆگۈنلۈككە چىقىمەن« دەپ تاھىرنىڭ كۆزىچە مېڭىپكەتكىنى ئەسلىدە بىر توزاق. ئۇ بۇنى بىلىندۈرۈش ئارقىلىق، تاھىرنىڭ شۇ كۈنى شىرىننىسانىڭ قېشىقا كىرىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى، ئاندىن شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە تاھىرنى تۇتىۋېلىپ قىساس ئالماقچى بولغان. شىرىننىسانىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاشىنىسىنىڭ تىلىنى چىشلىۋېلىشىدىن قارىغاندا ئۇ ئىرى تەرىپىدىن مەجبۇرالنغان. ئىرى شۇنى شۇنداق قىلىشقا قىستىغان، بولمىسا...، قىلىمەن، دەپ تەھدىت سالغان. بۇ ھال ئايالغا ناھايىتى ئېغىر كەلگەن. تاھىرنىڭ ئىقرارىدىنمۇ شۇ كۈنى ئايالنىڭ پوزتسىيىسى تازا قىزغىن بولمىغان. سولغۇن، كەيىپسىز بولغان، كېيىن گەرچە ئېچىلغاندەك بولغان بولسىمۇ بۇمۇ سۈنئى ئىدى. زەينەپخان موماينىڭ ئىسپاتلىشىغا ئاساسالنغاندىمۇ شىرىننىسا شۇ كۈنلەردە ناھايىتى جىمخور ۋە بىچارە بولۇپ قالغان. شىرىننىسا ئېرىنىڭ قىستىشى بىلەن ئۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولغاندىن كېيىن زاھىر »شەھەرگە كىرىش« كومىدىيىسىنى ئويناپ، تاھىرغا »ئۆيىنىڭخاس قالغانلىقى« دىن بىشارەت بەرگەن، ئۆزى بولسا سازلىقتىن ئۆتۈپ، ئۇ تەرەپتىكى كەنتتە كۈننى كەچ قىلغان، قايتىپ كېلىپ، ئېشىكنى تۈگمەندە قالدۇرۇپ، ئوغۇرلۇقچە ئۆيگە كېلىپ ھويلىدا بىر يەرگە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان. زەينەپخاننىڭ ئەسلىمىسىدىن قارىغاندا تاھىر ئۆيگە كىرگەن ۋە تىلى چىشلىۋېلىنغاندىن كېيىن يۈگرەپ چىقىپ كەتكەن چاغدا زاھىر دەل ھويال ئىچىدە يوشۇرۇنۇقلۇق ئىدى. ياتقان يېرىدىن چىقىپ ئۆيگە كىرگەن ۋە قورقۇپ كېچە ھۇشىنى يوقاتقان ئايالىنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن، دەسلەپ ئۇ بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرغان، كېيىن ئۈزۈۋېلىنغان تىل، قان ۋە ئايالى بىلەن تاھىرنىڭ مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئىشالرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەنسىرى خىيالىدا يىرتقۇچلۇق باش كۆتۈرۈپ، ئايالىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش نىيىتىگە كەلگەن ھەم چىقىپ دەرۋازىنى زەنجىرالپ قايتىپ

Page 37: ئۆڭۈك ئادالەت

كىرىپ ئايالىغا قول سالغان، بۇ چاغدا ھوشىغا كېلىشكە باشلىغان ئايال كارنىيىنى بۇغۇۋاتقان ئادەمنىڭ يۈزىنى تاتىلىغان، چېچىنى يۇلغان، قاتىل مەقسىدىنى ئۇرۇنداپ بولغاندىن كېيىن تىلىنىڭ ئۇچىنى ئايالىنىڭ ئاغزىغا قايتىدىن كەپلەپ، يېرىم كېچە بولغاندا ئۇنى يۈدۈپ ئېلىپ چىقىپ، كوچا ...دوقمۇشىغا ئاپىرىپ تاشىغان، ئۇنىڭ ئەخمىقانە تەسەۋۋۇرىدا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق

يېتەرلىك، يېتەرلىك، دېمەك، بىز سىزنىڭ خىيالىڭىزدا پەيدا بولغان ھېكايىگە ئاساسەن قارار —ـ دە؟ چىقارساق بولىدىكەن

-ئۇنداق ئەمەس، بۇنىڭدىكى پاكىتالرغا ئاساسەن، بۇ پاكىتالر قاتىلنىڭ بارماق ئىزى بىلەن ئۈزۈل —كېسىل تولۇقلىنىدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۆمەرنىڭ تاھىرنى قاتىل دەپ بېكىتىشتە ئاساسالنغان ...»پاكىت« لىرىغا قارىغاندا مېنىڭ دېگەنلىرىم ئىشەنچىلىكراق

سىز پىتنىخورلۇق قىلماڭ، ئىككىڭالرنى بىر خىزمەتكە بەلگىلىسە نىمىشكە يەنە »ئۇنىڭ، مېنىڭ« — دېگەنلەر پەيدا بولىدۇ، زادى؟ خىزمىتىڭالر بىر بولغاندىن كېيىن خۇالسەڭالرمۇ بىر بولىشى كېرەكقۇ؟

باشقا بولغاندىكىن بېرىپ يەتكەن -خىزمىتىمىز بىر بولغىنى بىلەن ماڭغان رىلىسلىرىمىز باشقا —ـ دە يېرىمىز باشقا بولىدۇ .

ئۆزىڭىزنىڭ قولىدىن بىر نېمىنى تولۇق خۇالسىلەپ چىقىش كەلمەيدۇ، خەقنىڭ پۈتكۈزگەن —ئىشىدىن پۇتاق چىقىرىسىز، قامالشمىغان... ئۆمەر، ئۆمەر! ئۇ، مەن! نېمە سىز خەق بىلەن ئۆزەڭگۈ .سوقۇشتۇرىسىز؟ شەخسى كۆرەلمەسلىكنى خىزمەتكە سۆرەپ كىرىشكە بولمايدۇ

ھېچ بولمىسا بىز زاھىرنىڭ بارماق ئىزىغا ئېرىشكىچە دىلونى سوتقا قويۇشتىن كىچىكتۈرۈپ — ...تۇرسا

بولىدۇ! مەن شۇنداق قىلىشقا قارشى ئەمەس، بىراق سىز ئويلىغاندەك ئۇ »ئاخىرقى پاكىت« —ىڭىز ئۇنداق بولماي چىقسا قانداق قىلىسىز؟ دىلونىڭ كېچىكتۈرۈلىشى، بىر يامان ئادەمگە زەربە بېرىشنىڭ كېچىكىشىدىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىڭىزگە ئاالالمسىز؟

...ھۆددىگە! ئەگەر —

قۇرۇق گەپنى قىلىدىكەنسىز، بىز تاھىرنىڭ ئىستىلى بۇزۇقلىقىغا قاراپمۇ ئۇنىڭ ھەرقانداق — .جىنايەتنى ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز، بۇنىڭدا شەك يوق

!بىراق، مەن ھەقىقىي قاتىلنى تاپماي قويمايمەن —

بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، بۇ يولدىكى ئاۋارىگەرچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىڭىزگە ھېساب، بىز سىزنى — .بۇيرىمىدۇق، ھەرھالدا خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەي قىلىدىغىنىڭىزنى قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ

ئابلەي بۆلۈمدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن مەتتۇردىنىڭ قېشىغا كىردى ۋە قورساق كۆپىكىنى .تۆكۈشكە باشلىدى

.ئاستىراق سۆزلە، جىن ـ شەيتان بولۇپ قالمىغىن يەنە —

!مەيلى نېمە بولسام بوپتىمەن! ئەتىال يولغا چىقىمەن، شىمالغا بېرىپ زاھىرنى تاپىمەن —

ئەتىگىچە ئىدارە باشلىقى بىلەن بىر كۆرۈشۈپ باقساڭمىكىن دەيمەن . ئۇمۇغۇ بىر ئىسيانچى —باتۇر، شۇنداق بولسىمۇ تاسادىپى قولالشقا ئېرىشىپ قالساڭ ئەجەپ ئەمەس، بۇنداق ئېھتىماللىق ئەگەر ئۇ بۆلۈم باشلىقى بىلەن تازا كېلىشەلمەيدىغان يېرى بولغاندا بولۇپ قالىدۇ . ھېچ بولمىسا .››رۇخسەت سوراپ ماڭارسەن .»پىتىنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوچاققا سېلىپ بولماس

Page 38: ئۆڭۈك ئادالەت

مەيلى، دەپ قالدىڭ كۆرۈشۈپ باقاي .توۋا، بۇالرنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى! بىر يېقىن ئادىمىنى — !››نەتىجىگە « ئىگە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈنسۈرۈك بىر ئادەمنى قۇربانلىق قىلىۋەتكۈدەكقۇ

ئەتىسى ئىدارە باشلىقىنى يولۇقتۇرالمىدى . ئۇ ناھىيە بويىچە ئېچىلغان چوڭ پىپەن يېغىنىغا  ئابلەيكەتكەنىكەن . يەنە بىر كۈن كۈتۈشكە توغرا كەلدى . ئاخىرى ئۇ باشلىق جانابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ : ئەھۋال ئېيتىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى . بىراق ئۇ ئېغىزىنى ئېچىشىغىال

ھە، بولدى، مېنىڭ ھەممىدىن خەۋىرىم بار، بۆلۈم باشلىقىدىن ئاڭلىدىم، سىز نىمىشقا — قىلىسىز ؟ئىستىلى بۇزۇق بىر قاتىلنى گۇناھسىز دېيىشكە قانداق پېتىندىڭىز ؟ ئۆزىڭىزنىڭكىنىال راست

يەنەتېخى »ئىنسان تەبىئىتى «دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپسىز. مەن سىز بىلەن بۇ توغۇرلۇق .ئوبدانراق سۆزلىشەي دەپ تۇراتتىم،— دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى

-ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئابلەي بىر نەچچە كۈن سەپەر تەييارلىقىنى قىلدى . تۇنۇشبىلىشلىرىدىن پۇل، ئاشلىق بىلىتى قەرز ئالدى . ئاندىن دوستىلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن بىر يۈك . ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىپ كەتتى

ئاخىرقى پاكىتنى ئىزدەپ سەككىزىنچى باب.

 

شۇنداق قىلىپ ئابلەي بىر نەچچە كۈن سەپەر قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئاندىن تولىغا )زاھىر شۇ ناھىيىدە ئىدى( بارىدىغان ماشىنا تاپالماي بىر نەچچە كۈن ئاۋارە بولدى. ئۆيدىن چىقىپ يېرىم ئايدىن . كېيىن دىلو يۈز بېرىپ ئىككى يېرىم ئايدىن كېيىن ئاخىرى مەنزىلگە يېتىپ كەلدى

ئۇ زاھىر نى تاپقاندا شۇنى بىلدىكى، ئۇ تۇققانلىرىنىڭ ياردېمى بىلەن شۇ يەردە ماكانلىشىپ قالغانىكەن ئۇ ھەر ئېھتىماللىققا قارشى زاھىرنى رەسمى ئىزدەپ كەلگەن قىياپەتتە ئەمەس، . تاسادىپى ئۇچرىشىپ قالغان قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقتى

ئەجەبا، سىلى ئاياللىرىنىڭ قاتىلىنى قانداق جازااليدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقاي دېمەي، بۇيەرگە —كېلىۋاپلىغۇ؟— دېدى ئابلەي زاھىرغا. ئۇ ئۇنىمىنىغىنىغا قويماي زاھىرنى بىر ئاشخانىغا ئەكىرگەن بولۇپ ئۇالرنىڭ ئالدىدىكى شىرەدە ئىككى سائەتلىك جاپالىق ئۆچرەت بەدىلىگە سېتىۋېلىنغان تاماق . ۋە تاماققا قوشۇپ سېتىلىدىغان سېرىق قوناق نېنى تۇراتتى

ئۇنى كۆرۈپ نىمە قىالتتىم ؟ ئايالىم تىرىلىپ قاالمتى ؟— دېدى زاھىر توڭلۇق بىلەن،— ئۇ شە — . ماڭا ھارام بولدى، يېنىپ كەلدىم، شۇ

دەپ يېنىپ بىراق، سىلى بالىالرنى ئاچامغا بېرىپ كىلىمەن، ئۆزۈم قىينىلىپ قالىدىكەنمەن،— — چىققانىكەنلىغۇ؟

ـــ شۇنداققۇ دېگەن، بۇيەرگە چىقىپ بولۇپ، كەتكىم كەلمىدى. تارتىشقۇدەك نىمە بار تالتېرەكتە؟ !قاپ بىلەن تاغار

ئابلەي بۇ ئارىدا بىر پارچە شىلىملىق رەختكە ئۇنىڭ ھەر ئىككى قولىنىڭ بارماق ئىزلىرىنى .چۈشۈرىۋالدى . ئۇ بۇ ئىشنى ھەقىقىي ئۇستىلىق بىلەن قىلدى . زاھىر زادىال تۇيمىدى

دېدى ئابلەي ئۇنىڭغا راست ئېيىتىال، ئادەم دېگەنگە نەدە كۆڭۈل ئۆسسە شۇ يەردە يۇرت،— —ئۇ زاھىرنىڭ ھە دەپ بۇلۇڭ ئىزلەۋاتقان بۇ ئىشلىرىمۇ ئوبداب بوپتۇ،— ھېسداشلىق قىلىپ،—

.كۆزلىرىگە قاراپ، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى تەھلىل قىالتتى

يا...؟— دېدى زھىر خۇدۈكسىرىگەندەك )ئۇ ھازىر شىمال -سىز مېنى ئىزدەپ كەلگەن مۇ — تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى (

Page 39: ئۆڭۈك ئادالەت

ياق، مەن باشقا بىر خىزمەت بىلەن كەلگەنىدىم، قارىسام سىلى كېتىۋېتىپتىال ئەھۋاللىشاي دەپ — . قالدىم

تۇرامسىز ؟ پاتال كېتەمسىز ؟ —

. بىر ئاز ۋاقت تۇرىمەن، بۇيەردىكى ئشىم تۈگىگەن ھامان كېتىمەن —

ئۆيگە بارارسىز؟ —

.قېنى، نسىپ بولسا —

. ئۇالر شۇ تەرىقىدە خوشالشتى

ئابلەي مېھمانخانىغا كىرىپال زاھىرنىڭ بارماق ئىزى چۈشۈرۈلگەن شىملىق رەختنى بۇزۇلمايدىغان ئامالالرنى قىلىپ كونۋېرتقا سالدى . ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كوماندىروپكىسى »ئۆز بېشىمچىلىق «

روشەنلەشتۈرۈش دورىلىرى، فوتو ئاپپارات ۋە باشقا قورال ئەسۋاب،  بولغاچقا ئۇنىڭدا ئىز .يوقىدى . شۇڭا ئۇ شىلىملىق رەختنىڭ ئۆزىنىال مەتتۇردىغا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغانىدى

 مەتتۇردى بارماق ئىزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ نەتىجىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرقىپاكىتقا ئىگە بولغان ھامان زاھىرنى سوراق قىالتتى . بۇ چاغدا ئۇ ئازراق قائىدىنى بۇزۇشقا مەجبۇر

دە، -بولسىمۇ ئىشقىلىپ، بۇ سوراقنى قىلماي بولمايتتى . ئاندىن ئۇ ھاسىالت بىلەن قايتىپ كېتەتتى . ئۆمەرنى مات قىالتتى . ئۇ كۆڭلىدە غەلبە تەنتەنىسى قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردى

مەتتۇردىنىڭ جاۋابى كەلمىگۈچە ئۇ ياتاقتىن نېرىغا بارمىدى . زاھىرغا قايتا كۆرۈنمەسلىككە تىرىشتى، كۈندىن كېيىن مەتتۇردىنىڭ خېتى يىتىپ كەلدى . خەت ئىچىدە ئىككى پارچە سۈرەت بار 15نىھايەت

ئىدى . بۇنىڭ بىرى تىل ئۇچىدىكى بارماق ئىزى، يەنى بىرى شىملىق رەختكە ئېلىۋېلىنغان بارماق ئىزىئىدى . ئۇ سۈرەتكە ئىنچىكىلەپ قاراپ ئۇنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى پەملىدى .دوستىنىڭ خېتىدە

ئۆزىنى سىناپ باقتى . -ئۇنىڭ نەتىجىسى ئېنىق بار بولسىمۇ ئۇ ئەتەي ئۆزى سېلىشتۇرۇپ ئۆز . خەتتىكى مەلۇماتنى پەرەز قىلىپ بىر مۇنچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى

:ئابلەي ئاخىرى خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا كىرىشتى . مەتتۇردى مۇنۇالرنى يازغانىدى

بارماق ئىزلىرى تامامەن ئوخشاش چىقتى . ئۇتۇقلىرىڭنى تەبرىكلەيمەن . بېراق، دوستۇم ساڭا ...«شۇنى خەۋەر قىلىپ قويايكى، تاھىرنى سوتالپ، جىنايىتىنى ئوتتۇرا سوت بېكىتىپ بولدى . مەن ئۇالرغا سەن ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى فىليونكا ۋە چوڭايتىلغان سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ، ھەقىقىي قاتىلنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدىم، بىراق ئۇالر قوالق سالمىدى . قارىغاندا قاتىلنىڭ ئۆز ئىقرارنامىسى بولسا ئاندىن قايىل بولىدىغان ئوخشايدۇ . پايدىلىنىشىڭ ئۈچۈن شۇنىمۇ ئېيتىپ قوياي، تالتېرەكنىڭ دادۈيجاڭى بىلەب بىزنىڭ باشلىقالرنىڭ جۈملىدىن ئۆمەرنىڭمۇ مۇناسىۋىتى يېقىنلىقى مەلۇم بولىۋاتىدۇ . تاھىرنىڭ ئايالى ئىرىنى يوقالپ كەلگەنىكەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بىزنىڭكىلەر تالتىرەككە خېلى كۆپ قېتىم بېرىپ دادۈيجاڭغا مېھمان بولۇپ كەپتىمىش . ئۇ ياق بولسا بۇ يەرگىمۇ كېلىپ كەتتى . ئاخىرقى سوتتىن كېيىن مەلۇم بولىشىچە دادۈيجاڭ تاھىرنىڭ شۇ كېچىسى يېرىم كېچىلەردە شىرىننىسانىڭ ئۆيىدە، ھويلىسىدا يۈرگەنلىكىگە دائىر ئىسپاتالرنى بېرىپتۇ . تاھىرنىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە دادۈيجاڭ ئەزەلدىن تاھىرنى يامان كۆرىدىكەن . شىرىننىسانى ئىرىدىنمۇ بەكرەك ئۇ كۈنلەيدىكەنمىش ... ھەرھالدا ئۇ دوستلۇقنى ئىپادىلەپ بىزنىڭكىلەرگە بىرەر تاغاردىن »كەپسەن«

سېرىق قوناق بىلەن تەمىنلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىرتاغار بوغداي ئاز 80بەرگەن ئوخشايدۇ.% ...سوۋغاتمۇ؟

سىنتەبىر ئەتتىگەندە -25ئابلەي، ئەڭ مۇھىم ئىشنى تېخى ئېيىتمىدىم، بۇنى ئېسىڭدە تۇت.تاھىرنى جامائەت ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ كېسىم ئېالن قىلماقچى ھەم شۇ مەيداندىن ئېلىپ بېرىپال جازا ئىجرا ! قىلماقچى، ئاڭالۋاتامسەن ؟ ئۆلۈم جازاسى

Page 40: ئۆڭۈك ئادالەت

-25سىنتەبىردىن بۇرۇن كېلەلىسەڭ بەلكىم بىر ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قاالرسەن، -25 . سىنتەبىر چۈشكىچە كېلەلمىسەڭ بىر گۇناھسىز كىشى ئۆلدى دەۋەرگىن

: باشقا سۆزۈم يوق، ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق تېلەپ، دوستۇڭ

. مەتتۇردى                                                             

ئاۋغۇست ـ31يىل -1971                                                             «

 

ئابلەي ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى . بۈگۈن يەتتىنچى سىنتەبىر ئىدى . يەنە ئون سەككىز كۈنلۈك ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئازلىق قىالتتى . شۇڭا دەرھال زاھىرنى ئىزلەپ كەتتى . ئەمدى قائىدىگەخىالپ بولسىمۇ زاھىرنى مەجبۇرى تۈردە مېھمانخانىدىكى ياتىقىغا ئېلىپ كېلىپ سوراق قىلىشى ۋە .ئۇنىڭ يازما ئىقرارىغا ئىرىشىشى كېرەكىدى

 

***

 

. ئۇالر زاھىرنىڭ يىڭى ماكانىنىڭ ئالدىدا ئۇچراشتى

دېدى ئابلەي چىرايىغا سۈر بېرىپ — زاھىر، يۈر، مەن بىلەن ماڭ ! — .

نەگە زاھىر مەڭدپ قالدى . ئۇ سومكىنى نەگە قويسامكىن دېگەندەك ئالدى كەينىگە قارىدى. — ...ئاپىرىسىز؟ يۇرتقىمۇ؟

!بارغاندا بىلىسەن . تېز ماڭ —

. زاھىر تاتىرىپ، لەۋلىرى دىرىلدەپ گېپىنى ئەپلەشتۈرۈلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدى

: شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىنى تېتىك تۇتۇشقا تىرىشىپ

—دېدى باللىرىم ... —

.باللىرىڭ ھەدەڭنىڭكىدىلىكىنى بىلىمەن، مىنى ئالدىماقچىمۇ سەن؟ ئەندىشە قىلما —

.سومكىنى ئۆيگە تاشالپ قويۇپال چىقايمۇ؟ ئالدىرمىسىڭىز...- دېدى ئۇ —

! ياق !مۇشۇ يەردىن ھويلىغا تاشلىۋەت !تىز ماڭ —

زاھىرنىڭ زورۇقۇپ ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئاخىرقى مادارى تۈگەپ، قولىدىكى سومكا يەرگە . چۈشۈپ كەتتى . ئابلەي سومكىنى ئېلىپ تامدىن ئارتىلدۇرۇپ ھويلىغا تاشلىۋەتتى

!ماڭە —

ئۇالر شۇ تەرىقە تاكى مېھمانخانىغا كەلگۈچە زۇۋان سۈرۈشمىدى . ئابلەي ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا چاي قۇيدى . ئەمما سوراقنى باشالشقا ئالدىرىمىدى .بۇنىڭ بىلەن ئۇ قارشى .تەرەپنى روھى جىددىلىكتىن مادارسىزالندۇرماقچى ئىدى

Page 41: ئۆڭۈك ئادالەت

زاھىر كۆڭلىدە :»نىمە بولسىمۇ مەيلىدى، بولىدىغىنى چاپسانراق بولسا.ئىھ، خۇدا ئەجەپمۇ يۈرۈكۈم دېگەنلەرنى ئوياليتتى . قېرىشقاندەك ئابلەي تاماكىسىنى تارتىپ ئۇنىڭ قارشىسىدا سىقىلدى ...«

.ئۇنى كۆزىتىپ ئولتۇراتتى

ئۇنى تېخمۇ پاراكەندىچىلىككە، ئىككىلىنىشىگە، ئارىسالدىلىق ئازاۋىغا مۇپتىال قىلغان بۇ چاي ئىچ،— —سۆز ئاالھىدە مۇاليىم ئاۋازدا ئېيتىلغانىدى .باياتىن بېرى »ھەممىنى بىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، ئەمدى قارىغاندا ماڭا ياخشى كۈن يوق، بېشىمغا كەلگەننى كۆرمەمدىم، بولغىنىچە بوالر « دېگەنلەرنى ئويالپ جېنى قاشىيىپ تۇرغان زاھىرغا مۇاليىم ئېيتىلغان بۇ سۆز بەكمۇ قاتتىق تەسىر قىلدى، ھەم ھەيرنلىقتىن گاڭگىرىتىپ قويدى .خۇددى قىززىق ئاش كەينىدىن سوغۇق سۇ چىشنى

قارشى ئىككى خىل مۇئامىلە ئۇنى ئېلىشتۇرىۋەتتى .شۇنى - زىڭىلدىتىۋەتكەندەك .بۇنداق قارمۇمۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بوالتتىكى، بۇ سۆز يەنە ئەينى ۋاقتتا ئازاپ ئىچىدە تۇرغان كىشى ھېسداشلىققا ئىرىشكەندەك بىرخىل تۇيغۇ بىلەن زاھىرنىڭ كۆڭلىنى پەپىلەپ ئۆتتى . ئۇ قانداقال بولمىسۇن ساقچىالرمۇ ئادەم بولغاچقا ئۇالردىمۇ ئىچ ئاغرىرىش تۇيغۇسى بولىدۇ، مىنىڭ ئازراق . بولسىمۇ ھالىمغا يىتىدۇ دېگەن ئىشەنچ پەيدا قىلدى

ـ تۇشتىن زاھىر قارىمۇ ـ قارشى خىيالالر ئىچىدە گاڭگىراپ كەتتى . ئىچكى كۈرەش تۇشمۇ .تاالنغاندەك ئۇنىڭ ھالىنى قويمىدى

)زاھىر شۇنچە دېققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇپ ئولتۇرغاندەك قىلغىنى بىلەن يەنىال قاتتىق زاھىر! — —سېنى بۇ يەرگە نىمە ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن ؟ چۆچۈپ كەتتى(،—

......... قىلىمەن  بىل....گەندەك.....مۇ بۇ...نى —

بىلسەڭ سىلكىنىپ كەتتى (،— خۇپسەنلىك قىلغىنىڭ يىتەر ! ـ )ئۇ يەنەبىر قېتىم چۆچۈشتىن —ئەمدى ساختىلىق قىلماي راست ئەھۋالنى ئەينەن ئېيت، بۇ سىنىڭ پوزىتسىيەڭنى سىنايدىغان !ئاخىرقى پۇرسەت

زاھىر دەسلەپ قورقۇنچتىن يىغلىۋەتكىلى، ھەم ئابلەينىڭ ئايىقىغا ئۆزىنى تاشالپ تۇرۇپ ھەممىنى سۆزلەپ بەرگىلى تاس قالدى .بىراق سەل ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ:» راست

دېگەنلەرنى ياندۇرمىالپ ھەممىنى بىلىۋالغاندىمۇ ؟ پەش قىلىپ گەپ ئېلىۋاتامدۇ يا...«ئويلىنىۋەردى .گويا ئۇنىڭ خىيالىدىكى سوئالنى بىلىۋالغاندەك، ئابلەي ياتاق ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا :ماڭغاچ مىھرىۋانلىق بىلەن گەپ باشلىدى

ئۆلگەنمۇ كەتتى، ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئادەمنى كىم بىر ئادەمنىڭ ئازاپ چىكىشىنى خااليدۇ؟ —ئازاپالش ياكى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى ساقايتىۋالغىلى بوالمدۇ؟ بىز شۇنى بىلىمىز، شۇڭا قاتىل بولسىال ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدىغان گەپمۇ يوق .بىراق، بىز جەمىيەت ئامانلىقىغا مەسئۇل بولغان ئىكەنمىز، جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ بېقىشىمىز، ئۇنىڭ ئۆزگۈرىشىنى

خالىمايدىغانلىقىنى چىكىپ بېقىشىمىز كېرەك .شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە بىز جىنايەتچىنى - خااليدىغانبىلىپ تۇرساقمۇ بىلمىگەنگە سېلىپ بىرمەزگىل »ئاغامچىنى ئۇزۇن قويۇپ بىرىپ«ئۇنىڭ پوزىتسىيسىنى سىناپ كۈتۈپ باقىمىز .ئەگەر جىنايەتچى ئۆزگىرىشنى خالىسائۆزىنى پاتراق مەلۇم قىلىدۇ.بىز سىياسەت بويىچە »ئىقرار قىلغانالرغا كەڭچىلىك«قىلىمىز. بىز كۈتكەن ۋاقت ئىچىدە ئەگەر ئۆزىنى مەلۇم قىلمىسا، ئۇنى ئۆزىمىز تۇتىمىز .بۇ چاغدا جازا ئېغىرراق بولىدۇ، ئەلۋەتتە...ـ ئابلەي

مەن سىلىگە خۇددى كىنو ئارتىسلىرىدەك بىر خىل ئاھاڭدا چوڭقۇر ئېچىنىۋاتقاندەك سۆزلەيتتى،—بەك ئېچىنىۋاتىمەن دەسلەپكى قېتىم تالتىرەككە بارغىنىمىزدىال ئاياللىرىنىڭ كىلىشكەن ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرۈپال، ئىرى بىچارىگە ئۇۋال بوپتۇ دەپ ئېچىنغانىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە باللىرىڭالر بار ئىكەن ... ئايالنىڭ تىرناقلىرىدا قاتىلنى تاتىلىۋالغاندا قالغان تىرە قاسراقلىرى ۋە قىسقا يىرىك

قاتىلنى جەزمەن تاپااليمەن دەپ چاچالرنىڭ بىرقانچە تېلىنى كۆرگىنىمدە مىنىڭ ئىشەنچىم ئاشتى.ئويلىدىم .ئۇنى دەرھال تۇتۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئىرى بولغان بىچارىنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىشكە

بار، ئۇنىڭ ئالدىردىم .شۇنداق ئويلىدىمكى، قاتىلنىڭ يۈزىدە مورالنغان ئىزالر— تىرناقنىڭ ئىزلىرىچېچى قارا، توم ۋە يىرىك .كېيىن سىلى بىلەن ئۇچراشتىم، شۇچاغدا مەن سىلىنى تاسادىپى كۆرۈپ قالدىم .سىلى مىنى كۆرمىدىلە .كۆرۈپال چۆچۈپ كەتتىم .چۈنكى خىيالىمدا ئاللىقاچان رەسىمى

Page 42: ئۆڭۈك ئادالەت

سىزىلىپ بولغان قاتىلنىڭ جىمى ئاالمەتلىرىنى سىلىدىن كۆرگەنىدىم .يۈزلىرى ۋە بويۇنلىرىدا تىرناقنىڭ ئىزلىرى، چاچلىرى يىرىك ۋە قارا...بىراق، سىلىگە بولغان دەسلەپكى ئېچىنىشىمنى ئۆزگەرتەلمىدىم.نىمىال بولمىسۇن ئادەم دېگەن مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئارىسىدا ياشايدىغان مەخلۇق، بەلكىم بۇ بىچارە پەۋقۇلئاددە ئاچچىقى كېلپ، ئۆزىنى تۇتالماي قېلىپ، قىپ سالغان ئىشتۇر. بىراق، بۇنىڭ بىلەنال ئۇنىڭ دەردى يەڭگىللەپ قالمايدىغۇ، دېگەنلەرنى ئويلىدىم.شۇنداق

مەيلى كىم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسە ئۆلتۈرۈلسۇن، ئايال سىلىنىڭ، زىيان سىلىگە، ئەمەسمۇ؟دە! بۇالرنى ئويالپ، سىلىگە - كېلىدىغان، ئەلەم سىلىگە، شۇنداققۇ؟ ئۇنداقكەن، سىز يەنىال دەردمەن

كىلىدىغان جازانى قانداق قىلغاندا يىنىكلەتكىلى بولىدۇ، دېگەنلەرنى ئويلىدىم . ھەم سىلىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش پۇرسىتى بىرىش ئارقىلىق جازانى يىنىكلىتىشنى ئويلىدىم . كىيىن بىز سىلىنىڭ شۇ قەدەر ئاچچىقلىرىنى كەلتۈرگەن ئىشنى ئېنىقالپ چىقتۇق.بۇنداق ئەھۋالدا قانداق ئەرنىڭ غەزىۋى كەلمىسۇن ؟سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا مەن بولغان بولساممۇ ئىھتىمال ئۆزەمنى تۇتۇپ تۇرالمايتتىم ...شۇنداق قىلىپ بىز سىلىنىڭ رەقىپلىرىنى قولغا ئالدۇق . ئۇ قاتىل ئەمەس ئىدى .بىز بۇنى بىلەتتۇق.لىكىن ئۇ ھېلىقى گۇناھى ئۈچۈن قاتتىق جازاغا اليىق ئىدى سىلى قىلىپ سالغان

دە! بىراق، ئۇنىمۇ ئېنىقالش ئارقىلىق، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئىشنىڭمۇ سەۋەبچىسى شۇ ـگۇماننىڭ ئاساسى يوقلىقىنىمۇ بىلدۇق. ئۇ سىلىگە خېلى سادىق دوستكەن. — ئابلەي زاھىرنىڭ تاھىرغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى بىرئاز بولسىمۇ پەسەيتىشكە ئۇرىنىۋاتاتتى، — ئەمما ئەسلى چاتاق باشقا ئادەم بىلەن ئىكەن! سىلى ئۇنىڭدىنمۇ گۇمانلىنىدىغان تۇرۇقلۇق، نېمىشكە ئاغىنىلىرىنى ئوتقا تىقماقچى بولدىلىكىن؟ — ئابلەي بىر ھازا سۈكۈت قىلىپ، ئۇنى كۈزەتتى. زاھىر ھەقىقەتەنمۇ

سىلىنىڭ پوزىتسىيلىرىنى كۈتتۇق ...يۇقۇرىدىكىلەر مىنى ئىككىلىنىپ قالغاندەك بولدى، —ئالدىراتتى .مەن ئۇالرغا يەنە ئازراق كۈتەيلى دېدىم ... شۇنداق قىلىپ كېيىن سىلىنى كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ قاالر دەپ يېزىغا بارسام نەدىكىنى سىلى ئاللىقاچان يېزىدىن قېچىپ كىتىپال .يەنىال سىلىگە چىدىمىدىم .شۇڭا ئاخىرقى پۇرسەتنى يارىتىپ بىرەي دەپ بۇ يەرگە كەلدىم.ئەسلىرىدە باردۇر ؟

دەپ سازلىقتىن ئۆتۈپال قايتىپ »شەھەرگە بارىمەن « لېكىن سىلىگە سىلىنىڭ شۇ چاغداكەلگەنلىرىنى، تۈگمەنگە كىلىپ ئىشەكلىرىنى تۈگمەنگە قويۇپ، ئۆيگە غىپپىدە يۇشۇرنىۋالغانلىرىنى ئېيتىپ قويۇشنىڭ ئورنى بولمىدى . يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا بىر قېتىم كەلگىنىم ئەسلىرىدە باردۇر؟— ئابلەي بۇ سۆزلەرنى شۇنچىلىك ھېسيات بىلەن ئېيتتىكى، ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ ھېسداشلىق قىلمايۋاتىدۇ دېمەسلىككە ھېچكىم پېتىنالمايتتى.ئۇ زاھىرغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويۇپ، ئاۋازىنى

قاتتىق چىقىرىپ داۋام قىلدى،— لېكىن سەن شۇ چاغدا بولسىمۇ ئىقرار قىلىۋەتمىدىڭ ! -قاتتىقھۆكۈمەتنى ئەخمەق دەپ ئويالمسەن ؟ساڭا ئوخشاش سولتەك دېھقاننىڭ ھەر بىرى ھۆكۈمەت

— ئابلەي ئەمدى ساقچىلىرىنى كولدۇرلىتااليدىغان بولسا قانداقمۇ ھۆكۈمەت بولۇپ تۇرالىسۇن؟زەينەپخان موماي سۆزلەپ بەرگەنگە ئاساسەن ئۆزى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان زاھىرنىڭ شۇ

مۇندا تىلغا ئېلىپ، ئۇنڭغا ھەممە ئىشنىڭ ھۆكۈمەتكە مەلۇم -كېچىلىك ھەركەتلىرىدىن ئانداتاھىر ئۆيدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، دەرۋازىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى،—

قالغانلىقىنى كۆرگەنمىدىڭ ؟كىيىن كىمدۇر بىرسى يېپىپ قويغانلىقىنىمۇ ھېس قىلغان بولغىدىڭ؟

يا، ھەزرەت!يەرنىڭ ئاستىدا يىالن كۆشىگەننىمۇ بىلىدىكەندە بۇ خەق!«دەپ ئويلىدى زاھىر كۆزىنى « .چەكچەيتىپ

شۇنداق، شۇكۈنى بىر كىشى سىنىڭ جىمى ھەركىتىڭنى كۆزىتىپ تۇرغان.يەنە تېخى ھېچ ئىش — ...! بىلمەيدىغاندەك بىخارامان يۈرىسەن ...ئىسىت، ساڭا ئىشەنگىنىم

...كىم ماراپ تۇرۇپتىكەن؟تايىنلىق ھېلىقى دادۈيجاڭ دېگەن خوتۇنى تاالقتۇ —

بۇنى سەن سورىمىساڭمۇ بولىدۇ. ماراپ تۇرغان ئادەم بارلىقىغا ئىشەنگەنسەن؟ —

...ھەئە —

مەن ئەسلىدە سىنى قولغا نەرسىكەنسەن، كۈتكەن يىرىمدىن چىقالمىدىڭ! ئۆزەڭمۇ بەغەرەز —ــ دە ئېلىپ، قولۇڭغا كويزا سېلىپ ھەيدەپ مېڭىشنى زادىال خالىمايتتىم بىراق، ئوزەڭنى سورىمىدىڭ !

Page 43: ئۆڭۈك ئادالەت

مۇشۇ يەردىنال ئۆيگە ـــ ئەمدى مېنى قولغا ئېلىپ، يۇرتقائەكىتەمسىز؟!ـــ زاھىر چۆچۈپ كەتتى،— بىر بېرىپ باللىرىمنى كۆرىۋېلىشىمغىمۇ ئۇنىمامسىز؟

نىمە ئامال ؟ئۆزەڭ دەپ باقە، شۇنداق قىلماي نىمە ئامال؟ —

...مەن بىلمەپتىكەنمەن ...قىڭڭىدا تىنىپ قويسىڭىزچۇ، ھېچ بولمىسا —

.ئابلەي بېشىنى چايقىدى

. ئۇ چاغدا سەن يەنىالقايىل بولمايتتىڭ، ئەسلى ئىچىڭدىن قايناپ چىقمىغاندىكىن —

ـــ ئابلەي ئۇنىڭ قورسىقىدىكىنى تۆكۈشكە ئازال قالغىنىنى پەملەپ داۋام قىلدى،—ئەمما مەن بىلىمەن، سەن كىيىن پۇشايمان قىلدىڭ .چۈنكى شىرىننىسا دېگەن پۈتۈن تالتىرەكنىڭ كۆزى

ـ دە يىلنى بىللە ئۆتكۈزگەن ياستۇقدېشىڭ ئىدى...قانداقال بولمىسۇن، سىنىڭ نەچچە .

شەيتان بويۇنغا مىنگەندە ئادەم شەيتاننىڭ ئىشى! -راست!مەن بەك پۇشايمان قىلدىم، پەيلى — ... ھېچنىمىنى بىلمەي قالىدىكەن ئەمەسمۇ

دە ئەنە خاالس !شۇڭالشقىمۇ ساڭا يەنىال ئىچىم ئاغرىيدۇ ـ — .

مىنى ئېلىپ كېتەمسىز؟ گەپ قىلىڭە،...ئەمدى مەن نىمە قىالي؟مېنى قانداق قىلىسىز؟ — ...ئاتمايدىغاندۇ ؟

خەت بىلىسەنغۇ؟ دېدى ئابلەي،— توختا، مەن ساڭا بىر يول كۆرسىتەي،— —

. بىلىمەن —

ناھايىتى ياخشى بولدى .ئەمسە سەن بارلىق ئەھۋالنى يازغىن .مەن ئىدارىدىكىلەرگە »زاھىر — بۇنى يېزىپ تەييارالپ قويغانىكەن .بەلكىم ئەۋەتەيمۇ — ئەۋەتمەيمۇ دەپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغانبولسا كېرەك، مېنى كۆرۈپال بۇنى ماڭا تاپشۇردى، سوراق قىلىشقىمۇ توغرا كەلمىدى، دەي، پوزىتسىيسى ئۆزگىرىپ ياخشىالنغان بۇنداق كىشىگە كەڭچىلىك قىلىش كېرەك «دەپ چىڭ تۇرۇپ باقاي، قانداق دەيسەن ؟

شۇنداق قىلساق راستىنال مەن كەڭچىلىككە ئىرىشەرلەمەنمۇ ؟— زاھىر سۆھبەتدېشىنىڭ ساقچى —ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، يېقىن دوستى بىلەن مەسلەھەتلىشىۋاتقاندەك ھېسياتقا كېلىپ .قالغانىدى

. بولۇپ قاالر .بۇنى مەن قالمالشتۇرۇپ باقاي —

.بولىدۇ يازاي . خۇدايىم دېگىنىڭىزدەك بوالر —

ئابلەي ئۇنىڭغا قەغەز بەردى . ئىقرارنامىنى يازغۇچە ياتاقتا توختىماي ئۇياق ـ بۇياقالرغا مېڭىپال . تۇردى

ئابلەي ئۈچۈن زاھىرنىڭ تەپسىلى يېزىشنىڭ كېرىكىمۇ قالمىغانىدى .مۇھىمى ئۇ قاتىل ئىكەنلىكىنى پات يېزىشتىن توختاپ ئۆزى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان -ئىقرار قىلسىال بوالتتى . زاھىر پات

نوقتىالردىن باشالپ سۆزلەپ كېتەتتى . ئابلەي ئىلگىرى خىيالىدا قوراشتۇرۇپ چىققان »زاھىرنىڭ . ھەركەت تەرتىۋى « زاھىرنىڭ سۆزلىرى بىلەن دەلىللەنمەكتە ئىدى

ئۆزىڭىزگە مەلۇم، كۈندەشىلىكنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئازاپ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خوتۇننى —قورقۇتتۇم :»بوغۇزاليمەن، قانجۇق، تاھىردىن ئالەقەڭنى ئۈز!«.»بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچ ئىش بولغىنى

Page 44: ئۆڭۈك ئادالەت

ئۇ دېگەن بۇرۇنقى ئىشالر. ئۇنى سىلىمۇ بىلىال «.»ئىشقىلىپ خەقنىڭ زۇۋانى دېدى ئۇ،— يوق،—ئۇختۇڭمۇ؟« »نىمە قىالي ئۆچسۇن، ئۇنىمۇ ئىسىدىن چىقمىغۇدەك چۆچۈتۈپ قويۇش كېرەك!

دەيال ؟«»بودو ئۇ بۇ ئۆيگە يوالپ قالغۇدەك بولسا سەن ئۇنى ئەيپىناق قىلىپ چىقار .ساق ئۇمۇغۇ بۇئۆيگە چىرمەيدۇ...« چىقمىسۇن !« »مەن؟ خوتۇن كىشى، ئەر كىشىنى نىمە قىالاليمەن؟

بىر يىرىنى  »زۇۋانىڭنى ئۆچەر قۇرۇق گېپىڭنى قوي، ئىشقىلىپ بىر ھىلە ئىشلىتىپ دېگىنىمدەك قىلدە! ئۇنىڭغا ئاچچىق ساۋاق بولۇپ، ئىككىنچى كوچىدا يۈرمەيدىغان بولسۇن. -چىشلەپ ئۈزۈۋالىسەن

ئۇنىڭ ھالىنى كۆرسە باشقا كوسۇكالرمۇ كۆتىنى غىت قىسار . توختا، راست ئەڭ ياخشىسى تىلىنى ئۈزىۋالساڭ ئىدى، ئۇنىڭ ناخشا ئېيتقىنىنىمۇ قوالق ئىشتمىسە...«، »تىلىنى؟« دېدى شىرىننىسا قورقۇپ »مەن دېگەننى قىل !بولمىسا ئۇنىمۇ، سىنىمۇ، ئۆزەمنىمۇ ئۆلتۈرىمەن . باللىرىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسا دېگىنىمدەك قىل . شۇنىڭ بىلەنال ھەممە ئىشنى سالىۋات قىلىپ خاتىرجەم ياشايلى، ئۇ

تىلىنى »تىلىنى ؟— شىرىننىسا تاتىرىپ كەتتى،— بولسا نۇمۇس كۈچىدىن ھېچ كىشىگە تىنالمايدۇ.«»بولمىسا بىر نەرسە بىلەن تۇيۇقسىزال ئۇرۇپ بىر كۆزىنى قۇيىۋەتسەڭمۇ بولىدۇ.لېكىن قانداق ...؟«

شۇنداق قىلىپ شىرىننىسانى مەجبۇر ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ زۇۋانى ئۆچسە . تازا خوپ بوالتتى«قىلدىم . گېپىدىن يېنىۋالماسلىقى ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزدۈم . ئۇ چاغدا مەن پەقەت تاھىرنى شۇنداقراق چۆچۈتۈپ قويسام، شۇندىن كېيىن ھەممە گەپ سۆز تىنجىسا خاتىرجەم كۈنىمىزنى ئېلىپ كېتىۋېرىمىز دەپ ئويلىغانىدىن. شىرىننىساغا كۆڭلۈم بار ئىدى . ئۇنى بىرنىمە قىالمەن دەپ

زاھىر گويا جىنايىتىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىسى بولىدىغاندەك خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان،—دېگىنىڭزدەك تاھىرغا ئەتەي بىردەم يازغاندىن كېيىن يەنە توختاپ سۆزلەشكە باشلىدى،—

بىلىندۈرۈپ »شەگە كەتكەن «بولدۇم. ئەمەلىيەتتە بولسا سازلىقنىڭ ئۇ يېقىغا ئۆتۈپال مۆكۈنۈپ دە غىپپىدە ئۆيگە كىلىپ تۇنۇرغا - تۇرۇپ، قاش قارايغاندا ئىشەكنى تۈگمەنچىگە تاپىالپ قويدۇم

كىرىۋالدىم .چۈنكى ئەگەر مەن راستىنال شەھەرگە كېتىپ قالسام ئۇ ۋەدىسىنى ئورۇندىمايال قالماي، تاھىر بىلەن ئىش ئۆتكۈزۈپ قاالرمىكىن دەپ ئەنسىرەيتتىم . شىرىننىسا ئەگەر ۋەدىسىنى ئورۇندىمىسا ياخشى كۈن كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى . شەپىلەرگە قوالق سېلىپ ياتاتتىم، تاھىر كەلدى . ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەتكەندە مېڭەم ئېلىشىپ ساراڭ بولۇپ قااليال دېدىم. شۇنچىلىك كۈندەشلىكىم كەلدىكى »نىمىشقا ئۇنى ئۆلتۈرۋەتمەيمەن ؟مەن قانداق ئوغۇل باال

پات تۇتۇپ قاالتتىم، لېكىن بىر بولدۇم؟...«دېگەنلەرنى ئويلىدىم . پىچىقىمنىڭ دەستىسىنى پات ـقارارغا كېلەلمەيتتىم .قاتىل بولۇشۇمنى، تۇتقۇن بولۇپ ياتسام ياكى ماڭىمۇ ئۆلۈم نۆۋىتى كەلسە شىرىننىسانىڭ مەنسىز مۇشۇ دۇنيادا قېلىشىنى ئويلىغىنىمدا ھېچبىر ئاساسسىزال كۈندەشلىكىم تۇتۇپ، ئاشۇ مەن يوق چاغالردىكى ئالال كىملەردىن ئۇنى قىزغىناتتىم . باللىرىمنى ئوياليتتىم ...»چىدىغىن زاھىر، ئۇنى ئەيپىناق قىلىپ چىقىرىۋەتكەندىن ئاقىل چارە يوق . پەقەت شۇنىڭدىال ھەم جازاغا ئۇچرىمايسەن ھەم تۇرمۇشۇڭمۇ خاتىرجەملىككە ئىرىشىدۇ ...« دەپ .ئوياليتتىم ئارقىدىن

مەن تاھىرنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە بىر قارارغا كېلىپ بولغۇچىال، ئۆيدىن ئەنسىز ۋاقىراش ئاڭالندى —ھەم ئارقىدىنال ئىشىك جاالقالپ ئېچىلىپ بىرسىنىڭ گۈرسۈلدەپ ماڭغىنى ئاڭالندى . مەن تۇنۇر بېشىدىكى كۆتىچەك ①لەرنىڭ دالدىسىدا ئاستا بېشىمنى چىقىرىپ، چىقىپ كىتىۋاتقۇچىنىڭ تاھىر . ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇ ئاغزىنى چاڭگاللىۋېلىپ ئېڭىشكىنىچە كېتىۋاتاتتى

شۇندىال مەن تۇنۇردىن چىقىپ ئۆيگە كىردىم . شىرىننىسا سۇپىدا ھۇشسىز ياتاتتى . ئۇنىڭ ئاغزى قان يۇقى، چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ. .چاپىنىنىڭ ئالدى يېشىۋېتىلگەن بولۇپ، كۆينىكىنىڭ ياقىسىمۇ ئېچىلىپ تۇراتتى . شۇ ئان كۆز ئالدىمغا تاھىر بىلەن ئىككىسىنىڭ قانداق سۆيۈشكىنى، قۇچاقالشقىنى، تاھىرنىڭ ئۇنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىپ كۆكسىنى مىجىقالپ ئوينىغانلىرى كەلدى. بۇشۇنداق غەزەپ تۇغدۇردىكى، ھېچكىمنى ئەپۇ قىلغۇم كەلمىدى.شۇنداق بىرخىل ۋەھشىلىك

ياتا - كۆڭلۈمدە تۇغ كۆتەردىكى، ئۇچاغدا مىنى ھېچنىمە توسۇپ قااللمايتتى . مۇشۇ كۆكسىنى يېرىمئېچىپ، دالىيىپ ياتقان مەخلۇقنى خوتۇنۇم دەپ ئويلىسام، كەلگۈسىدە يەنە مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە بىللە ياشايدىغانلىقىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم تېنىم شۈركۈنۈپ، كۆڭلۈمدە پەيدا بولغان

نۇمۇس دېغىنى يۇيۇپ تازىلىۋىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە كۆز يەتكۈزەلمەي قالدىم ...»ۋۇ، — شەكنى ياقۇتتەك كۆرىمەن، -ئىپالس جاالپ !سىنىڭ ئاشۇ لەۋلىرىڭنى مەن ئەڭ قىممەتلىك )لەئىلى

رۇخسىتىڭسىز يېقىنلىشالمايمەن، ئۆزەڭمۇ ماڭا كەلگەندە شۇنچە بىخىللىق قىلىسەن ؛بىراق يات بىر باللىرىڭغا سۈت بىرىدىغان نەرسەڭنى خەق مىجىقالپ ئەركەككە سېخىلىق بىلەن تۇتۇپ بىرىپسەنغۇ؟

ئوينىسا خىجىللىق ھېس قىلمىغانسەنمۇ ؟...«ئويلىغانسىرى ئوت بولۇپ ياندىم. ئويلىغانسىرى

Page 45: ئۆڭۈك ئادالەت

ئۆزەمنى بۇنداق -كوچىدىكى گەپ ـ چۆچەكلەرنىڭ راستلىقىغا ئىشەندىم . ئىلگىرى مەن ئۆزچۈنكى بۇنىڭغا ئىشەنگەندىن كىيىن بىزدە يەنە گەپلەرگە ئىشەنمەسلىككە مەجبۇرالپ كەلگەنىدىم.

ئەلەمگە -دە ! شۇنىڭ بىلەن مىنى جىمى دەرد- خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت داۋام قىلمايتتى-ئەر قويىۋاتقان بۇ خوتۇندىن بىراقال قۇتۇلۇش نىيىتى پەيدا بولدى . پەگادا ئازراق قان يۇقى بىلەن تۇرغاننەرسىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇنىڭ راستىنال ئۈزىۋېلىنغان تىل ئۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىنىمدە دەرھال كۆڭلۈمگە بىر شۇم ئەقىل كەلدى. »توختا، ھازىر ئۇ ھوشىدىن كېتىپتۇ، مەن بۈگۈن شەھەرگە كەتكەن دېمەك، بۇنى تاھىرغا ئارتىپ تۇرۇپ بىر نىمە قىلغىلى بولغۇدەكقۇ ...«دېگەنلەرنى ئويالپ، دەرۋازىنى زەنجىرلەپ قويغاندىن كېيىن قول سالماقچى بولۇپ، ئاۋال دەرۋازىنى تاقاپ قويۇپ . كىردىم

مۇشۇ پۇرسەتتىال ئىرادەم زور دەرىجىدە بوشاپ قاپتۇ .»قويغىنا، قاتىل بولۇپ نىمە قىلىسەن، نىمىال بولمىسۇن ئىككى باالڭنىڭ ئانىسى، ئۆزىمۇ خوتۇنۇڭ بارمۇ دېسە بار دېگىچۈلىكى بار خوتۇن. ئۆتكەن

تىنچ خاتىرجەم ئىنشائالال تاھىرمۇ ئەمدى ھورىغا جىمىپ قاالر. ئىش ئۆتتى. ھەممىگە سالىۋات.تاتىرىپ كەتكەن ئاق يۈزى، قان ئېقىپ قالغان ئاغزى، ياشىمامسەن !« مەن شىرىننىساغا قارىدىم:

كۆكسىنىڭ ئېچىلىپ تۇرىشى، بويىنىڭ زىلۋا ئوماقلىقى ...ئۇنىڭغا سىڭىپ قالغان قاڭسىق تاماكا ھىدى...»ياق، ياق، بۇ جىنايەتنى تاھىرغا ئارتىپ قويغىلى بولىدىغان ياخشى پۇرسەت، ›ئۈگەنگەن كۆڭۈل ئۈجمە پىشقىچە ‹دەپ، تاالغا ئۈگەنگەن بۇ جاالپ بەرىبىر ئادەم بولماي يۈرىكىڭنى يەيدۇ.

دە ئۇندىن كۆرە ئوغۇل بالىدەك بولغىن ـ ...«

شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم قېنىم قىزىپ، تىلىنىڭ ئۇچىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا تىقىشقا ئۇرۇنۇپ، كالپۇكلىرىنى يىرىدىم ۋە يەنە بىر قولۇمدا قوۋزىنى قاتتىق مىجىدىم )ھازىر ئويلىسام شۇ چاغدىكى ۋەھشىلىكىمگە ھەيران قالىمەن (. شۇ چاغدا ئۇ چۆچۈپال ھۇشىغا كەلدى ھەم مىنڭ كۆزلىرىمدىن ... مەخسىدىمنى بىلىۋالغاندەك بولسا كېرەك قارشىلىق قىلىشقا باشلىدى

شىرىننىسانىڭ نەپسى توختىغان ھامانال ئەندىكىپ كەتتىم . راست سۆزۈم يولداش، چىن سۆزۈم!قىلىپ سالغان ئىشىم ئويۇن ئەمەس، چۈشمۇ ئەمەس، راست ئىش ئىكەنلىكىنى چۆچۈپ كەتتىم!

ئويلىسامال سۈر بېسىپ كېتەتتى . شۇ مىنۇتتىن باشالپال پۇشايمان يۇرىكىمنى تاتىالشقا باشلىدى . ئۇنڭ قېشىدا ئولتۇرۇشتىن قورقتۇم . ئۇ ھېلىال تىرىلىپ قالىدىغاندەك ۋە شاالققىدە يۈزۈمگەتۈكۈرىدىغاندەك تۇيىالتتى . ئۇنىڭغا شۇنداق مۇھەببىتىم قوزغىالتتى، ئۇزۇن يىلالردىن كېيىن كۆرىشىۋاتقان ئاشىقالردەك ئۇنى باغرىمغا باسقۇم كېلەتتى . ئەمما ئۇ سوغۇق مۇردىغا ئايلىنىپ

پەل مىدىرالشمۇ - قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆڭۈلگە خوپ چۈشكىدەك ھەركەت، سۆز، ھەتتا سەلبولىشى مۇمكىن ئەمەسىدى.ئىچكىركى ئۆيدە بالىلىرىم ئۇخالۋاتاتتى . ئۇالرنىڭ قېشىغىمۇ كىرەلمەيتتىم . چۈنكى، مەن قاتىللىقىمنى باللىرىممۇ بىلىدىغاندەك، مىنى ئەيىپلەپ تاالغا قوغالۋاتقاندەك بولۇپ ھويلىغا چىقىپ كەتتىم . ھەم باش توخۇغىچە تاماكا چىكىپ ئولتۇردۇم.كۆك ئاسماندا يۇلتۇزالرنىڭ جىمىرالشلىرىمۇ بىر قىسىمال ئىدى.ئۇنىڭدىنمۇ بىر خىل ئۈنسىز ئەيىبلەش بار

بىلىنمەس ئىغاڭالپ قويىدىغان دەرەخلەردىمۇ -ئىدى . كىچىنىڭ سالقىنلىرىدا ۋە بۇ سالقىندا بىلىنەرشۇنداقال نارازىلىق باردەك ئىدى . مەن جەسەتنى تاشلىۋېتىپ ئاندىن قۇتۇلمىسام ماڭا ئاراملىق يوقتەك ئويالپ، مۇشۇ ئارلىقتا ئۆزەم چاال ئۇيقۇلۇق، چۈش دېسە چۈشكە، خىيال دېسە خىيالغا ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشلەردىن چۆچۈپ، يۈرۈگۈم چىقىپ كەتكىدەكال بولدى. .بۇ بەلكىم قارا باسقىنىدۇ ياكى نەس باسقاننىڭ سىگىنالىدۇر

ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆيگە كىردىم ۋە شىرىننىسانى ھۆشنەمگە ئارتتىم . خۇدايا توۋا، چاشقانچىلىك جېنى بار، بۇ نازۇك خوتۇن شۇنچىلىك ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇكى، ئۆيدىن دەرۋازىغا بارغىچىال تىلىم

قورقۇنچ ماڭا ساڭگىالپ كەتتى. بەلكىم قورقۇپ تۇرىۋاتقىنىم ئۈچۈن شۇنداق تۇيۇلغاندۇر...دەل شۇ كۈچ بىرىپ، مىڭ تەسلىكتە ھېلىقى دوقمۇشقا ئاپىرىپ تاشلىدىم.بۇ يەر بىزنىڭ ئۆيگە قارىغاندا .تاھىرنىڭ ئۆيىگە يېقىنراق ئىدى

ئەمدى سەل خاتىرجەم بولغاندەك بولدۇم ...بىراق ھويلىغا قايتىپ كىرگىنىمدە ئۆيگە زادىال كىرگۈم كەلمىدى.ئۇ يەردە مىنى ئەزراھىل كۈتۈپ تۇرغاندەكال . تاالغا چىقسام ھەربىر ئادەم مىنى تۇتقىلى

مۇشۇنداق خىيال ئاخىرغىچە كالالمدىن چىقمىدى.ئۆيگە كىرىشكە بەكمۇ كېلىۋاتقاندەكال تۇيۇلدى.

Page 46: ئۆڭۈك ئادالەت

يۈرەكسىز بولۇپ كەتتىم، شۇڭالشقىمۇ شۇ ئۆيدىن بېشىمنى ئېلىپ چىقىپ كىتىشنى ئەۋزەل ...كۆرگەنىدىم

دېدى ئابلەي ئۇنىڭ ئىقرارنامىسىنى قولىغا ئېلىشقا ھېكايەڭنى يەنە بىر نۆۋەتتە ئاڭالرمىز،— —مەن ئالدىرمايمەن.ئاۋال دېگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ بەرگىن ئالدىراپ،— .

.زاھىر ئالدىراپ يېزىشقا كىرىشتى

نىھايەت ئۇ ئىقرار نامىسىنى يېزىپ بولۇپ ئابلەيگە تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئابلەي ئۇنى كونۋرىتقا :سېلىپ سومكىسىغا جايالشتۇرۇپ دېدى

مەن ھەقىقەتەنمۇ ئالدىرايمەن، شۇڭا ھازىرچە سىنى مۇشۇ يەردىكى ساقچىغا تاپشۇرۇپ — بىرىمەن، مەن قايتىپ بېرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە كۆرۈشۈپ قاالرمىز. . سەن بۇيەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرىسەن

بولۇپ قالغاچقا، زاھىر رەۋقى بىلەن ھېكايە سۆزلەۋاتقاندا ئاغىنىسى بىلەن بىللە تۇرغاندەك تۇيغۇدابىراق ئۇ قارشىلىق قىلماستىن ئابلەينىڭ ئالدىغا چۈشۈپ بۇ گەپ ئۇنى بىر ئاز مەڭدىتىپ قويدى.

.ماڭدى

قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا  توققىزىنچى باب.

 

)شۇنداق دېيىش مۇمكىن بولسا .چۈنكى ئۇ كەملەردە قانۇن ئابلەي زاھىرنى شۇ يەرلىك ج خ ئورنىغا قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن تاپشۇرۇپ، ئەھۋالنى ئورۇنلىرى پالەچ بولۇپ قالغانىدى(

.كېتىش تەييارلىقىغا كىرىشتى

يولوچى ئۆزى ماشىنا تېپىپ مېڭىشى قاتناش تولىمۇ قىس ئىدى، نۆۋەتچى ئابدوبوسالر يوق ئىدى.ج خ ئىدارىسى ئۇنىڭ ئالدىراشلىقىنى بىلسىمۇ ئامال قىاللمىدى. چۈنكى ئۇالنىڭ كېرەك ئىدى.

ماشىنىسى چوڭ پىپەن تەشۋىقات ماشىنىسى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقاچقا، ھېچ بولمىسا قارمايغىچە ناھىيە بازىرىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ماشىنا تاپماق تەس ئىدى . ئۇ بىر بولسىمۇ ئاپىرىپ قويالمىدى.

كۈن يول بويىدا ماشىنا توسقان بولسىمۇ، كۈتكىنى بىكار بولدى قارمايدىن ئۈرۈمچىگە قاتناپ تۇرىدىغان ماشىنىالر كۆپ ئىدى. شۇڭا ئەتىسى ماشىنا كۈتۈپ ئولتۇرماي قارمايغا قاراپ پىيادە يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ھەم يول يۈرۈپ ھەم ئارقا تەرەپتىن كەلگەن ماشىنىالرنى توسۇپ بېقىپ،

بۇنداق قىلغاندا ۋاقىتتىن ئۇتقىلى بوالتتى توختىمىسا داۋاملىق مېڭىۋەرمەكچى ئىدى. .

. ئۇ سائىتىگە بەش كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭسا بۇ يولنى ئىككى سوتكىدا مېڭىپ بوالتتى

ئابلەي ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندە ئارقاتەرەپتىن ماشىنا كىلەمدىكىن دەپ تەلمۈرۈپ قارايتتى. لېكىن تۆت ماشىنا - قېرىشقاندەك ھاياتبەخش ماشىنا ئاۋازى ئاڭالنمايتتى . پۈتۈن سەپەر جەريانىدا ئۈچ

...ئۆتكەن بولسىمۇ لېكىن ھېچقايسىسى توختىمىدى.جۇڭغار داالسىنىڭ شامىلى ئۇنىڭغا ھەمرا بولدى

سىنتەبىر باشالنغان بولۇپ، ئۇنى قورقىتىۋاتقان ئەجەللىك ۋاقىتقا-15نىھايەت ئۇرۈمچىگە كەلگەندە ئون كۈنال قالغان ئىدى. ئۇ ئىالج قىلىپ بىرنەچچە كۈن بۇرۇنراق بېرىشنى ئوياليتتى. لېكىن ھەممە كالون، ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە قاتراشلىرى بىكار كەتتى . جەنۇپقا كېتىدىغان ماشىنا تېپىلمايتتى . مۇشۇ يوسۇن ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ئاشلىق بىلەتلىرى تۈگەپ كەتتى ۋاھالەنكى، ئاشلىق بىلىتىسىز تاماق تاپقىلى بولمايتتى. بىلەت تىجارەتچىلىرى ئۇنىڭ ساقچى فورمىسىدىن قورقۇپ بىلەت سېتىپ بەرمەيتتى.بىلەتسىز نان ساتىدىغان ناۋايالر بولسا ناھايىتى كەم تېپىالتتى .ئۇ

ئۆتكۈزمەكتە ئىدى .ئۇ تولىمۇ ئالدىراپ تۇرغاچقا  يېرىم ئاچ، يېرىم توق يۈرۈپ كۈنلەرنى جىددىلىشىپ، تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاالتتى. بەشىنچى كۈنى ئۇ ئاخىرى جەنۇبقا كېتىدىغان بىر يۈك

بىراق شوپۇر ئۇنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن بىرنىمە ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇچراشتى.

Page 47: ئۆڭۈك ئادالەت

ئىالجىسىز قالغان ئابلەي يېنىدا قالغان ئۈندۈرۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويالپ، ئېلىۋېلىشقا ئۇنىمىدى. پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقى قېرىق يەتتە كوي پۇلى ئىدى.ئۇبۇ ئاخىرقى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويالمايتتى .ئۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم باشقىالرغا ئەڭ .بىچارىلىك بىلەن يالۋۇرماقتىدى خۇشامەت قىلماقتىدى

ئابلەي ماشىنىنىڭ ئىنشائالال، ئۇالر سەپەرگە ئاتالندى. ئاخىرى شوپۇر ئۇنى ئېلىۋېلىشقا ماقۇل بولدى. بۇزۇلۇپ قالماسلىقىنى تىلەپ، ئۆزىنىڭ سەپەر ئۈستىدە نىمە يەپ ئىچىشىنىمۇ ئويالپ قويمىدى.

ئەگەر ماشىنا بۇزۇلماي ماڭسا تۆت كۈندە بارغىلى چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا بىر تىيىنمۇ قالمىغانىدى.بۇ دېمەك، بىر كۈن بۇرۇن بېرىش دېگەن سۆز ئىدى بوالتتى. .

بىرىنچى قېتىملىق كېچىنى ئۆتكۈزىدىغان يەرگە كەلگەندە ئابلەي ماشىنىدىن چۈشمەي ئولتۇرىۋەردى.

يۈرسىلە، مۇشۇ يەردە ياتىمىز، ياتاق ئېلىۋالمىساق بولمايدۇ،— دېدى شوپۇر —

دەپ ئۇنىمىدى ئابلەي دېسىلە،— مەن ماشىنىنى ساقالپ كابىنكىدا ياتاي، ئۇشتام، ماقۇل —

ئاچ شوپۇر كىرىپ كەتتى ئۇ ئابلەينىڭ ياتاقتا ياتقۇدەك پۇلى يوقلىقىنى ئويالپمۇ قويمىغان ئىدى.قورساق ئابلەي كابىنكىدا تۈگۈلۈپ يېتىپ بىرىنچى كېچىنى ئۆتكۈزدى.كۈن بويى ماشىنىنىڭ سىلكىشىگە چىداپ بىر خىلدا ئولتۇرۇپ كەلگەن، ھاردۇق يەتكەن بەدەن ئۈچۈن، سوزۇلۇپ يېتىپ .ھاردۇق ئالماستىن يەنە تۈگۈلۈپ يېتىش ۋە ئولتۇرۇپ ئۇخالش مىسلىسىز ئازاپ ئىدى

دېدى شوپۇر ئەتتىگەندە ناشتا قىلىمىز ئورۇنلىرىدىن تۇرسىال،— — .

.مەن ھېلى نان يەۋالدىم، ئۆزلىرى بېرىپ كەلسىلە،...ـ دېدى ئابلەي بىلىندۈرمەي —

مۇشۇ تەقلىددە سەپەر يەنە بىر كۈن داۋام قىلدى ۋە ئەنە شۇنداق جاپالىق بىر كىچە ئۆتتى. ئۇالر شوپۇر ئۆيىگە ئابلەي قورسىقى ئېچىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ بېشى قېيىشقا باشلىدى. يەنە مېڭىشتى.

ئېلىۋالغان بىر سىۋەت پىششىق تۇخۇمنى ئابلەي تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى ئۇنى تارتىنىش، نۇمۇس ...تۇيغۇسى چەكلەپ تۇرمىغىنىدا تۇخۇمدىن قانچىنى يەرىدى؟

بىراق شوپۇر پېنى چىقىپال كەتتى.- ئابلەينىڭ جان بەختكە قارشى شۇ كۈنى ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى. :ئېرەڭسىزلىك بىلەن

.مانا ئەمىسە دەپ ئىككى كۈن تاماشاقىلىپ، ئالدىرماي ياسىتىپ ماڭىمىز،— دېدى —

.بۇ گەپ ئابلەيگە ئوق تەككەندەك دەھشەتلىك تەسىر قىلدى

...سىلىدىن ئۆتۈنۈپ قاالي، پاتراق مېڭىپ كېتەيلى —

!ئالدىرىسىال ئۆزلىرى كېتىۋەرسىلە —

ئابلەي ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ بىچارىلىك بىلەن يېلىندى. شوپۇر ئۇنىڭ ئاللىقانداق بىر ئىشنى ئۆزىدىن يورۇشۇپ كېلىۋاتقىنىنى، ھېس قىلغان، ئۇنىڭ كابىنكىدا يېتىشىدا نېمە سىر بارلىقىغا قىزىققان، ئۇنىڭ تاماق يەۋەتقان ياكى يېمەيۋاتقىنىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى كۈچەيگەنىدى. ئابلەي ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بالىالرچە ساددىلىق بىلەن شوپۇرغا سۆزلەپ بەردى. ئۇ شوپۇرنى تەسىرلەندۈرۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئاخىردا ئۇ بارلىق پۇلىنى بېرىۋەتكەنلىكتىن ماشىنىدا تۈنەشكە، .ئاچ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنىمۇ سۆزلىدى

چىسال دەمال؟ ـ 25 —

Page 48: ئۆڭۈك ئادالەت

.شۇنداق —

مۇشۇ ئاينىڭ؟ —

.ھەئە —

ئۆگۈن ئارىلىقىدىكى گەپمۇ؟ ئەتە ـ —

.شۇنداق —

خۇدايا! ئۆزەڭگە ئامانەت! بالدۇرراق مۇنداق گەپ دېسىلە بولمامدۇ؟ بىزمۇ ئادەم بالىسى —بولغاندىكىن ئەلۋەتتە... ئەستاغ... كېچىلەپ بولسىمۇ ماشىنىنى ياسايلى، سىلى قول چىراق تۇتۇپ .بەرسىلە ئەمسە

.بولىدۇ —

...توختىسىال، ماۋۇ پۇللىرىنى ئالسىال —

.بولدى، مەن سىلىگە ئاتىغاندىكىن رازى بولدۇم —

ياق، بولمايدۇ! سىلى مېنى تازىمۇ خىجىل قىلىپ قويىدىال، بۇنداق ئەھۋالدا كىرا پۇلى ئالسام —ئادىمىگەرچىلىك بوالمدۇ؟ نەچچە كۈن ئاچ قورساق قانداقمۇ... ھەي! مېنى خاپا بولمىسۇن دېسىلە، دەرھال بۇ پۇلنى ئېلىپ، قورساق تويغۇزۇپ كەلسىلە. بولمىسا كابىنكىدىكى تۇخۇمنىال يېسىلە... توۋا، .قىزىق ئادەمكەنال، باشتىراق دېمەمدىغان، سىلى تازىمۇ قىينىلىپال ئەمەسمۇ

...ئۇالر چاپسانال دوستلىشىپ كەتتى

سىنتەبىر تاڭ -25ئۇالر بىر سوتكىنى قولدىن بېرىپ قويغانىدى. شۇڭا ۋىاليەت مەركىزىگە دەل سەھەردە يىتىپ كەلدى. ئەگەر ئاخىرقى كېچىسى دەم ئالماستىن ماڭمىغان بولسا تولۇق بىر كۈن .كېيىن كېلەتتى

ئابلەي شوپۇرغا بىر نەچچە ئېغىز تەكەللۇپ سۆزلەر بىلەن رەخمەت ئېيتقاندىن كېيىن ماشىنىدىن دە، ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە )ئەگەر شۇنداق دېيىش مۇمكىن بولسا( قاراپ - سەكرەپ چۈشتى

.يۈگرىدى

:ئۇ مەھكىمىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپال كىچىك ماشىنا بىلەن ھەپىلىشىپ تۇرغان شوپۇردىن سورىدى

باشلىقالر بارمۇ؟ —

.يوق —

ئىش بىجىرىۋاتقانالردىن ھېچكىم يوقمۇ؟ —

.ئىشخانا مۇدىرى باردەك ئىدى —

سىلى بىر ياققا ماڭماقچىمۇ؟ —

قانداق؟ ئىش بارمىتى؟— شوپۇر ئەدەپسىز بىر خىل پۇزتسىيە بىلەن مەسخىرە قىلغاندەك — .سورىدى

شۇنداق، ئىش بار ئىدى، ناھايىتى مۇھىم! بەلكىم، سەل تۇرۇپ تۇرسىال باشلىقلىرى سىلىنى شۇ — .ئىشقا بۇيرۇپ قېلىشى مۇمكىن

Page 49: ئۆڭۈك ئادالەت

نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىلە، قارى، باشلىق تويغا جابدۇۋاتىدۇ، شۇنىڭغا مېنى ماشىنا تەييارال — .دېگەنىدى

ئابلەي يۈگرىگىنىچە ئىشخانىغا كىرىپ ھە!؟ توختاپ تۇرسىال، مەن ئىشخانىغا كىرىپال چىقاي،— — .كەلدى

.ئىشخانىدا بىر كىشى ئۆزى يالغۇز ئەسنەپ ئولتۇراتتى

...خوش؟ —

ھازىرنىڭ ئۆزىدىال دېدى ئابلەي ھاسىراپ تۇرۇپ،— بىر جىددى ئىش بار ئىدى،— — xx ناھىيىلىك ج ...خ ئىدارسىگە تېلىفون بېرىپ بىر ئىشنى ئۇقتۇرۇپ قويغان بولسىال

ئۇنىڭ سۆھبەتدېشى ئېرەڭسىزلىك بىلەن تېلىفون ئاپپاراتىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى. بۇ .»ئىشىڭ بولسا ئۆزەڭ تېلىفون ئال« دېگىنىدى

ياق، مۇنداق گەپ، ئۇ يەردە بۈگۈن بىر گۇناھسىز ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرمەكچىدى، مەن —ھازىر ھەقىقىي قاتىل ئۇ ئەمەس، باشقا بىرسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقالپ چىقتىم، ماتىرىيالالرنى كۆرۈپ بولۇپ ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ۋاقىت يار بەرمەيدۇ، شۇڭا تېلىفون بېرىپ جازانى ئەمەلدىن ...قالدۇرۇۋېتىپ تۇرسىڭىز، باشقا گەپلەرنى ئاندىن دېيىشسەك

نېمە ؟ ئۆزەڭ كىمسەن؟— خادىم ئەلپازىنى بۇزۇپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن — .قارىغاندا ئابلەينى سىنىپى دۈشمەنمىكىن دەپ گۇمانلىىۋاتقاندەك ئاالمەت چىقىپ تۇراتتى

...مەن شۇ ناھىيىنىڭ ج خ ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن —

قىزىق گەپ ئەمسە نېمىشكە شۇ يەردىال ئۆزەڭ ئۇالرنى توسۇپ قالمىدىڭ؟ —

مەن ئەڭ ئاخىرقى پاكىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شىمالغا كەتكەن، مانا ھازىرال ماشىنىدىن — ...چۈشۈپ بۇ يەرگە كېلىشىم

ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، سېنىڭ ئاغزىڭدىكى گەپ بىلەنال شۇنداق قىلغىلى بوالرمۇ؟ سەن زادى — دە! توختىغىنا...- خادىم ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش -قانداق ئادەم؟ قاتىلنىڭ شېرىكىمۇ؟ بۇمۇ بىر مەسىلى

.ئورنىغا ئەۋەتىپ بېرىدىغاندەكال قىالتتى

ئابلەي كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكى ھېس قىلىپ دەرھال چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنگۇمانالنغۇچى ۋارقىراپ قالدى. ئابلەي پىكاپنىڭ يېنىغا كەلگەندە شوپۇر ناراقتا تۇربا ئالدىدا قول

يۇ، بۇنىڭمۇ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى دەرھال قىياس - يۇيىۋاتاتتى. ئۇ شوپۇرغا گەپ قىلىشنى ئويلىدىقىلىپ ماشىنىغا چىقتى ۋە ئوت ئالدۇرۇپ، يۈرۈپ كەتتى، بۇ شۇنداق ئىختىيارسىز ھەرىكەت بولدىكى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە قىلچىمۇ ئالدىن ئويلىنىش، قارار قىلىش قاتارلىق ھەرىكەت تەييارلىقى بولمىغانىدى. شۇڭا ئۇ ئارقىسىدىن ئاڭالنغان قىيا ـ چىيا بىلەنال ئېسىگە كېلىپ، چۆچۈپ كەتتى. بىراق ئەمدى ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇشقا، قايتىدىن ئويالپ كۆرۈشكە ۋاقىت يوق ئىدى. ئەمدى ئۇ ناھىيىگە .قاراپ بارلىق سۈرئەت بىلەن ماشىنىنى قويىۋەتتى

. غارايىپ بەزى ئىشالرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى-كېتىۋېتىپ بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋى ھەققىدە ئاجايىپ

مېنىڭ ھەرىكىتىم ھەقىقەتەنمۇ توغرا بولمىدى. لېكىن ئىالج يوق، ئاۋال بىر ئادەمنى ناھەق ئۆلۈمدىن«قۇتقۇزاي، كېيىن ھەممە ئىش ئېنىقلىنىپ، باشلىقالرمۇ مېنىڭ مۇشۇ ئەھۋالدا بۇنىڭدىن باشقىچە تەدبىر قوللىنالمايدىغانلىقىمنى چۈشىنىدۇ ۋە مېنىڭ بۇ دادىل ھەم قارامالرچە ھەرىكىتىمنى »...ماختايدۇ

Page 50: ئۆڭۈك ئادالەت

كىلومېتىرچە يولنى بىر سائەتتە بېسىپ ئۆتۈپ، ناھىيە 40شەھەر بىلەن ناھىيە بازىرى ئارىلىقىدىكى بازىرىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ بازار كوچىلىرىدىن چىۋەرلىك بىلەن ئايلىنىپ ج خ ئىدارىسىگە باراي دەۋاتقاندا قارشى تەرەپتىن ھەربىيلەر چۈشكەن ئاپتومۇبىل چىقىپ قالدى، ئاپتومۇبىل كۇزۇپىنىڭ .ئالدىدا قوللىرى چەمبەرچاس باغالنغان تاھىر تۇراتتى

دە!« ئۇ ماشىنىنىڭ ئۆتۈپ - ئابلەي چۆچۈپ كەتتى، »ئاپال! كىسىم ئېالن قىلىش يىغىنى ئاخىرلىشىپتۇكېتىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بىراق ئۇ ج خ ئىدارىسىگە كىرىپ ئەھۋال خەۋەر قىلىمەن دېسە ئۈلگۈرەلمەيتتى. شۇڭا يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقىسىدىن قوغالپ يېتىش قارارىغا كەلدى، بىراق ئۇ ماشىنىنى ئايالندۇرۇشتا قىينىلىپ قالدى. چۈنكى، ئۆلۈم جازاسىنى كۆرگىلى ئالدىرىشىۋاتقان .نەچچە مىڭ ئادەم پىيادە ۋە ۋەلىسپىتلىك بولۇپ يولنى بىر ئېلىشقانىدى

ئابلەي كىشىلەر سەل شاالڭلىغان ھامان ماشىنىنى ئايالندۇرۇپ جازا ئىجرا قىلىندىغان ساي تەرەپكە قاراپ ماڭدى، يولدا كىشىلەر توپى ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمىسۇن دەپ يىراقراق بولسىمۇ يەنە بىر يول بىلەن ماڭغانىدى. ئۇ يىتىپ بارغىچە ھەربىيلەر چەكلەنگەن رايۇنالرنى بەلگىلەپ پوس قويغان،  جىنايەتچى بىر ئورەكنىڭ لىۋىدىكى توپا دۆۋىسى ئۈستىگە يۈكۈندۈرۈپ قويۇلغان، دۈمبىسىگە

.نىشانغا ئالىدىغان نوقتا بور بىلەن سىزىپ قويۇلغانىدى

سانجاق تۇرۇپ -خااليىقنىڭ ئالدى يىتىپ كېلىپ، جازا ئىجرا قىلغۇچىالرنىڭ ئارقا تەرىپىدە سانجاقكېتىشكەنىدى. جازا ئىجرا قىلغۇچى بەش نەپەر ھەربىي سەپ بولۇشۇپ، تىترەپ تۇرغان قوللىرىغا .مىلتىقلىرىنى ئېلىشىۋاتقانىدى

ئابلەي ماشىنىنى ئايالندۇرۇپ، خااليىقنى بارغىلى قويمايدىغان يان تەرەپكە ئېلىپ بېرىپ قاتتىق :تۇرمۇزالپ توختاتتى ۋە ماشىنىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشتى

— ئۇ جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىردى توختاڭالر! — .

مىلتىقلىرىنى بەتلەۋاتقان ئەسكەرلەر نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، مۈرىلىرىگە تىرىگەن مىلتىقىنى .پەسكە چۈشۈرۈشتى

. نېمە بولدى؟— دەپ سورىدى نۆۋەتچى ئوفسىتىر ئابلەيدىن —

جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئوتتۇرا سوت تېلىفون بەردى، رەسمى ئاالقە يېزىشقا — .ئۈلگۈرەلمىگەچكە، مېنى ئەۋەتتى

نېمە؟ بۇنداق گەپكە قانداق ئىشەنگىلى بولىدۇ؟ ئەمسە مۇشۇ يەردىن قوزغالماي بىردەم — .كۈتەيلى، سەن بېرىپ رەسمى ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپ كەل

ئابلەي نېمە قىالرىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدى، بۇ چاغدا بۇ يېڭىلىقتىن ھەيران بولغان خااليىق دەۋرەپ كېلىپ چەكلەنگەن رايۇنغا كىرىشكە باشلىدى. ئوفسىتىر ۋە ئەسكەرلەر خااليىقنى كەينىگە يېنىشقا دەۋەت قىلىپ ۋارقىرىشىۋاتقان پۇرسەتتە ئابلەي ئەقىلدىن تاشقىرى قاراملىق بىلەن :تاھىرنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى

دە، پىكاپ تەرەپكە ئېلىپ - دەپ پىچىرلىدى چاپسان بول، سەن قۇتۇلدۇڭ، ماشىنىغا چىق،— —كەتتى، ماشىنىنىڭ ئارلىقى يېقىنال ئىدى. ھەربىلەر نېمە بولىۋاتقىنىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە ئابلەي .ماشىنىنى زىۋىت قىلىپ ئۈلگۈردى

!ھوي! جىنايەتچىنى نەگە ئاپىرىسەن!؟ توختا! توسۇڭالر ئۇنى —

بىر ھەربىي مىلتىقىنى بەتلەپ ماشىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېدى، ئابلەي خۇددى ئۇنى باستۇرۇۋېتىدىغاندەك تېز ھەيدەپ كېلىۋەردى، ئەسكەر ئىتتىكال ئۆزىنى چەتكە ئالدى، ئابلەي تاھىرنى ئېلىپ تاشيولغا .چۈشۈپ يۈرۈپ كەتتى

Page 51: ئۆڭۈك ئادالەت

ئابلەي ماشىنىنى ئوتتۇر ۋىاليەت مەركىزىگە ھەيدىدى، ئۇ ئۆزى قىلىپ سالغان قاراملىقىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىغىنىدا تېنى شۈركىنىپ كېتەتتى. تاھىرنىڭ ئورنىغا ئۆزى ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇش ئېھتىمالىمۇيوق ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇ قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتى توغرا ئىكەنلىكىنى ئويالپ يەنە .خاتىرىجەم بوالتتى

.ئۇ يېرىم يولغا بارغاندا تاھىرنىڭ قوللىرىنى يېشىۋەتتى

مەن سېنى شەھەرگە ئاپىرىپ قويىۋىتىمەن، مەسىلە ئايدىڭالشقىچە يوشۇرۇنۇپ يۈر، خەققە — .كۆرۈنمە، ئۆيۈڭگىمۇ بار،— دېدى ئۇ

ئۆلۈم گىرداۋىدىن يانغان كىشى ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىگەن بولسىمۇ يەنىال ناھايىتى خۇشال .بولغانىدى

ئۇالر شەھەرگە كىرىپ ئادەم كۆپ كوچىالردىن بىرى بىلەن كىتىۋاتقاندا ئابلەي ماشىنىنى ئاستىلىتىپ، تاھىرنى چۈشۈپ قېلىشقا بۇيرىدى، تاھىر چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن ئۆزى ماشىنىنى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ھەيدىدى، ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئاساسلىرىنى كۆرسىتىپ مەسلىنى ئايدىڭالشتۇرماقچى .ئىدى

ئابلەي مەھكىمە ھويلىسىا كىرىپ ماشىنىنى توختىتىشى بىلەنال بىر مۇنچە ساقچىالر ماشىنىنى ـ دە، قولىغا ئورىۋالدى ھەم ئۇنىڭ ئۆزى چۈشۈشنى كۈتۈپ تۇرمايال قوپاللىق بىلەن سۆرەپ چۈشتى

.كويزا سالدى

 

خاتىمە

 

دېدى ئابلەي ھىكايىسىنى تۈگىتىپ، »سىياسەتنى مېنىڭ سەرگۈزەشتەم ئەنە شۇ،— — .ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشخانىسى« نىڭ مۇدىرىغا قاراپ

مۇدىر بىردەم ئويلىنىپ شۈكلەپ قالدى. ئاندىن ھەقىقەتەنمۇ قاراملىق قىلغان ئىكەنسىز!... — —تاھىرنى كېيىن يەنە تۇتىۋالدىمۇ؟ ھىكايىنىڭ داۋاملىشىشنى خالىغاندەك سورىدى،—

ياق، تۇتالمىدى، ئۇ يىراقالرغا كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇ قۇتۇلدى، مەن تۇتۇلدۇم. ئۇنى دەپ —تارتمىغان ئازابىم قالمىدى، »دىكتاتۇرنىڭ« تەمىنى تېتىدىم، ئۇنى قەيەرگە يوشۇرۇپ قويغانلىقىمنى قىستاپ سوراشتى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆزەم دېگەندەك ئۇنى شەھەرگىال قويىۋەتكەنىدىم، .يوشۇرىدىغان نەرىم بولسۇن

ھەقىقى قاتىلچۇ؟ —

.ئۇ شۇ تۇتۇپ تۇرۇلغانچە بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرۇۋەرگەن ئوخشايدۇ —

شۇنداق قىلىپ، نەچچە يىل تۈرمىدە ياتتىم دېدىڭىز؟ —

يىلغىچە ياتتىم، چىقسام ئائىلەمنى تەكلىماكانغا يېقىن بىر يېزىغا »تارقاقالشتۇرۇپ« -1976 — كۆچۈرىۋەتكەنىكەن. ھازىرغىچە شۇ يېزىدا ئىشلەۋاتىمەن... بۇ يەرگە كەلگىلى بىر ئاي بولدى. يېنىمدا .پۇلۇممۇ قالمىدى

ھېلىقى دىلونى قايتا بىر تەرەپ قىلىشىمىدىمۇ؟ —

Page 52: ئۆڭۈك ئادالەت

.ياق —

سىز ئىگىلەپ كەلگەن پاكىتالر ھازىر نەدە؟ —

.ئوتتۇرا سوتتا بولسا كېرەك، بىر قىسمى ج خ ئىدارىسىدا بولۇشىمۇ مۇمكىن —

ھە، سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىز بەك مۇرەككەپ ئىشكەن، ئاشۇ دىلو قايتا ئىشلىنىپ، سىزنىڭ دېگىنىڭىز —بويىچە توغرىالنسا بۇ سىزنىڭ توغرا قىلغانلىقىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىنىشى بولىدۇ... ئۇنىڭسىز بىز ...ئۆز ئالدىمىزغا بىر تەرەپ قىاللمايمىز

سىلەر بۇ ئەھۋالنى سوتقا يولالپ، بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىسىلەرـ دە، بولمىسا — ئۇالرنىڭ يادىغا يېتىشىنى كۈتۈپ قاچانغىچە تۇرىمەن؟

يەنە كېلىپ، ئۇ دىلو راستىنال سىز بۇنى مەن نەدىن بېلەي؟— مۇدىر مۈرىلىرىنى قىستى،— — يوق؟ بۇمۇ بىر مەسىلە، ئەگەر ئەسلىدىكى خۇالسە يەنىال توغرا بولۇپ -دېگەندەك بولۇپ چىقامدۇ

.چىقسا ئۇ ھالدا سىزگە تارتقانلىرىڭىز ئاز بولۇپ چىقىدۇ

نېمە؟ سىز يەنە ئىشەنمەمسىز؟ مېنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىمدە ھەممە گەپ ئېنىققۇ؟ —

ئېنىقلىقىغۇ ئېنىق، بىراق سىزنىڭ ھېلىقى خىزمەتدىشىڭىز، كىم ئىدى؟ ئۆمەرمۇ؟ ھە، ئۇنىڭ —ئېنىقلىمىسى تېخخمۇ قايىل قىالرلىق بولۇپ چىقىشى ھەم مۇمكىن، ھازىر مەن پەقەت سىزنىڭال بايانىڭىزنى ئاڭلىدىم، قارشى تەرەپنىڭ ئاساسلىرى قانداق، بۇنى كۆرۈپ بېقىشقىمۇ توغرا كېلىدۇ.

ـ يە؟ ئۇنداق ئەمەسمۇ

ئۇغۇ شۇنداق، بىراق، سىلەر بۇنى سۈرۈشتە قىلىپ، ھەيدەكچى بولۇپ بەرمىسەڭالر، ئۆزىچە — .ھەل بولۇپ قاالمدۇ؟— ئابلەي زەردە بولدى

سىزگىغۇ ھەرنېمە دېسىڭىز دۇرۇستەك تۇيىلىدۇ، لېكىن بۇ ئىش سىزنىڭ جىنايەتچىنى ئېلىپ —قاچقىنىڭىزدەك قوپاللىق بىلەن پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىشخانىمىز ئاران سىزنىڭال ئىشىڭىز بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقىنى يوق، ناھەق دىلوالر تولۇپ ياتىدۇ، ناھايىتى كۆپ، ساراڭ .قىلىشىۋېتىدۇ

مەن يەنە قانچىلىك كۈتۈشۈم كېرەك؟ —

بۇنىسىنى مەنمۇ بىلمەيمەن، ھەرھالدا مېنىڭچە يېزىڭىزغا قايتىپ تۇرۇڭ، ۋاقتى كەلگەندە بىز — .چاقىرتىمىز

قايتىپمۇ تۇرغانمەن، چاقىرتىشىڭالرنى يېرىم يىل كۈتۈپ، ئاخىر بولماي يەنە كېلىۋاتىمەن! بۇنداق —بولۇشىنى بىلگەن بولسام گۇناھسىز بولماق تۈگۈل پەرىشتىنىڭ ئۆزى بولسىمۇ ئۆلسەڭ ئۆلىۋەرگىن

جەزىرىدىن پەرقى بولمىغان يىراق يېزىدا تارتقانلىرىمنى -دەيدىكەنمەن! خەپ! مېنىڭ تۈرمىدە، چۆلسۆزلەپ بېرىدىغان بولسام باغرى تاش قاراقچىمۇ يىغالپ سالىدۇ! مەن بۇ ئازاپالرنىڭ ھەممىسىنى

غارايىپ غايىلەرغۇ؟ -كىم ئۈچۈن تارتتىم؟ بىر ناتونۇش ئەخالقسىز ئۈچۈن! ياشلىقتىكى ئاجايىپ ...!ھازىرقى ئەقلىم بولىدىغان بولسا

...چېچىلماڭ، يولداش، دەيدىغان گەپ تۈگىگەن بولسا —

!گېپىم تۈگىدى —

ئەمسە رەنجىمەي كۈتۈپ تۇرۇڭ، مۇزاكىرلىشىپ باقايلى. خەۋىرىڭىز بار، سىز بىلەنال يېرىم —كۈننى ئۆتكۈزۈۋېتەلمەيمەن، مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرغانالرنىڭ كۆپلىكىنى ...بىلىسىز

Page 53: ئۆڭۈك ئادالەت

...بولىدۇ، مەن قايتاي، ئەجەپ ئەنسىرەپ —

ئابلەي چەكسىز ئەلەم بىلەن قايتىپ چىقتى. ئۇنىڭ چۈشلۈك تاماقتىن بەكمۇ بېشى قاتتى. بۇ كۆز ئالدىدىكى زۆرۈرى غەم ئىدى. ئۇ نەگە بېرىشنى بىلمەستىن گاڭگىراپ زىننەت ئورمانلىرى

ئىكرام بىلەن ساالم -ئارىسىدىكى يول بىلەن كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئالدىدىن بىر كىشى كېلىپ، ئىززەت :قىلدى

ئەسساالمۇ ئەلەيكۇم ئابلەي دېگەن سېلىغۇ دەيمەن؟ —

خوش؟ مەن شۇ...ـ ئابلەي ئۇنىڭ تۈنۈگۈن مۇشۇ ئەتراپتا ئەگىپ يۈرگەن سودىگەر سۈپەت ... — .كىشى ئىكەنلىكىنى تونىدى، ئۇنىڭ تىلى بىر ئاز چېنىپ سۆزلەيتتى

سىلىنىڭ بىر كونا تونۇشلىرى مەندىن سىلىگە ساالم ئېيتقان، ھەم سىلىدىن ئەھۋال سورىغاچ —ئۇ ئىلىنچىكى بار ئادەمدەك سۆزلەرنى تولۇق ۋە توغرا تەلەپپۇز كېلىشىمنى تاپىلىغانىدى،—

.قىاللمايتتى

كىم ئىكەن ئۇ؟ —

ئۇنىڭ بىر پارچە خېتى بار، كىملىكىنى خەتنى ئوقىسىڭىز بەلكىم خەتتە باردۇر. يوچۇن كىشى —يانچۇقىدىن توم بىر كونۋېرتنى ئېلىپ ئابلەيگە بەردى. ئابلەي كونۋېرتنى ئېرەڭسىزلىك بىلەن .يانچۇقىغا سېلىپ قويدى ۋە سۆھبەتدېشىغا زەڭ سېلىپ قاراشقا باشلىدى

ئۇ كۆزلىرىدە شوخلۇق ئويناپ تۇرغان ئاق سېرىق كىشى بولۇپ، ئابلەي بىلەن بىر دېمەتلىك، بەلكىم بېشى شۇنچە رەتلىك، كىيىملىرىمۇ ھازىرقى مودا كىيىملەر بولۇپ، -سەل ياشراق كېلەتتى. ئۈستى

پەقەت ياش سودىگەرلەرال مۇشۇنداق كىيىنەتتى. ئۇنىڭ ئاق شىلەپىسى ئۇنى ئەجنەبىيلەرگە ئوخشىتىپ تۇراتتى. ئابلەي ئۇنىڭ ئاق سېرىق چىرايى ۋە ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن قاچاندۇر

يۇ، بىراق يەنە يوقلۇق تۇمانلىرى ئىچىدە تەدرىجى كۆرگەن بىرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك بولدى ـ .يىراقالپ، غايىپ بولۇپ كەتتى

ئۆز ئەھۋاللىرىدىن ئازراق سۆزلەپ بەرمەمال، بولمىسا مەن ساالم ئەۋەتكۈچى ئالدىدا خىجىل —دېدى سودىگەر — بولۇپ قالماي... .

دېدى ئابلەي زەردە قىلىپ، ئۇنىڭ مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمنى سورىسىال، ئەھۋالىم ئوتۇندەك،— —ئۆزەم سەھرايى قىيامەتتە،..ـ ئۇ بارلىق كەچمىشىنى ئاچچىق بايىقى ئاچچىقى تېخى تارقىمىغانىدى،—

- ئاچچىق گەپلەر بىلەن سۆزلىدى ۋە بۇ بەختسىزلىكلىرىگە سەۋەبچى بولغۇچىالرنىڭ يەتمىش .پۇشتىغىچە تىلالش بىلەن گېپىنى تۈگەتتى

سىلى بىلەن ئالدىراپ خوشلىشىدىغان بولدۇم، ئەپۇ قىالرالر، خۇدا نېسىپ قىلسا كۆرۈشۈپ — .قاالرمىز

خەير! — ئابلەي مەسخىرىلىك كۈلۈمسىرەش بىلەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. سودىگەر كېتىپ —قالغاندىن كېيىن ئابلەي نېمىنىدۇر ئويلىنىپ قالدى ۋە خەتنى ئوقۇپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. گەرچە

پاتال بېشىنى قاتۇرۇپ، يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۇپ -چۈشلۈك تاماقنى قانداق قىلىش كېرەكلىكى پاتتۇرسىمۇ، بەرىبىر باشقا كۆڭۈل ئاۋۇندۇرىدىغان نېمىسى بولمىغاچقا خەتنى ئوقۇپ بىردەم سايىدا

500ئولتۇرۇشنى توغرا تاپتى. خەت خېلى ئۇزۇندەك قىالتتى. ئۇ كونۋېرتنى ئېچىۋىدى، كونۋېرتتىن سومچە پۇل چىقتى. دەرۋەقە، ئۇنىڭغا بىر پارچە خەتمۇ قوشۇمچە قىلىنغانىكەن، ئابلەي بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئاجايىپ ۋاقىئەنى چۈشىنىش ئۈچۈن، مۆجىزىدەك قولغا كەلگەن »دۇنيا« نى .كونۋېرتسا سېلىۋېتىپ، قويۇن يانچۇقىغا تىققاندىن كېيىن، خەتنى ئاچتى، خەتتە مونۇالر يېزىلغانىكەن

قىممەتلىك دوستۇم ئابلەي )رۇخسەت قىلسىال مۇشۇنداق ئاتايمەن( ياخشىمۇ سىلى؟ سىلىنىڭ « .ھەممە ئەھۋاللىرىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، بۇنداق سورىشىم بىر رەسمىيەت ئەلۋەتتە، كەچۈرسىلە

Page 54: ئۆڭۈك ئادالەت

سىلىنى ماالل قىلىپ بۇ خەتنى يېزىۋاتقان ئادەم سىلى ئىككىنچى قېتىم ھايات بەرگەن شور پىشانە تاھىر ئىكەنلىكىنى خىياللىرىغا كەلتۈرمىگەنال، بەلكىم؟ مەن شۇ، مېنىڭ سەۋەبىمدىن كۆپ .زىيارەتلەرنى چەككەنلىكلىرىنى ئاڭلىدىم، مېنى قانچىلىك تىللىسىلىمۇ ھەق، قانداق قىالي

مەنمۇ ئاز رىيازەت چەكمىدىم )لېكىن بۇنىڭغا ھېچكىم سەۋەبچى ئەمەس(، ياخشى كۈنلەرگە .ئېرىشكىلى بىر نەچچە يىلال بولدى

سىلى مېنى شەھەردە قويۇپ بەرگەندىن كېيىن خوتەنگە كەتتىم، تونۇش ـ بىلىشلەرگە ئۇچراپ قالىدىغان ئىشالر بولماسلىقى ئۈچۈن يىراقراق كېتەي دېدىم. ئۇ يەردە ئۆزەمنىڭال كويىدا بولۇپ، سىلىنىڭ نېمە باالغا قالغانلىقلىرىنى خىيالىمغا كەلتۈرگىدەكمۇ بولمىدىم. دېمىسىمۇ ئۇ چاغدىكى ئەھۋالىم شۇ دەرىجىدە ناچار ئىدى. مېنىڭ بۇنداق شەخسىيەتچىلىكىمنى كەچۈرسىلە، ئاۋال مەدىكار ئىشلەپ، قېقىندى ـ سوقۇندى بولۇپ، يۈردۈم، كېيىن بىر قېرى خارەد ئۇستامغا )خوتەندە ياغاچچىنى

بۇۋاينىڭ رازىلىقى بىلەن ئىش ئايرىغاندىن كېيىن  شۇنداق دەيدۇ( شاگىرت بولۇپ، ھۈنەر ئۆگەندىم. .بىر ئاز پۇلمۇ تاپتىم، شۇنىڭدىن كېيىن سىلىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدىم

سىياسەت كەڭرى قويىۋېتىلگەندىن كېيىن سودىگەرچىلىك قىلىپ، ھال ـ كۈنۈم ياخشى بولۇپ قالدى.مۇشۇ چاغدا ئەڭ ئاۋال جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالغان كىشىنى يادىمغا ئالدىم. ئەلۋەتتە، سىلىنى سۈرۈشتۈرۈپ، سىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەن دەرت ـ ئەلەملەرنى بىلدىم، مەن ھازىرغىچە ئۆز ئۆيۈمگىمۇ بارالماي يۈرىمەن، شۇنداق بولسىمۇ سىلى تۇرۇشلۇق يېزىغا ئىزدەپ باردىم، باال ـ چاقىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى، ئۇالرغا ئاتىغان ئازراق نەرسەمنى بېرىپ قايتىپ چىقتىم. ئۇالر سىلىنى بۇياققا كەتكىلى بىر ئايچە بولۇپ قالغىلى تۇردى، دېگەنىدى، شۇڭا .سىلىنى بۇ يەردە پۇلسىز مۇساپىرچىلىق تارتىپ قالمىسۇن دەپ ئارقىلىرىدىن ئىزلەپ كەلدىم

تۈنۈگۈن سىلى سايىدا يېتىپ بىرسى بىلەن پاراڭلىشىپ، تاماكا چېكىشىۋاتقاندا مەن ناراقتا سىلىنى شۇمىدۇ ئەمەسمىدۇ دەپ كۈزىتىپ تۇرغانىدىم، كېيىن سىلى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىمەن دەپ كەتتىلە، شۇ چاغدا مەن ھېلىقى سىلى سۆزلەشكەن ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ سىلىنى سۈرۈشتۈردۈم، شۇ چاغدىال پەرزىمنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ ئارقىلىرىدىن چاپتىم، بىراق سىلى ئاغىنىلىرى ـ بۇرۇن بىزنىڭ ناھىيىدە ئىشلىگەن مەتتۇردىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتىلە، شۇنىڭ بىلەن

. پايالپ تۇرغانىدىم بۈگۈن بۇ يەردە سىلىنى

مەن سىلىنىڭ ماڭا قانداق پۇزتسىيە تۇتىدىغانلىقلىرىنى بىلمىگەچكە تونۇشلۇق بەرمىدىم، مەن تۈگۈنۈن ھېلىقى ئادەمدىن سىلىنىڭ تاماكا ئالغۇدەك پۇللىرىمۇ قالمىغانلىقلىرىنى ئاڭلىغانىدىم. شۇ خىجىللىقتا ئۆزەمنى تېخىمۇ ئاشكارا قىاللمىدىم. بۇ پۇلنىڭ جىمىنى شەھەردىن كەتكىچە ئۆزلىرى خەجلىۋەتسىلە، ئۆيدىكىلەردىن غەم قىلمىسىال، ئۇالرغا مەن ئازراق پۇل قالدۇرۇپ كەلگەن بۇ يەردىكى ئىشلىرىنىڭ ئەمدى ھەل بولىشىغا ئىشەنسىلە بولىدۇ، چۈنكى ئىش بىجىرگۈچىلەر، باشلىقالر قانچىلىك بىر نەرسە تاما قىلسا مەيلى، مەن ئۇالرنىڭ نەپسىنى تويغۇزۇپ، ئىشلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ .ئىقتىسادى جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈمگە ئالىمەن

.پەقەت ئادرىسىمنى يازماي پۇل ئەۋەتىش بىلەنال چەكلىنىۋاتىمەن

ياخشىلىقنى ئۆمۈر بويى قايتۇرالمايمەن، شۇنداق بولسىمۇ  دوستۇم ئابلەي، سىلى قىلغان .ئەرزىمىگەن، نەرسە بىلەن كۆڭلۈمنى ئىپادىلىدىم، قوبۇل قىالال

  :دەپ —

»تاھىر                            

 

تاھىر ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە، نەچچە  ئابلەي شۇئان چاچراپال ئورنىدىن تۇردى ۋە بايىقى ئادەمنىڭۋاقىتتىن بېرىكى ئاچچچىق نەگىدۇر غايىپ بولۇپ، خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشەلمىگەن قېرىندىشىنى سېغىنغاندەك بىر خىل ئوتتەك قىزغىن مۇھەببەت بىلەن ئۇنى قايتا كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ كەتتى.

Page 55: ئۆڭۈك ئادالەت

ئۆزى قايتا ھاياتلىق بەرگەن كىشى گويا ئۆزىنىڭ پەرزەنتىگە ئايلىنىپ قالغاندەك بىر خىل ئۇزاق دەرتلەشكۈسى - تەرىپلىگۈسىز مىھىر يۈرىكىنى شۇررىدە ئېرىتىۋەتتى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق

بىر كەلدى.... ئۇنىڭغا تاپىاليدىغان، ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرىمۇ نۇرغۇندەك قىالتتى، ئۇ تاھىرنى تېپىپ .ئاخشام مۇڭدىشىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرنى كېزىشكە باشلىدى

.بىراق تاھىرنى ھېچيەدىن تاپالمىدى؟ ئۇ چۆچەكلەردىكىدەكال غايىپ بولغانىدى

 

ـ دىكابىر20يىل -1987

 

 

 

2

 

— ئاپتۇر جەنۇپ ئۇيغۇرلىرى ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئەرلەرنى، »قارى« دەپ چاقىرىدۇ ]0[

ھولمېس- ئەنگىلىيە يازغۇچىسى كونان دويىلنىڭ قەلىمى ئاستىدا يارىتىلغان »رازۋېــدكا پــىرى«، - ]1[ ئاپتۇر

پەركا – سىركول، — ئاپتۇر ]2[

تاۋادان — ئىشىكنىڭ ئۈستىدىكى كۆزنەك — ئاپتۇر ]3[